باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا بولۇتلۇق بولىدۇ ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃30، تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃20بولىدۇ
首页>>خەۋەر مەركىزى>>خەلقئارا خەۋەرلەر
ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بۇش ئىسرائىلىيىدە زىيارەتتە بولدى
2008-May-15 12:14 تەڭرىتاغ تورى

   

ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى ئولمېرت ئايرودرومدا بۇشنى كۈتىۋالدى

      ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بۇش 14 – ماي مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن ئىسرائىلىيىگە كېلىپ ، دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىۋەتتى .

     ئىگىلىنىشچە ، بۇشنىڭ بۇ قېتىم ئىسرائىلىيىدىكى زىيارىتىنىڭ ۋاقتى ئۈچ كۈن بولۇپ ، ئۇنىڭ ئىسرائىلىيىگە زىيارەتكە كېلىشىدىكى ئاساسىي مەقسىدى ئىسرائىلىيىنىڭ دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرلەش پائالىيىتىگە ۋە ئىسرائىلىيە زۇڭتۇڭى پېرېس تەشكىللىگەن زۇڭتۇڭ مۇنبىرىگە قاتنىشىش شۇنداقلا ئوتتۇرا شەرقنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن بولۇپ ، بۇ ئۇنىڭ يېقىنقى 4 ئاي ئىچىدە ئىككىنچى قېتىم ئىسرائىلىيىدە زىيارەتتە بولىشى ئىكەن .  

      بۇش ئىسرائىلىيىدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن يەنە سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە مىسىردا زىيارەتتە بولىدىكەن .

ئىسرائىلىيە تەرەپ مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ بۇش ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسىنى قىزغىن كۈتۈۋالدى

 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ