باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا بولۇتلۇق بولىدۇ ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃30، تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃20بولىدۇ
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
2008-May-15 12:00 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

     .دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 14 –ماي ئېلان قىلغان ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 4 – ئايدا، مەملىكەت بويىچە كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىلىرى ئەمەلگە ئاشۇرغان ئاشۇرۇلما قىممەت بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىسىدىن 15.7 پىرسەنت ئېشىپ، ئېشىش سۈرئېتى بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىسىدىن 1.7 پوئىنت تۆۋەن بولغان. كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىلىرى1 – ئايدىن 4 – ئايغىچە ئەمەلگە ئاشۇرغان ئاشۇرۇلما قىممەت بولسا بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىسىدىن 16.3 پىرسەنت ئاشقان.

     .دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 4 – ئايدا، مەملىكىتىمىز سانائەت كارخانىلىرى مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىش نىسبىتى 97.8 پىرسەنت بولۇپ، بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىسىدىن 0.5 پوئىنت تۆۋەن بولغان.

     .جۇڭگو تاشقى پىروۋوت سودا مەركىزىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 14 – ماي خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا ئايرىۋاشلىنىش ئارىلىق باھاسى 6 يۈەن 9 مو 9 پۇڭ 8.7 لىدا مەلۇم قىلىنىپ، ئالدىنقى سودا كۈنىدىكىدىن 100 ئاساسىي نۇقتا تۆۋەنلىگەن. بۇ خەلق پۇلىنىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا ئايرىۋاشلىنىش نىسبىتىنىڭ ئۇدا ئىككى كۈن تۆۋەنلىششىى . تۈنۈگۈن، بانكىلار ئارا تاشقى پىروۋوت بازىرىدا بىر ئامېرىكا دوللىرى 6 يۈەن 9 مو 9 پۇڭ 8.7 لىغا، بىر ياۋرو 10 يۈەن 8 مو 2 پۇڭ 3 لىغا، 100 ياپونىيە يىنى 6 يۈەن 6 مو 7 پۇڭ 6 لىغا، بىر شياڭگاڭ پۇلى 8 مو 9 پۇڭ 8 لىغا، بىر ئەنگىلىيە فوند سىتىرلىڭى 13 يۈەن 6 مو 1 پۇڭ 4 لىغا ئايرىۋاشلاندى.

     .ئىراننىڭ خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئازايتىدىغانلىقى توغرىسدىكى خەۋەرنىڭ  تەسىرىدە، نيويورك تاۋار بېرژىسىدا مۇشۇ ئاينىڭ 13 – كۈنى خام نېفىتنىڭ قەرەللىك باھاسى ئارىلىقتا بىر مەھەل 127 ئامېرىكا دوللىرىغا يېقىنلىشىپ،  يۇقىرى يېڭى سەۋىيە يارىتىلدى. بۇ كۈنى، نيويورك تاۋار بېرژىسىدا 6 – ئايدا مال تاپشۇرىلىدىغان ھەر تۇڭ سۇيۇق خام نېفىتنىڭ قەرەللىك باھاسى ئارىلىقتا بىر مەھەل 126.98 ئامېرىكا دوللىرىغا چىقىپ، يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى. بازار يىغىلىدىغاندا بۇ خىل خام نېفىتنىڭ ھەر تۇڭىنىڭ قەرەللىك باھاسى 1.57 ئامېرىكا دوللىرى ئۆرلەپ، بازار 125.8 ئامېرىكا دوللىرىلىق باھادا يېپىلدى. لوندون خەلقئارا نېفىت سودا بېرژىسىدا 5 – ئايدا مال تاپشۇرىلىدىغان ھەر تۇڭ شىمالىي دېڭىز برونت خام نېفىتىنىڭ قەرەللىك باھاسى 1.19 ئامېرىكا دوللىرى ئۆرلەپ، بازار 124.1 ئامېرىكا دوللىرىلىق باھادا يېپىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا، نيويورك تاۋار بېرژىسىدا 6 – ئايدا مال تاپشۇرىلىدىغان ھەر گالون بىنزىننىڭ قەرەللىك باھاسى 3.58 سىنت ئۆرلەپ، بازار 3.2 ئامېرىكا دوللىرىلىق باھادا يېپىلىپ، يېڭى تارىخى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى. 6 – ئايدا مال تاپشۇرىلىدىغان ئىسسىنىشقا ئىشلىتىلىدىغان ھەر گالون ماينىڭ قەرەللىك باھاسى 13.91 سىنت ئۆرلەپ، بازار 3.70 ئامېرىكا دوللىرىلىق باھادا يېپىلدى. 6 – ئايدا مال تاپشۇرىلىدىغان ھەر مىڭ كۇپ ئىنگىلىز چىسى تەبىئى گازنىڭ قەرەللىك باھاسى 12.1 سىنت ئۆرلەپ، بازار 11.42 ئامېرىكا دوللىرىلىق باھادا يېپىلدى.

     .يېڭىدىن نەشىردىن چىققان ئامېرىكا ‹‹ نېفىت، تەبىئى گاز ژورنىلى›› دا ئېلان قىلىنغان يىللىق ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، بۇلتۇر دۇنيا بويىچە جەمئى 2 تىرلىيون 856 مىليارد 500 مىليون كۇپ مېتىر تەبىئى گاز ئىشلەپچىقىرىلىپ، 2006 – يىلىدىكىدىن 0.7 پىرسەنت ئاشقان؛ بۇنىڭ ئىچىدە دۆلىتىمىزنىڭ تەبىئى گاز ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 69 مىليارد 300 مىليون كۇپ مېتىرغا يېتىپ، 2006 – يىلىدىكىدىن 19 پىرسەنت ئېشىپ، دۇنيا تەبىئى گاز ئىشلەپچىقىرىش چوڭ دۆلەتلىرى رەت تەرتىپىدىكى ئورنى 2006 – يىلىدىكى 21 – ئورۇندىن 9 – ئورۇنغا ئۆتۈپ، تۇنجى قېتىم دۇنيادىكى تەبىئى گاز ئىشلەپچىقىرىشىدىكى 10 كۈچلۈك دۆلەت قاتارىغا كىرگەن.

     .مەركىزى بانكا مۇشۇ ئاينىڭ 13 – كۈنى ئېلان قىلغان 4 – ئايلىق پۇل مۇئامىلە سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 1 – ئايدىن 4 – ئايغىچە، دۆلىتىمىز چىگرىسى ئىچىدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ تۈرلۈك كىردىت سوممىسى 1 تىرلىيون 769 مىليارد 500 مىليون يۈەن كۆپەيگەن، بۇ بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىسىدىن 47 مىليارد 200 مىليون يۈەن ئاز بولغان، ئەمما 4 – ئايدا تارقىتىلغان كىردىت سوممىسى يەنىلا بىر ئاز كۆپ بولغان.

     .ئىچكىرىدىكى ئۆلكە كارخانىلىرى بىرلەشمىسى ئىچكىرى ئۆلكە كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭ بىلەن ئالاقە باغلىشىدىكى كۆۋرۈك بولۇش سۈپىتى بىلەن، نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سودىگەر چاقىرىش، مەبلەغ جەلپ قىلىشىدىكى ئاساسلىق يول بولۇپ قالدى. ئاپتونوم رايونلۇق سودىگەر چاقىرىش، تەرەققىيات ئىدارىسىنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك باشقۇرىلىدىغان  ئىچكىرىدىكى11  ئۆلكە كارخانىلار بىرلەشمىسى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نۇقتىلىق مەبلەغ سېلىش تۈرىدىن 60 نەچچىنى، سودىگەر چاقىرىش، مەبلەغ جەلپ قىلىش بويىچە 5 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغنى ئەمەلىيلەشتۈرگەن. بۇ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سودىگەر چاقىرىش، مەبلەغ جەلپ قىلىشىدا 10 پىرسەنتتىن ئارتۇق نىسبەتنى ئىگىلەيدىكەن، مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىل ئىچكىرىدىكى ئۆلكە كارخانىلىرى بىرلەشمىسى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سودىگەر چاقىرىش، مەبلەغ جەلپ قىلىشىدا 20 پىرسەنتتىن ئارتۇق نىسبەتنى ئىگىلەيدىكەن .

     .ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق نازارىتى باغۋەنچىلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى فاڭ شيا يېقىندا مۇنداق دېدى: 2005 – يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدا مۇئەسسەسەلىك يېزا ئىگىلىك كۆلىمى 409 مىڭ مو، 2006 – يىلى 494 مىڭ مو ئېدى، 2007 – يىلى بولسا 626 مىڭ موغا يەتتى. 2006 – يىلىدىن 2007 – يىلىغىچە بولغان ئىككى يىل مابەينىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مۇئەسسەسەلىك يېزا ئىگىلىكى كۆلىمى يىلىغا 100 مىڭ مولۇق سۈرئەتتە كېڭەيدى، 2007 – يىلى مۇئەسسەسەلىك يېزا ئىگىلىك كۆلىمى 2005 – يىلىدىكىدىن 50 پىرسەنت ئاشتى.

     .ئۈرۈمچى شەھەرلىك قۇرۇلۇش تاملىرىنى ئۆزگەرتىش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل، ئۈرۈمچى شەھىرى 200 مىڭ كىۋادىرات مېتىر كۆلەمدىكى قۇرۇلۇشنى ئېنىرگىيە تىجەش بويىچە ئۇنۋېرسال ئۆزگەرتىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە شەھەر مالىيىسى مەبلىغى بىرىلمەيدىغان ئىدارىلەرگە  10 پىرسەنت ياردەم بىرىلىدىكەن. نۆۋەتتە ئۆزگەرتىش خىزمىتى باشلانغان.

     .ھازىرغا قەدەر، شىنجاڭ تەڭرىتاغ تاشيولىنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىنىڭ   يېرىمىدىن ئارتۇقى تاماملاندى. تەڭرىتاغ تاشيولى 1983 – يىلى 9 – ئايدا پۈتۈپ قاتناش باشلانغان، ئومۇمىي مۇساپىسى 562.74 كىلومېتىر كىلىدۇ. 20 نەچچە يىلدىن بۇيان، بۇتاشيولدا ئاپەت ئۈزلۈكسىز يۈز بېرىپ، كۆپ قېتىم قاتناش ئۈزۈلۈپ قالغان ئېدى. بۇنىڭغا قارىتا، ئاپتونوم رايون 920 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، دۆلەت يولى 217 – لىنىيىسىنى ئۆزگەرتىپ، 535 كىلومېتىرلىق يول بۆلىكىنى ئومۇمىيۈزلۈك ھالدا ئىككىنچى دەرىجىلىك تاشيول ئۆلچىمىدە ياساشنى، ھەمدە تاشيولنىڭ ئالاھىدە بۆلەكلىرىدە شامال توسۇش تاختىلىرى، قار – مۇز ئاپىتىدىن مۇداپىئە كۆرۈش توسۇقى قاتارلىق ئۇل مۇئەسسەسەلەرنى ئورنىتىپ، قاتناش بىخەتەرلىكىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى قارار قىلدى.  

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ