|
17 – نۆۋەتلىك جۇڭگو ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى 14 – ماي چۈشتىن بۇرۇن قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. قازاقىستان ۋە ئالمۇتا شەھىرىدىن كەلگەن 30 دىن ئارتۇق كارخانا ۋە 10 نەچچە ئاخبارات ۋاستىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشتى.
17–نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى ئىقتىساد – سودا يەرمەنكىسىدە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئېھتىياجلىق بولغان ئۈسكۈنە، ئېلېكترونلۇق ئائىلە سايمانلىرى، يېنىك سانائەت، توقۇمىچىلىق، بىناكارلىق– قۇرۇلۇش، ئۆي جاھازلىرى قاتارلىق ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلار نۇقتىلىق كۆزگەزمە قىلىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا سودىگەرلىرىنىڭ سېتىۋېلىش، مال زاكاس قىلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىلىدۇ؛ كېلىشىش، سېتىۋېلىش، ترانسىپورت يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ؛ ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىدە قازاقىستان، رۇسىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئۆز دۆلىتىنىڭ يۇقىرى پەن–تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلىرى، بايلىق تىپىدىكى تاۋارلىرى، ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلىشقا تەكلىپ قىلىنىپ، ئېلىمىزدىكى تېخىمۇ كۆپ سېتىۋېلىش كارخانىلىرىنى ئۇلار بىلەن ئىمپورت كېلىشىمى ئىمزالاشقا تەشكىللەپ، چەتئەل مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىمپورت قىلىنىشىغا يول ھازىرلايدۇ؛ قازاقىستان، رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تۈرلىرى كۆرگەزمە قىلىنىدۇ. كان بايلىقىنى ئېچىش، سانائەت ياساش كەسپى، يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەش، ساياھەت، سودا، پەن–تېخنىكا تۈرلىرىدە تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئالاقىلىشىش، كېلىشىم ئىمزالاش بويىچە ماھىيەتلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىپ، چەتئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلار نۇقتىلىق جەلب قىلىندۇ؛ ‹‹ ئوتتۇرا، غەربىي، جەنۇبىي، ئاسىيا رايونى ئىقتىسادى ھەمكارلىقى يۇقىرى قاتلاملىقلار مۇنبىرى›› داۋاملىق ياخشى ئېلىپ بېرىلىدۇ. نۆۋەتتە، 2008– يىللىق ئۈرۈمچى ئىقتىساد – سودا يەرمەنكىسىنىڭ كۆرگەزمە ئورنىنى سېتىش، سېتىۋېلىش خىزمىتى %80 تاماملاندى.
قازاقىستان ئەزەلدىن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى. بۇلتۇر ئاپتونوم رايونىمىز بىلەن قازاقىستاننىڭ ئىمپورت –ئېكىسپورت سوممىسى 6 مىليارد 970 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، 2006–يىلدىكىدىن %39.1 ئېشىپ، ئاپتونوم رايون تاشقى سودا ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %51 نى ئىگىلىدى. ئېلىمىزنىڭ ماشىنسازلىق- ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرى، ئاپتوموبىل، توقۇمىچىلىق، كىيىم- كېچەك، يېنىك سانائەت، يېمەكلىك قاتارلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ قازاقىستانغا ئېكىسپورت قىلىنىش مىقدارىدا تېز سۈرئەتتە ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى.
ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خۇ ۋېي ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە قازاقىستانغا ئىناق تەرەققىياتنىڭ سىمۋولى بولغان قىممەتلىك داڭقان سوۋغا قىلدى.
|