|
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئامانگۈل سەمەت خەۋەر قىلىدۇ: شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتى ئاق بۇلاق نېفىت ئېلىش زاۋۇتى قويۇق نېفىت 1 – مەشغۇلات رايونىنىڭ بىخەتەرلىك باش نازارەتچىسى سۇي جيەنخۇا يوللىغان ‹‹قويۇق نېفىت رايونىدىكى گورىزونتال قۇدۇقلارنىڭ قوشۇمچە تۇرۇبىسىنى قىزىتىپ يۇيۇش ئەگىمە چاتقۇسى›› لايىھىسى دۆلەت بىلىم – مۈلۈك ھوقۇق ئىدارىسى تەرىپىدىن يېقىندا ئەمەلىي يېڭى تىپ پاتېنت گۇۋاھنامىسىگە ئېرىشتى. بۇ ئاق بۇلاق قويۇق نېفىت رايونى ئۆزلەشتۈرۈلگەن سەككىز يىلدىن بۇيانقى تۇنجى پاتېنتقا ئېرىشكەن كەشپىيات.
ئاق بۇلاق نېفىت ئېلىش زاۋۇتىنىڭ قويۇق نېفىت ئېلىش رايونىدا 2006 – يىلى گورىزونتال قۇدۇقلار كەڭ كۆلەمدە ئۆزلەشتۈرۈلدى. گورىزونتال قۇدۇقلارنىڭ ئېغىزى ئاساسىي تۇرۇبا ۋە قوشۇمچە تۇرۇبا دەپ ئىككى بۆلەككە ئايرىلغاچقا، قوش تۇرۇبىلىق گورىزونتال قۇدۇقلارنى، تۈز قۇدۇقلارنى ‹‹كالون تۇرۇبىسىدىن كىرىپ، ئاساسىي قۇدۇقتىن چىقىش›› ئۇسۇلى بويىچە يۇيغاندا، گورىزونتال قۇدۇقلارنىڭ گورىزونتال بۆلىكىدىكى قۇمسىمان لاتقىلارنى پاكىز چىقىرىۋەتكىلى بولماي، قۇدۇق يۇيۇش سۈپىتىگە تەسىر يەتتى. بىخەتەرلىك باش نازارەتچىسى سۇي جيەنخۇا كەشىپ قىلغان گورىزونتال قۇدۇقلارنىڭ قوشۇمچە تۇرۇبىسىنى قىزىتىپ يۇيۇش ئەگىمە چاتقۇسىدىن پايدىلىنىپ ‹‹قوشۇمچە تۇرۇبىدىن كىرىپ، ئاساسىي تۇرۇبىدىن چىقىش›› ئۇسۇلى بويىچە قۇدۇق يۇيغاندا ئۈنۈمى ياخشى بولدى.
بۇ ئۇسۇل قۇدۇق يۇيۇشتىكى قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىپلا قالماي، ئەمگەك سىجىللىقىنى تۆۋەنلىتىپ، قۇدۇق يۇيۇش جەريانىدا ئادەم يارىلىنىش ھادىسىسى يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى، گورىزونتال قۇدۇقلارنى يۇيۇش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، بىخەتەرلىكنى ئاشۇرغىلى بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە. بۇ ئەگىمە چاتقۇنى ئىشلىتىش مەشغۇلاتى ئاددىي ھەم بىخەتەر بولۇپ، ئىككى ئادەم 15 مىنۇتتا قۇدۇق يۇيۇش تۇرۇبىلىرىنى ئورنىتىپ، 30 مىنۇتتىن 45 مىنۇتقىچە بىر قۇدۇقنى يۇيۇپ بولىدۇ. بۇ رايوندا ھازىر گورىزونتال قۇدۇقتىن 50 ى بار، ھەممىسىدە مۇشۇ يېڭى تىپتىكى قۇدۇق يۇيۇش ئەگمە چاتقۇسى ئىشلىتىلىۋاتىدۇ.
|