|
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھۈسىيىن مەمتىمىن خەۋەر قىلىدۇ: يېڭىسار ناھىيىسى دېھقان – چارۋىچىلار پەرزەنتلىرىگە ياخشى تەربىيىلىنىش شارائىتى يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، يەسلى مائارىپ تەربىيىسىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردى.
بۇ ناھىيە 4 – ئاينىڭ ئاخىرلىرىغىچە، 3 مىليون 500 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، يېزا – بازارلارنىڭ مەركىزى كەنتلىرىدە ‹‹قوش تىل›› لىق يەسلى قۇرۇپ، ئەسلىھەلىرىنى تولۇقلىدى، ئوقۇتۇشنى ئۆلچەملەشتۈردى، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ‹‹قوش تىل›› سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتتى. نۆۋەتتە، ناھىيە بويىچە قۇرۇلغان ‹‹قوش تىل››لىق يەسلى 80 گە، ئوقۇغۇچىسى 4439 غا يەتتى.
|