|
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 13 – ماي تېلېگراممىسى. مەركىزىي مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ ئەڭ يېڭى ھاۋارايى مەلۇماتىغا قارىغاندا، كېلەر ھەپتىدە سىچۇەن، چوڭچىڭ، گەنسۇنىڭ جەنۇبىي قىسمى، شەنشىنىڭ جەنۇبىي قىسمى قاتارلىق يەر تەۋرىگەن رايونلاردا ئۈچ قېتىم گۈلدۈرمامىلىق يامغۇر ياكى ئۆتكۈنچى يامغۇر ياغىدىكەن، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش بىلەن بىللە، گېئولوگىيىلىك ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىشنى كۈچەيتىشى كېرەك ئىكەن.
ئالدىن بېرىلگەن مەلۇماتقا قارىغاندا، 13 – مايدىن 14 – مايغىچە، يەر تەۋرىگەن رايونلاردا سم – سىم يامغۇر ياكى ئوتتۇراھال يامغۇر ياغىدىكەن، قىسمەن رايونلاردا كۈچلۈك يامغۇر ياكى قارا يامغۇر ياغىدىكەن ھەم قىسقا ۋاقىت گۈلدۈرمامىلىق يامغۇر، بوران قاتارلىق كۈچلۈك كونۋېكسىيىلىك ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن؛ 17 – ماي بىر قېتىم سۇسراق ئۆتكۈنچى يامغۇر ياغىدىكەن؛ 19 – مايدىن 20 – مايغىچە يەر تەۋرىگەن رايونلاردا يەنە يامغۇر ياغىدىكەن.
|