|
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 13 – ماي تېلېگراممىسى. مۇخبىرنىڭ خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىكىنىڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، ئىجتىمائىي ياردەم بېرىش مەھكىمىسىدىن ئىگىلىشىچە، سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ ۋېنچۇەن ناھىيىسىدە كۈچلۈك يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىكىلەر ئاپەت رايونىغا بەس – بەستە پۇل ۋە ماددىي بۇيۇم ئىئانە قىلىپ، ئاپەت بولغان رايوندىكىلەرنىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشىغا ياردەم بەردى. 13 – ماي سائەت 18گىچە، مەملىكەت بويىچە ھەر ساھەدىكىلەر ئىئانە قىلغان پۇل ۋە ماددىي بۇيۇم (ماددىي بۇيۇم پۇلغا سۇندۇرۇپ ھېسابلاندى) جەمئىي 221 مىليون 674 مىڭ 300 يۈەنگە يەتتى.
|