|
شىنخۇا ئاگېنتلىقى بېيجىڭ، 13 – ماي تېلېگراممىسى. دۆلەت يەر تەۋرەشنى ئۆلچەش – كۆزىتىش ئىدارىسىنىڭ 13 – ماي سائەت 10 دا ئېلان قىلىشىچە، ۋېنچۇەندە 13 – ماي سائەت 8 گىچە 16 قېتىم بەش بالدىن يۇقىرى يەر تەۋرىگەن، بۇنىڭ ئارىسىدا ئىككى قېتىملىقى ئالتە بالدىن ئاشقان. يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، مەملىكىتىمىزدىكى يەر تەۋرەشنى ئۆلچەش – كۆزىتىش پونكىتلىرى تورىدىكىلەر ئۆلچەش – كۆزىتىش دىجورنىلىقىنى كۈچەيتىپ، ماتېرىياللارنى ۋاقتىدا تەھلىل قىلىپ، مەسلىھەتلىشىشنى كۈچەيتتى، دۆلەت يەر تەۋرەشنى نەق مەيداندا ئۆلچەش – كۆزىتىش سەييارە ئەترىتىدىكىلەر ئاپەت رايونىغا ئاتلاندى. يۈننەن، چوڭچىڭ، چىڭخەي، گەنسۇ، شەنشىدىكى سەييارە ئۆلچەش – كۆزىتىش پونكىتلىرى تورىدىكىلەرمۇ ئاپەت بولغان رايونغا بېرىپ ئۆلچەش – كۆزىتىشنى باشلىدى.
|