باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا بولۇتلۇق بولىدۇ ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃30، تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃20بولىدۇ
首页>>خەۋەر مەركىزى>>خەلقئارا خەۋەرلەر
‹‹مېدۋېدېۋ بىلەن پۇتىننىڭ بىرلىشىشى››نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟
2008-May-15 10:21 شىنجاڭ گېزىتى

     7 – ماي روسىيە فېدېراتسىيىسىنىڭ تارىخىدا يېڭى سەھىپە ئېچىلدى. روسىيىنىڭ سايلانغان زۇڭتۇڭى مېدۋېدېۋ كرېمىلدا قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىپ، روسىيىنىڭ 3 – نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى بولدى. ئارقىدىنلا ئۇ زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغان پۇتىننى ھۆكۈمەت زۇڭلىلىقىغا كۆرسەتتى. بۇنىڭ بىلەن روسىيە ‹‹مېدۋېدېۋ بىلەن پۇتىننىڭ بىرلىشىشى›› نى ئالاھىدىلىك قىلغان يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويدى. ئۇنداقتا ‹‹مېدۋېدېۋ بىلەن پۇتىننىڭ بىرلىشىشى›› روسىيە ئۈچۈن  نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

     مېدۋېدېۋ بىلەن پۇتىننىڭ ياخشى ھەمكارلىق ئاساسى ۋە  ئۆزئارا چوڭقۇر ئىشىنىش مۇناسىۋىتى بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ھازىر زۇڭتۇڭ ۋە زۇڭلىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىشى روسىيە دۆلەت رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ سىياسىي لۇشيەنىدە يۈكسەك بىردەكلىككە ئىگە بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. مېدۋېدېۋ ھازىر ئەڭ يۇقىرى رەھبەرلىك ئورنىدا تۇرغىنى بىلەن مەۋجۇت سىياسىي تۈزۈلمە ۋە فاڭجېن، سىياسەتلەرنى ئۆزگەرتمەيدىغانلىقى توغرىسىدا كۆپ قېتىم ۋەدە بەردى.

     مېدۋېدېۋ بىلەن پۇتىننىڭ بىرلىشىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشى ئۇلارنىڭ رەھبەرلىكىدە ھاكىمىيەتنىڭ داۋاملىق كەڭ ئىجتىمائىي ئاساسقا ۋە خېلى يۇقىرى قوللاش نىسبىتىگە ئىگە بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. روسىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان خەلق رايىنى سىناش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، پۇتىن زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن خەلقنىڭ ئۇنى قوللاش نىسبىتى %84.7 بولۇپ، ئۇ ۋەزىپە ئۆتىگەن سەككىز يىلدىن بۇيانقى  ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىگە يەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېڭىدىن زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان مېدۋېدېۋ سابىق زۇڭتۇڭ پۇتىننىڭ زور كۈچ بىلەن ياردەم بېرىشىگە ئېرىشىپلا قالماي، پارلامېنتتا كۆپ سانلىق پارتىيە، گۇرۇھ ۋە خەلقنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. خەلق رايىنى سىناش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، خەلقنىڭ مېدۋېدېۋنى قوللاش نىسبىتى %71 بولغان.

     بۇنىڭدىن سىرت، ‹‹مېدۋېدېۋ بىلەن پۇتىننىڭ بىرلىشىشى›› ‹‹پۇتىن دەۋرى›› نىڭ تېخى ئاياغلاشماي، يەنە بىر خىل شەكىلدە داۋاملىشىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. روسىيىنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئومۇميۈزلۈك مۇنداق قارىدى: پۇتىن زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىپ، زۇڭلى بولغان بولسىمۇ، ئۇ يەنە پارلامېنتتا كۆپ ساننى ئىگىلىگەن بىرلىككە كەلگەن روسىيە پارتىيىسىنىڭ رەئىسلىكىنى ئۈستىگە ئېلىپ، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ چوڭ ھوقۇقىنى ئىگىلىدى، ئۇنىڭ قولىدىكى ئەمەلىي ھوقۇق ھازىرقى زۇڭتۇڭنىڭكىدىن قېلىشمايدۇ. بۇ خىل ھاكىمىيەت قۇرۇلمىسى، شەك – شۈبھىسىزكى، پۇتىن فاڭجېنىنىڭ ئىزچىللىقىنى ساقلاشقا پايدىلىق.

     مېدۋېدېۋ: زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسى ئۆتىگەن مەزگىلدە، پۇتىننىڭ فاڭجېنىنى داۋاملىق يولغا قويىمەن، پارلامېنتنىڭ تۆۋەن پالاتاسىدا كۆپ ئورۇنغا ئىگە بىرلىككە كەلگەن روسىيە پارتىيىسىنىڭ كۈچىگە تايىنىمەن، دەپ كۆپ قېتىم بايانات ئېلان قىلدى.

     مېدۋېدېۋ 7 – مايدىكى ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش نۇتقىدا مۇنداق دېدى: سەككىز يىلدىن بۇيان سېلىنغان پۇختا ئاساستىن ئەڭ زور دەرىجىدە پايدىلىنىپ، روسىيىنى دۇنيادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ بىرى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش بۇنىڭدىن كېيىنكى بىرقانچە يىلدىكى ئىستراتېگىيىلىك فاڭجېنىمىز.

     پۇتىن بۇ يىل فېۋرالدا ‹‹دۆلەتنىڭ 2020 – يىلىدىن ئىلگىرىكى تەرەققىيات ئىستراتېگىيىسى›› نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، روسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى مۇھىم ۋەزىپىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك شەرھلىدى. ئۇنىڭ ئاساسىي كۈرەش نىشانى  روسىيىنى ‹‹يېڭىلىق يارىتىشچان دۆلەت›› قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، دۇنيا بويىچە ئىقتىسادتا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان بەش كۈچلۈك دۆلەتنىڭ قاتارىغا كىرگۈزۈش. بۇ ئەمەلىيەتتە روسىيىنىڭ تەرەققىيات يولىنى تاللاش بولدى.

     پۇتىن روسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ۋەزىپىسى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: روسىيە مۇھىم يېڭى ۋەزىپىگە دۇچ كەلدى، باج، پۇل مۇئامىلە، مائارىپ، داۋالاش، تۇرالغۇ، يېزا ئىگىلىك قاتارلىق ساھەلەردە بىر قاتار مۇھىم پىلانلارنى يولغا قويىدۇ.   مېدۋېدېۋ تاشقى سىياسەت جەھەتتە مۇستەقىل، ئۆزىگە –  ئۆزى خوجا بولىدىغان ۋە ئەمەلىي دىپلوماتىيە فاڭجېنىنى يولغا قويۇپ، مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىگە ئەزا دۆلەتلەرنى روسىيە دىپلوماتىيىسىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىشنى تەشەببۇس قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: تاشقى سىياسەت ۋە سىرتقا قارىتىلغان ئىقتىسادىي ساھەدە لىبېرالىزم، كونسېرۋاتىزم ۋە دېموكراتىيىنى تەشەببۇس قىلماستىن، چوقۇم دۆلىتىمىزنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزدە تۇتىشىمىز كېرەك.

     ئەڭ يېڭى خەلق رايىنى سىناش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، روسىيە خەلقى ئىچىدە دۆلەت ئىقتىسادىنىڭ ئىستىقبالىغا ئۈمىدۋار قارايدىغانلار ئۈمىدسىز قارايدىغانلاردىن %30 كۆپ ئىكەن. ئۇنىڭدىكى مۇھىم سەۋەب شۇكى، روسىيىدىكى نامراتلار بۇنىڭدىن ئۈچ يىل ئىلگىرىكىدىن تەخمىنەن %10 ئازايغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە تېز تەرەققىي قىلغان. ھازىر %53 خەلق روسىيە دۇنيادىكى ياشاشقا ئەڭ باپ كېلىدىغان جەلپكار دۆلەتكە ئايلىنالايدۇ، دەپ قارايدىكەن.

     روسىيىدە كىشىنى ئۈمىدلەندۈرىدىغان سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋەزىيەت بارلىققا كەلگەن  بولسىمۇ، 12 يىل ئىچىدە پۇتىن ئوتتۇرىغا قويغان ‹‹دۆلەتنىڭ 2020 – يىلىدىن ئىلگىرىكى  تەرەققىيات ئىستراتېگىيىسى›› نى ئىشقا ئاشۇرۇشتەك ئۇلۇغۋار نىشانغا يېتىش ئوڭاي ئەمەس. يېڭى ھاكىمىيەت دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىق ۋە خىرىس يەنە ناھايىتى كۆپ.

     روسىيە لېۋادا ئانالىز مەركىزى يېقىندا ئېلان قىلغان خەلق رايىنى سىناش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە،  %62 كىشى يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ تۇنجى ۋەزىپىسى پۇل پاخاللىقىنى تىزگىنلەپ، مال باھاسىنى تۆۋەنلىتىش بولۇشى كېرەك، دەپ قارايدىكەن. %49 كىشى سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تىرىشىپ ئاشۇرۇش كېرەك، %38 كىشى ئىجتىمائىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش كېرەك، دەپ قارايدىكەن.

     مېدۋېدېۋ مۇنداق دېدى: روسىيىدىكى ئەڭ ئاساسلىق مەسىلە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ ئىقتىدارى تۆۋەن. دۆلەت مالىيىسى يەنىلا ناھايىتى زور دەرىجىدە خام ماتېرىيال بازىرىغا تايىنىۋاتىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: روسىيىنىڭ يېڭىلىق يارىتىشىدىكى ئاساسلىق رەقىبى شۇكى، مەمۇرىي ئورگانلاردا ھۇرۇنلۇق ساقلىنىۋاتىدۇ، يېڭى مەھسۇلات پۈتكۈل روسىيىنىڭ سانائەت مەھسۇلاتلىرى ئىچىدە ئاران% 5.5 نى ئىگىلەيدۇ.

     روسىيە پۇقرالىرى قاتتىق نەپرەتلىنىۋاتقان چىرىكلىشىش ئەھۋالىغا قارىتا مېدۋېدېۋ مۇنداق ۋەدە بەردى: يېقىنقى مەزگىلدە، بىر قاتار چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش قانۇنلىرى ماقۇللىنىدۇ.  قانۇنغىلا تايىنىپ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتا مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولمايدۇ، يەنە جەمئىيەتنىڭ ئومۇمىي تۇرمۇش سۈپىتىنى ياخشىلاش ۋە ئەمگەك ھەققىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

     روسىيىنىڭ سىياسىي مەسىلىلەر مۇتەخەسسىسى كۇتاخوۋ مۇنداق دېدى: ئەگەر پۇتىن ئاساسلىقى نېفىت، دوللارغا تايىنىپ ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇردى، دەپ قارالسا، ئۇنداقتا مېدۋېدېۋ تېخىمۇ مۇرەككەپ ۋەزىپە  يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇشقا تايىنىپ دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرۇشقا دۇچ كېلىدۇ. بۇنىڭدىن قارىغاندا روسىيە يېڭى ھاكىمىيىتىنىڭ ۋەزىپىسى ئېغىر، مەنزىلى يىراقتەك قىلىدۇ.  

شىنخۇا ئاگېنتلىقى 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ