باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا بولۇتلۇق بولىدۇ ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃30، تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃20بولىدۇ
首页>>خەۋەر مەركىزى>>خەلقئارا خەۋەرلەر
پۇتىننىڭ سەككىز يىلى
2008-May-15 10:17 شىنجاڭ گېزىتى

    ۋلادىمىر پۇتىن ،1952–يىل 10–ئاينىڭ 7–كۈنى لېنىنگراد شەھىرى(ھ–ازىرقى سانكتپېتېربۇرگ شەھىرى)دە تۇغۇلغان1999يىل12–ئاينىڭ31–كۈنى روسىيە فېدېراتسىيىسىنىڭ زۇڭلىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان پۇتىن مۇۋەققەت زۇڭتۇڭ بولغان،2000–يىل3–ئاينىڭ26–كۈنى روسىيە فېدېراتسىيىسىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغان ھەم5 –ئاينىڭ7–كۈنى رەسمىي قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغان2004–يىلى3–ئايدا، پۇتىن سايلامدا يەنە غەلىبە قىلىپ زۇڭتۇڭ بولغان2008–يىل5–ئاينىڭ7–كۈنى ۋەزىپىسىنى رەسمىي ئۆتكۈزۈپ بېرىپ،سەككىزيىللىق زۇڭتۇڭلۇق ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغان.

     روسىيىنىڭ يېڭى زۇڭلىسى پۇتىن

     ۋلادىمىر پۇتىن  1952 – يىل 10 – ئاينىڭ 7 – كۈنى لېنىنگراد شەھىرىدە (ھازىرقى سانكت –  پېتېربۇرگ شەھىرى) دە تۇغۇلغان، 1975 – يىلى لېنىنگراد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن فاكۇلتېتىنى پۈتكۈزگەن. شۇنىڭدىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ك گ ب سىستېمىسىدا 15 يىل خىزمەت قىلغان، بۇ مەزگىلدە 1985 – يىلىدىن 1990 – يىلىغىچە دېموكراتىك گېرمانىيىدە خىزمەت قىلغان.

     پۇتىن 1990 – يىلى دۆلىتىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، لېنىنگراد ئۇنىۋېرسىتېتى مۇدىرىنىڭ تاشقى ئىشلار ياردەمچىسى، سانكت – پېتېربۇرگ شەھىرى باشلىقىنىڭ مەسلىھەتچىسى، شەھەرلىك ھۆكۈمەت تاشقى ئالاقە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋە سانكت – پېتېربۇرگ شەھىرىنىڭ 1 – مۇئاۋىن باشلىقى بولغان. 1996 – يىلى 8 – ئايدا روسىيە زۇڭتۇڭ ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان، 1997 – يىلى 3 – ئايدا روسىيە زۇڭتۇڭ ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى قوشۇمچە مەمۇرىي تەپتىش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان، 1998 – يىلى 5 – ئايدا روسىيە زۇڭتۇڭى ئىشخانىسىنىڭ 1 – مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان. 1999 – يىلى 3 – ئايدا روسىيە فېدېراتسىيىسى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ كاتىپى بولغان، 8 – ئاينىڭ 9 – كۈنى 1 – مۇئاۋىن زۇڭلى قوشۇمچە مۇۋەققەت زۇڭلى بولغان، 8 – ئاينىڭ 16 – كۈنى زۇڭلى بولغان.

     1999 – يىل 12 – ئاينىڭ 31 – كۈنى، روسىيە زۇڭتۇڭى يېلتسىن زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكىنى ھەم پۇتىننىڭ زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى ۋاكالىتەن يۈرگۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. 2000 – يىلى 3 – ئايدا ۋە 2004 – يىلى 3 – ئايدا پۇتىن ئىككى قېتىم زۇڭتۇڭ سايلىمىدا غەلىبە قىلغان.

     پۇتىن ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن سەككىز يىلدا روسىيىنىڭ چوڭ دۆلەتلىك ئوبرازىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى چۆرىدەپ، ئىچكى قىسىمدا ماس تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، فېدېراتسىيە ھاكىمىيەت ھوقۇقىنى كۈچەيتكەن، ئىقتىسادىي تەرتىپنى رەتكە سالغان، پۇل مۇئامىلە مۇشتۇمزورلىرىغا زەربە بەرگەن، ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتكەن؛ خەلقئارا مۇھىتنى تىرىشىپ ياخشىلاپ، ماكاننى كېڭەيتىپ، دۆلەت مەنپەئىتىنى قوغداپ، خەلقئارا سەھنىدە روسىيىنىڭ كۈچلۈك دۆلەتلىك ئورنىنى پەيدىنپەي ئەسلىگە كەلتۈرگەن. پۇتىن توختىماي تىرىشىش ئارقىلىق، خەلقنىڭ رايى يانغان، ئىقتىساد خارابلاشقان، خەلق تۇرمۇشى قىيىنلاشقان روسىيىنى قايتىدىن جانلاندۇرۇپ، سىياسىي ۋەزىيىتى مۇقىم، ئىقتىسادى سىجىل ئاشقان، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى كۆرۈنەرلىك ياخشىلانغان، خەلقئارادىكى ئورنى كۆرۈنەرلىك ئۆسكەن دۆلەتكە ئايلاندۇرغان. ھازىر روسىيە دۇنيا بويىچە 7 – چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇپ قالدى. روسىيىنىڭ ئالتۇن تاشقى پېرېۋوت زاپىسى پۇتىن ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن دەسلەپكى مەزگىلدىكى 15 مىليارد دوللاردىن ھازىرقى 500 نەچچە مىليارد دوللارغا كۆپەيدى. پۇتىننىڭ نەتىجىسى گەۋدىلىك بولغاچقا، كۆپ يىللاردىن بۇيان خەلقنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىپ، قوللاش نىسبىتى ئىزچىل %70 تىن يۇقىرى بولدى.

     پۇتىن زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەندىن كېيىن، بىرلىككە كەلگەن روسىيە پارتىيىسىنىڭ رەئىسى بولدى. روسىيىنىڭ يېڭى زۇڭتۇڭى مېدۋېدېۋ 7 – ماي قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، پۇتىننى يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ زۇڭلىلىقىغا كۆرسەتتى. پۇتىن ئىلگىرى زۇڭلىلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. شۇڭا زۇڭتۇڭلۇق ئورنىدىن ئايرىلغان پۇتىن روسىيىنىڭ سىياسىي سەھنىسىدە داۋاملىق مۇھىم رول ئوينايدۇ.

     پۇتىن قەتئىي خاراكتېرگە ئىگە بولۇپ، ھېسسىياتىنى ئاسان ئىپادىلىمەيدۇ، خىزمەت ئىستىلى كەسكىن، ئەستايىدىل ۋە ئېھتىياتچان. ئۇ تەنھەرىكەتكە ئىشتىياق باغلىغان بولۇپ، سامبوچە چېلىشىش، جۇدو ۋە تاغدا قار تېيىلىش تەنھەرىكىتىنى بەكمۇ ياخشى كۆرىدۇ.

     پۇتىن جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرەتتى. ئۇ 2000 – يىلى 7 – ئايدا، 2002 – يىلى 12 – ئايدا، 2004 – يىلى 10 – ئايدا ۋە 2006 – يىلى 3 – ئايدا زۇڭتۇڭلۇق سالاھىيىتى بىلەن جۇڭگونى زىيارەت قىلغان.                              

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ