باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا بولۇتلۇق بولىدۇ ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃30، تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃20بولىدۇ
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قىلىپ، يود كەملىك كېسىلىنى تۈگىتىش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتەيلى
2008-May-15 10:06 شىنجاڭ گېزىتى

 ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تىلىۋالدى ئابدۇرېشىت

     بۇ يىل 15 – ماي ئېلىمىزنىڭ 15 – قېتىملىق يود كەملىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش تەشۋىقات كۈنى. بۇ يىللىق تەشۋىقاتنىڭ ئاساسىي تېمىسى  ‹‹يود قوشۇلغان تۇزنى ئىستېمال قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ساغلام تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بولايلى››. بۇ ئاساسىي تېما پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتى ۋە تەن سالامەتلىكىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپ، يود كەملىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈردى. يود كەملىك كېسىلى ئېلىمىزدىكى تارقىلىشى ئەڭ كەڭ، تەھدىتىگە ئۇچرايدىغان ئاھالە ئەڭ كۆپ يەرلىك كېسەل. يود كەملىكنى تەبىئىي مۇھىت كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ھامىلىنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئەقلىي ئىقتىدارى تۆۋەن بولۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش، كەمتۈك ۋە ئەقلىي جەھەتتە مېيىپ تۇغۇلۇپ، نوپۇسنىڭ ساپاسىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا توسالغۇ بولۇش قاتارلىق ئېغىر زىيىنى بار. يود كەملىك كېسىلىنىڭ زىيىنى زور، تەسىرى ئېغىر جامائەت ساغلاملىقى مەسىلىسى بولۇپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى ئېغىر ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي مەسىلە.

     شىنجاڭ دېڭىزدىن يىراق ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ‹‹ئۈچ تاغ، ئىككى ئويمانلىق››تىن ئىبارەت ئۆزگىچە گىئولوگىيىلىك قۇرۇلمىسى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەبىئىي مۇھىتىدا يود بايلىقىنىڭ ئىنتايىن قىس بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، شۇ سەۋەبلىك يود كەملىك كېسىلى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىر، تارقىلىشى كەڭ، زىيىنى ئېغىر يەرلىك كېسەلگە ئايلانغان. ماتېرىياللاردا خاتىرىلىنىشىچە، 20  ئەسىرنىڭ 50 – ، 60 – يىللىرى يود كەملىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى، ئاپتونوم رايونىمىز ئاھالىلىرىنىڭ يود ئوزۇقلۇق ئەھۋالى ئىنتايىن ناچار بولۇپ، كېسەل ئېغىر بولغان رايونلاردىكى ئاھالىلەردە قالقانسىمان بەز ئىششىقىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى% 80 تىن ئاشقان، ئاھالىلەرنىڭ سۈيدۈكىدىكى يودنىڭ ئوتتۇرىچە نىسبىتى نورمال نىسبەتتىن% 75 تۆۋەن بولۇپ، ئوتتۇرىچە ئەقلىي قابىلىيەت كوئىففېتسېنتىمۇ نورمال نىسبەتتىن%20 تۆۋەن بولغان، ئاددىي جىسمانىي ئەمگەك بىلەنلا شۇغۇللىنالايدىغان ئەقلىي ئىقتىدارى تۆۋەنلەر ئاھالىلەر ئومۇمىي سانىنىڭ% 20 –%30 ىنى، ئەمگەك ئىقتىدارى يوق كرېتىنىزم كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئاغرىقلارئاھالە ئومۇمىي سانىنىڭ %2 – %5ىنى ئىگىلىگەن.   

     پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ئېلىمىزدىكى يود كەملىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىگە ئەزەلدىن يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلمەكتە، 20  ئەسىرنىڭ 90 –  يىللىرىدىن باشلاپ، مەملىكەت بويىچە جايلاردا ئاش تۇزىغا يود قوشۇش ئارقىلىق يود كەملىك كېسىلىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلدى. ئېلىمىز ھۆكۈمىتى يەنە خەلقئارا جەمئىيەتكە يود كەملىك كېسىلىنى تۈگىتىش نىشانىغا يېتىش توغرىسىدا ۋەدە بەردى.

     ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى يود كەملىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋا لاش خىزمىتىنى باشتىن – ئاخىر خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشتىكى چوڭ ئىش قاتارىغا قويۇپ، بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ، پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈردى. ‹‹9 – بەش يىل›› دا، ئاپتونوم رايون يود كەملىك كېسىلىنى تۈگىتىشنى خەلق ئىگىلىكى، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە مىللەتنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈشتىكى زور مەسىلە قاتارىدا مۇھىم ئىشلار كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈپ، يود قوشۇلغان تۇز ئىستېمال قىلىشنى ئومۇملاشتۇرۇش مۇھىم تەدبىر قىلىنغان يود كەملىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتىن ئىبارەت ئالدىنى ئېلىش تاكتىكىسىنى بېكىتتى. ‹‹10 – بەش يىل›› دا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاپتونوم رايون بويىچە يود كەملىك كېسىلىنى تۈگىتىش قايتا سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئېچىپ، ‹‹شىنجاڭ  ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2010 – يىلى يود كەملىك كېسىلىنى تۈگىتىش نىشانىغا يېتىش ھەرىكەت لايىھىسى››نى تۈزۈپ يولغا قويدى، ھازىر ئاپتونوم رايون بويىچە ‹‹ھۆكۈمەت ئەھمىيەت بېرىدىغان، تارماقلار ماسلىشىدىغان، ئامما قاتنىشىدىغان›› يود كەملىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمەت مېخانىزمى ئاساسەن شەكىللەندى ھەم ‹‹ھەر يەرنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا يارىشا ئىش كۆرۈپ، تۈرلەر بويىچە يېتەكچىلىك قىلىنىدىغان›› يود كەملىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش فاڭجېنى بويىچە ئالاقىدار تەدبىر ۋە خىزمەتلەر ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى. 2005 – يىلىغىچە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا يود كەملىك كېسىلىنىڭ تارقىلىشى ۋە يامرىشى ئاساسىي جەھەتتىن كونترول قىلىنىپ، زىيان سېلىش دەرىجىسى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى، يود كەملىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىدە ئومۇمىي جەھەتتىن كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى. ئاپتونوم رايونىمىز ئاھالىلىرىنىڭ يود قوشۇلغان تۇز ئىشلىتىش نىسبىتى، لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى، ئائىلە ئاياللىرى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ يود كەملىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئالاقىدار ساۋاتلارنى بىلىش نىسبىتى ۋە ئاھالىلەرنىڭ سۈيدۈك تەركىبىدىكى يودنىڭ ئوتتۇرىچە نىسبىتى قاتارلىقلار 1996 – يىلىدىكىدىن خېلى ئۆرلىدى، بالىلاردا قالقانسىمان بەز ئىششىقى كۆرۈلۈش نىسبىتى% 15كە تۆۋەنلىدى.

     نەتىجىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىللە، شۇنى سەگەكلىك بىلەن كۆرۈشىمىز كېرەككى، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ خوتەن، قەشقەر، ئاقسۇ، تۇرپان ۋىلايەتلىرى ۋە قىزىلسۇ قىرغىز  ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق رايونلىرىدا يەنە 40 ناھىيە (شەھەر) يود كەملىك كېسىلىنى ئاساسىي جەھەتتىن تۈگىتىش باسقۇچلۇق نىشانىغا تېخى يەتمىدى، يود كەملىك كېسىلى يەنىلا 5 مىليونغا يېقىن ھەر مىللەت دېھقان – چارۋىچىلىرىنىڭ تەن سالامەتلىكى ۋە ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ يېتىلىشىگە زىيان يەتكۈزمەكتە. بۇ جەھەتتە تەبىئەت، جەمئىيەت، ئىقتىساد ۋە ئاساسىي كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىر بولۇش قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللارنىڭ تەسىرى بار. يەنە بىر جەھەتتىن، بۇ ئاپتونوم رايونىمىزدا يود كەملىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشتا يەنە بەزى مەسىلىلەرنىڭ ساقلىنىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئىپادىسى: بىرىنچىدىن، ئايرىم رايونلارنىڭ يود كەملىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىنىڭ مۇھىملىقىغا بولغان تونۇشى، بۇ خىزمەتكە ئەھمىيەت بېرىشى يېتەرلىك ئەمەس بولۇپ، بۇ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشقا رەھبەرلىك  قىلىش ئاپپاراتلىرى ۋە كەسپىي ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش قوشۇنى كۈچىنىڭ يېتىشمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش خىراجىتى قىس بولغاچقا، ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمى زور تەسىرگە ئۇچرىماقتا. ئىككىنچىدىن، پۈتكۈل جەمئىيەتتە يود كەملىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇنى داۋالاش خىزمىتىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىكلىكى، مۈشكۈللۈكىگە بولغان تونۇش، ئۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرىش يېتەرلىك ئەمەس، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ساۋاتلىرى تەشۋىقاتى ئەمەلىيلەشمىگەن، تەبىئەت، مۇھىت،  ئىقتىساد، مەدەنىيەت ۋە تۇرمۇش ئادىتى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە بەزى تۇز كۆللىرى، تۇز چىقىدىغان تاغ، تۇز چىقىدىغان ساھىل قاتارلىق يەرلىك تۇز بايلىقى مول رايونلاردا ئاممىنىڭ ئۆز ئالدىغا تۇز قازىدىغان، يود قوشۇلمىغان تۇزنى ئەرزان سېتىۋالىدىغان ئەھۋاللار نىسبەتەن ئومۇملاشقان، لاياقەتلىك يود قوشۇلغان تۇز ئىستېمال قىلىش نىسبىتىنىڭ ئۆرلەش سۈرئىتى ناھايىتى ئاستا، خەلق يەنىلا يود كەملىك خەۋپى ئىچىدە تۇرماقتا، ئايرىم رايونلاردا  كىچىك بالىلاردا يەرلىك كرېتىنىزم كېسىلى پەيدا بولدى. ئۈچىنچىدىن، ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش خىزمىتىنىڭ تەرەققىياتى تەكشى ئەمەس، ئاپتونوم رايون بويىچە يەنە بەش ۋىلايەت، ئوبلاستتىكى 40 ناھىيە (شەھەر) يود كەملىك كېسىلىنى تۈگىتىش باسقۇچلۇق نىشانىغا تېخى يەتمىدى، يەنە بەزى ناھىيە (شەھەر)لەردە يود كەملىك كېسىلىنى تۈگىتىش نەتىجىلىرى دېگەندەك مۇستەھكەملەنمىدى. تۆتىنچىدىن، يود كەملىك كېسىلىنى تۈگىتىش نىشانىغا يەتكەن ياكى ئاساسىي جەھەتتىن يەتكەن ئاز ساندىكى رايونلاردا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىدىيىدە بىخوتلۇق قىلىش، بوشىشىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلۈپ، باشقۇرۇش سۇسلىشىپ، مۇداپىئەگە سەل قارالغاچقا، ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش خىزمىتىدە چېكىنىش بولۇپ، يود قوشۇلمىغان تۇزنىڭ ئاش تۇزى بازىرىغا كۆپلەپ كىرىش ئەھۋالى كۈنسايىن ئېغىرلىشپ، يود كەملىك كېسىلى قايتىدىن پەيدا بولۇشقا باشلىدى. بەشىنچىدىن، بەزى رايونلارنىڭ يود كەملىك كېسىلىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش، باھالاش سىستېمىسى مۇكەممەل ئەمەس، ئۆلچەپ تەكشۈرۈش بىلەن ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشقا مۇداخىلە قىلىش سىستېمىسى ئايرىۋېتىلگەچكە، ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش خىزمىتىنىڭ ئېھتىياجىغا  ماسلىشالمايۋاتىدۇ. ئالتىنچىدىن، تەشۋىقات ۋە ساغلاملىق تەربىيىسى دېگەندەك كەڭ، چوڭقۇر بولمىغان، ئۇزاق داۋاملاشىمغان بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئېڭى ۋە ساغلاملىق بىلىملىرى سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.

     دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى 2007 – يىلى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يود كەملىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا ئائىت مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بەردى. شۇ يىلى 4 – ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق رايونلىرىدا يود كەملىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتى يىغىنى چاقىرىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يود كەملىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش توغرىسىدا قايتا سەپەرۋەر قىلىپ ۋە ئورۇنلاشتۇرۇپ، قاراتمىلىقى بولغان ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش تەدبىرلىرىنى قوللاندى: بىرىنچىدىن، ئاساسىي قاتلامغا تەشكىللىك چوڭقۇر چۆكۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئالاقىدار سىياسەت، تەدبىرلەرنى مۇھاكىمە قىلىپ تۈزدى، خىزمەت نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت ۋە ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ خىزمەت مەجبۇرىيىتىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈردى؛ ئىككىنچىدىن، ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن، تۇرپان ۋىلايەتلىرى ۋە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق رايونلاردا نۇقتىلىق تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، ئاپتونوم رايون دائىرىسىدە يود قوشۇلغان تۇزنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە بىرلەشتۈرۈپ، 35 ناھىيە (شەھەر)دىكى 450 مىڭ نۇقتىلىق كىشىگە جىددىي كۈچەيتىپ يود تولۇقلاش تەدبىرىنى قوللىنىپ، يود كەملىك كېسىلىنىڭ زىيىنىنى ئۈنۈملۈك توستى؛ ئۈچىنچىدىن، يود كەملىك كېسىلىنى تۈگىتىش پىلانى، نىشانىنى ئۆز قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون مالىيىسى 2007 – يىلىدىن باشلاپ ئۇدا بەش يىل مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىپ، خوتەن، قەشقەر، ئاقسۇ ۋىلايەتلىرى ۋە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى نامرات دېھقان – چارۋىچىلارغا ھەر يىلى يود قوشۇلغان تۇز ياردەم پۇلى بەردى؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، يود كەملىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىگە ھەر يىلى       2 مىليون 500 مىڭ يۈەن مەخسۇس خىراجەت ئاجرىتىپ، سەھىيە تارماقلىرىنىڭ ئاپتونوم رايونىمىز، بولۇپمۇ كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىر رايونلاردا ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىش، يود قوشۇلغان تۇزنى تەكشۈرۈش ۋە ئۆلچەش، كېسەللىك ئەھۋالىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش، ئاھالىنىڭ يود ئوزۇقلۇق سەۋىيىسىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش، جىددىي يود تولۇقلاش، مۇپەتتىش قىلىش ۋە باھالاش خىزمىتى خىراجىتىگە ئىشلەتمەكتە.
يود كەملىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ يود كەملىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش باسقۇچلۇق خىزمەت نىشانى›› ۋە ‹‹مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق يەرلىك كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش پىلانى (2004 – يىلىدىن 2010 – يىلىغىچە)›› دا بەلگىلەنگەن ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن، خىزمەتلەرنى تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپتىن يەنىمۇ ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك:

     بىرىنچى، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ۋە ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ئاممىنىڭ تەن سالامەتلىكى، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەت، ئىناقلىق، مۇقىملىققا  مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيىسى بىلەن، ئادەمنى ئاساس قىلغان ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، يود كەملىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىنىڭ مۇھىملىقى، مۈشكۈللۈكى ۋە ئۇزاق مۇددەتلىكلىكىنى تولۇق تونۇپ، يود كەملىك كېسىلىنى تۈگىتىشنى سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم خىزمەت قىلىپ، رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەپ، چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ يود كەملىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش باسقۇچلۇق خىزمەت نىشانى›› ۋە ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ 2010 – يىلى يود كەملىك كېسىلىنى تۈگىتىش نىشانىغا يېتىش ھەرىكەت لايىھىسى››دە بەلگىلەنگەن تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

     ئىككىنچى، يود كەملىك كېسىلى ئېغىر رايونلاردا ئاپتونوم رايوننىڭ تەلىپى ۋە بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، يەرلىك كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىلىرى ۋە ئىشخانىلىرىنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، بۇ خىزمەتكە مەخسۇس ئادەم بولۇش، مەخسۇس ئادەم مەسئۇل بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش، مەسئۇلىيەتنى كۈچەيتىپ، چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يود كەملىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

     ئۈچىنچى، ئالاقىدار تارماقلار بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرۇپ، تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش تەدبىرىنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يود قوشۇلغان تۇز ئىشلەپچىقىرىش،  ئوبوروت ھالقىلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يود قوشۇلغان تۇز سېتىش تور نۇقتىلىرىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەخسىي تۇز، سۈپىتى ناچار يود قوشۇلغان تۇز، ساختا يود قوشۇلغان تۇزنىڭ بازارغا كىرىشىدەك بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىپ، لاياقەتلىك يود قوشۇلغان تۇز بىلەن مۇقىم تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىپ، يود قوشۇلغان تۇزنىڭ قاپلاش دائىرىسى ۋە لاياقەتلىك يود قوشۇلغان تۇز ئىستېمال نىسبىتىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

     تۆتىنچى، جايلار، تارماقلار تەشۋىقات ۋە ساغلاملىق تەربىيىسى سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى تەشۋىقات ۋە ساغلاملىق تەربىيىسى پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، يود كەملىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش بىلىملىرىدىن ھەممە ئائىلە، ھەممە كىشىنى خەۋەردار قىلىپ، يود كەملىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىگە پۈتكۈل جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلىدىغان، ھەر مىللەت ئاممىسى ئاڭلىق قاتنىشىدىغان ياخشى كەيپىيات بەرپا قىلىشى كېرەك.

     بەشىنچى، سەھىيە تارماقلىرى يود كەملىك كېسىلىنى تەكشۈرۈش، باھالاش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈش سەزگۈرلۈكى ۋە قاپلاش نىسبىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى، تەكشۈرۈپ باشقۇرۇش ۋە سۈپەتنى تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، تەكشۈرۈش ئۇچۇرلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش خىزمىتىدىكى يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشى، بولۇپمۇ نۇقتىلىق رايونلار، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنى تەكشۈرۈپ باھالاش ۋە ئۇلارغا تەدبىر قوللىنىشنى كۈچەيتىپ، جايلارنىڭ يود كەملىك كېسىلىنى تۈگىتىش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ باھالاش ۋە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشنى ئەستايىدىل، ياخشى تەشكىللەش كېرەك.

     ئالتىنچى، ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يود كەملىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىراجىتىنى مالىيە خام چوتىغا كىرگۈزۈپ، كېسەل تارقالغان رايوندىكى ئاممىنىڭ يود قوشۇلغان تۇز ئىستېمال قىلىش قىيىنچىلىقى ۋە تەكشۈرۈش، تەدبىر قوللىنىش قاتارلىق ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش خىراجىتىنىڭ قىس بولۇشىدەك گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەقىقىي، ياخشى ھەل قىلىشى كېرەك.

     يود كەملىك كېسىلىنى تۈگىتىش خەلقنىڭ ساغلاملىقى، نوپۇسنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ ماس تەرەققىياتىغا چېتىلىدىغان زور ئىش؛ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئاممىنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇپ، ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال گەۋدىلىنىشى. يود كەملىك كېسىلىنى تۈگىتىش خىزمىتىدە ۋەزىپە مۈشكۈل، مەسئۇلىيەت ئېغىر، بۇرچ شەرەپلىك. شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ يۈكسەك كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللىشى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ۋە زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشى، ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ پائال ماسلىشىشى، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ كەڭ قاتنىشىشى بولسىلا، ئىشەنچىمىزنى مۇستەھكەملەپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئاتلانساقلا، پارتىيىنىڭ ئۈمىدى ۋە خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى يەردە قويماي، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، يود كەملىك كېسىلىنى تۈگىتىش خىزمىتىنى ياخشى، ئەمەلىي ئىشلەپ، چېگرا رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقىگە بەخت يارىتالايمىز. 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ