|
جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى توغرىسىدا (10)
23 – ئاپرېل چۈشتە قاراقاش ناھىيىسىنىڭ تۈۋەت يېزىسىدا زىيارەت قىلىۋاتقىنىمدا، ئاياغئەسكى كەنتىدىكى سىرتقا چىقىپ ئىشلەشنى تەشكىللەيدىغان جاپپار تۇردى ياللانما خادىملارغا ئىش ھەققى تارقىتىۋاتقان قىزغىن سورۇنغا داخىل بولۇپ قالدىم. ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ ئىچى – سىرتى ئەتراپتىكى يېزىلاردىن كەلگەن يۇرتداشلار بىلەن تولغانىدى. جاپپار تۇردى شۇ كۈنى 300 نەچچە ياللانما خادىمغا 2 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مائاش تارقاتماقچىكەن.
ئاياغئەسكى كەنتىدىكى بالىسى بىلەن بىللە ئىش ھەققى ئالغىلى كەلگەن جاپپار تۇرسۇن ناھايىتى خۇشال كۆرۈنەتتى، ئۇ ماڭا: ئىلگىرى ئائىلىمىزدىكىلەر تۆت مو يەر تېرىپ، بىر يىلدا 500 يۈەننىمۇ بانكىغا قويالمايتتۇق. ھازىر بالام ئىچكىرى ئۆلكىگە بېرىپ ئىشلەپ، بۇنچىۋالا كۆپ پۇل تېپىپ كەپتۇ، بىز بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇشال. بالام سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ، قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇپ، پۇل تېپىپلا قالماي، يەنە ئادەم بولۇشنى ۋە ئاتا – ئانىسىغا كۆيۈنۈشنى ئۆگىنىپتۇ. بالامنىڭ ئىشقا ياراپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، ناھايىتى خۇش بولدۇم، دېدى.
قاراقاش ناھىيىسىدە يەر ئاز، ئادەم كۆپ بولۇش زىددىيىتى گەۋدىلىكرەك. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قاراقاش ناھىيىسىدە ئەمگەك مۇلازىمەت ئىقتىسادى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، خۇشاللىنارلىق ۋەزىيەت شەكىللەندى. بىر ئىقتىدارلىق كىشى قوشنا – قولۇملىرىغا باشلامچىلىق قىلالايدۇ، ئۈچ ئىقتىدارلىق كىشى پۈتۈن كەنتتىكىلەرگە باشلامچىلىق قىلالايدۇ. سىرتقا چىقىپ ئىشلىگەن نۇرغۇن دېھقان: سىرتقا چىقىپ ئىشلىگەندە ھەميىنىمىز تومپىيىپلا قالماي، نەزەر دائىرىمىز ئېچىلىدىكەن، ئەقىل تاپالايدىكەنمىز، دېدى.
ھازىر خوتەندىكى سىرتقا چىقىپ ئىشلىگەن نۇرغۇن دېھقان كىرىمنى ئاشۇرۇپ، بېيىش ئارزۇسىغا يەتتى، نۇرغۇن كىشى يەنە ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە باشلامچىلىق قىلىپ، ئورتاق ئىگىلىك تىكلەپ تەرەققىي قىلدى، ئەمگەك كۈچلىرىنى سىرتقا چىقىرىش يولى ماڭغانسېرى كېڭەيدى.
ئابلاجان جاپپار 1994 – يىلى ئاتىسى بىلەن بىللە ئىچكىرى ئۆلكىگە بېرىپ قۇرۇق ئۈزۈم سودىسى قىلغانىدى، ئون نەچچە يىللىق ئىگىلىك تىكلەش جەريانى ئۇنىڭ بېيىش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. ئۇ 1998 – يىلىدىن باشلاپ پىلانلىق، مەقسەتلىك ھالدا ئۆز كەنتىدىكىلەرنى باشلاپ ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ ئىشلەشكە باشلىغان، كېيىن قوشنا كەنت، قوشنا يېزا ھەتتا قوشنا ناھىيىلەردىكى نۇرغۇن يۇرتداش ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئىشلىگەن. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ ئۆز ئالدىغا تىجارەت قىلىشتىن كۆلەملىك تىجارەت قىلىشقا تەرەققىي قىلدى. ئۇنىڭ ئابلاجان كاۋاپلىرى، يېمەك – ئىچمەك زەنجىرسىمان دۇكىنى جياڭشى، خېنەن، گۇاڭشى، گۇيجۇ، خۇنەن، گۇاڭدۇڭ، سىچۈەن قاتارلىق ئۆلكىلەردە تارماق دۇكان ئاچتى، خىزمەتچى خادىملىرى 1200 گە يەتتى، خادىملىرىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 6000 يۈەن ئەتراپىدا.
خوتەن ناھىيىسىنىڭ يېڭىئاۋات يېزىسى گاۋاش كەنتىدىكى ئابدۇرېھىم مۇھەممەتئىمىن بۇ قېتىم 3500 يۈەن ئىش ھەققى ئالدى. ئۇ خۇشال ھالدا ماڭا: ئىلگىرى تۇرمۇشىمىز ئىنتايىن نامرات ئىدى، ئابلاجان جاپپار بۇلتۇر مېنى خۇنەنگە ئىشلەشكە ئاپاردى، ئۇ يەردە ئالتە ئاي ئىشلىدىم، كۈندىلىك چىقىم ۋە يول خىراجىتىنى چىقىرىۋەتكەندە، 3500 يۈەن كىرىم قىلدىم، بۇ يىل يەنە ئىشلىگىلى بارىمەن، دېدى.
خوتەن ۋىلايىتىدىكى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ ئىشلەۋاتقانلار ھازىر خاس ئالاھىدىلىك شەكىللەندۈردى. تولۇقسىز ستاتىستىكىغا قارىغاندا، ھازىر 30 نەچچە مىڭ كىشى ئىچكىرى ئۆلكىلەردە قۇرۇق مېۋە – چىۋىنى توپ – پارچە سېتىش، يۈك توشۇش، كاۋاپچىلىق ۋە يېمەك – ئىچمەك مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋېتىپتۇ. بۈگۈنكى كۈندە خوتەننىڭ ياڭىقى، قۇرۇق ئۈزۈمى، ئۆرۈك قېقى، قىزىلگۈل قاتارلىق مەھسۇلاتلىرى، دورا ماتېرىياللىرى، يەنە گىلەم، ئەتلەس، يىپەك، كۇيا پىچىقى قاتارلىق ئەنئەنىۋى ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى مۇشۇ كەسپىي ئائىلىلەر ۋە سىرتقا چىقىپ ئىشلىگۈچىلەر ئارقىلىق مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا سېتىلماقتا.
2007 – يىلى ۋىلايەت بويىچە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان يېزا ئەمگەك كۈچى 270 مىڭ ئادەم(قېتىم)غا يېتىپ، ئەمگەك تاپاۋىتى 400 مىليون يۈەنگە يېقىنلاشتى، دېھقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئەمگەك تاپاۋىتى 265 يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن% 56 ئاشتى.
خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى چېڭ جېنشەن مۇنداق دېدى: خوتەنگە ئوخشاش ئادەم كۆپ، يەر ئاز، ئوتتۇرىچە بايلىق مىقدارىمۇ ناھايىتى ئاز ۋىلايەتتە ئەمگەك كۈچى چىقىرىش __ دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى بۆسۈش خاراكتېرلىك ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم ۋاسىتە. ۋىلايەت كەلگۈسى بەش يىلدا ‹‹ئائىلە بويىچە بىركىشىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئۇزاق مۇددەت يۆتكەش›› نىشانىغا يەتمەكچى. سىرتقا چىقىپ ئىشلەيدىغان ھەر بىر كىشىنىڭ بىر يىللىق كىرىمىنى 6000 يۈەن دەپ ھېسابلىساق، بىر ئائىلە كىشىلىرى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1500 يۈەن كىرىم قىلالايدۇ. بۇ، خوتەن ۋىلايىتىدىكى دېھقانلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، بېيىشىنى تېزلىتىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
|