باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا بولۇتلۇق بولىدۇ ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃30، تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃20بولىدۇ
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تارماقلار، ئورۇنلار ئاپەت رايونىغا بەس–بەستە پۇل ئىئانە قىلدى
2008-May-15 10:01 شىنجاڭ گېزىتى

        سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ ۋېنچۇەن ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قەلبىنى غەش قىلدى. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تارماقلار، ئورۇنلاردىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ چاقىرىقىغا پائال ئاۋاز قوشۇپ ئاپەت رايونىغا بەس – بەستە پۇل ئىئانە قىلىپ ۋە مېھىر – شەپقىتىنى ھەر خىل شەكىلدە ئىپادىلەپ، ئاپەت رايونىدىكى ئاممىنىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتۇلدۇرۇشىنى ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن قوللىدى.

       ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق قۇرۇلتىيى، خەلق ھۆكۈمىتى، سىياسىي كېڭەش بەنگۇڭتىڭى 14 – ماي پۇل ئىئانە قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى باشلامچىلىق بىلەن پۇل ئىئانە قىلدى، ھەر مىللەت كادىرلار، ئىشچى – خىزمەتچىلەر بەس – بەستە مېھىر – شەپقەت يەتكۈزدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگىنىنىڭ پۇل ئىئانە قىلىش مۇراسىمىدا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن جاڭ گولياڭ، ئالپېسباي رەقىم، دۇ چىنرۈي، لى جى، نەيىم ياسىن، مەمتىمىن ياسىن، چياۋ جىفۇ، ما مىڭچېڭ ۋە باش كاتىپ نىشان ئىبراھىم قاتارلىق رەھبەرلەر باشلامچىلىق بىلەن پۇل ئىئانە قىلىپ، سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ يەر تەۋرىگەن رايونىدىكى ئاممىغا خالىس ياردەم قىلدى، قىسقىغىنا نەچچە ئون مىنۇتتا 60 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل ئىئانە قىلىندى.

      ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئورگىنى 14 – ماي چۈشتىن كېيىن ‹‹ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، ئىرادىدىن قورغان ھاسىل قىلىش›› دېگەن تېمىدا مېھىر – شەپقەت يەتكۈزۈش، پۇل ئىئانە قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باش كاتىپى، مۇئاۋىن باش كاتىپى بەنگۇڭتىڭ، پۇل مۇئامىلە ئىشخانىسى، نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى، ئورگان مۇلازىمەت مەركىزى قاتارلىق تارماقلاردىكى 360 تىن ئارتۇق رويخەتتىكى كادىرلار ۋە ئىشچى  – خىزمەتچىلەر بىلەن بىللە ئاپەت رايونىغا بەس – بەستە پۇل ئىئانە قىلدى، يېرىم سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىتتا 70 مىڭ 720 يۈەن پۇل ئىئانە قىلىندى. ئىگىلىنىشىچە، ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن كاماندىروپكىغا چىقىپ كەتكەن ياكى ئۆگىنىشتە بولۇۋاتقان كادىرلار، ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئائىلىسىدىكىلەرگە ياكى خىزمەتداشلىرىغا پۇل ئىئانە قىلىشنى ھاۋالە قىلغان، ۋاقىتلىق ئىشچىلارمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن پۇل ئىئانە قىلغان.

      14 – ماي سەھەردە ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگىنىدىكى كادىرلار خىزمەتكە كېلىشى بىلەنلا 1 –  قەۋەتتىكى چوڭ زالغا توپلىنىپ، ئاپەت رايونىغا بولغان مېھىر – شەپقىتىنى  بەس – بەستە ئىپادىلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن خۇاڭ چاڭيۈەن، ۋاڭ ۋېي، مۇھەممەدجان ئەمەت ، ليۇ ياۋخۇا، ۋاڭ يۇڭمىڭ، قىزايجان سېلىغوجا ، كې لى ، ليۇ يەنلياڭ، رىزۋان ئەبەي، مەمەتھەسەن توختالى، ئايۇپ تېيىپ، ئابدۇلېتىپ ئابدۇرېھىم ۋە باش كاتىپ بادەي، شۇنىڭدەك دەم ئېلىشقا، پېنسىيىگە چىققان پېشقەدەم كادىرلار نەق مەيدانغا بېرىپ ياكى خىزمەتچى خادىملارغا ھاۋالە قىلىپ، ئاپەت رايونىغا جەمئىي 60 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل ئىئانە قىلدى.

     ۋېنچۇەندە يەر تەۋرىگەننىڭ ئەتىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتكومى ئاپەت رايونىغا 1 مىليون يۈەن جىددىي ئىئانە قىلدى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، بىڭتۇەن دائىرىسىدە ئاپەت رايونىغا ياردەم بېرىش، مېھىر – شەپقەت يەتكۈزۈش، ئىئانە قىلىش پائالىيىتىنى كەڭ  قانات يايدۇردى. بىڭتۇەن پارتكوم ئورگىنى 14 – ماي چۈشتىن بۇرۇن پۇل ئىئانە قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. بىڭتۇەن رەھبەرلىرىدىن خۇ شىفېي، لى شىنگۇاڭ، خۇ جاۋجاڭ، ليۇ شىنچى، جەي شياۋخېڭ، ۋاڭ چۇڭجيۇ، ما رۇڭ، لۈ گاڭ، ليۇ جيەنشىن، شۆھرەت زاكىر، يۈ شيۇدۇڭ، ۋاڭ جىلياڭ، سۇڭ جىگو، سۇڭ جيەنيې قاتارلىقلار باشلامچى بولۇپ پۇل ئىئانە قىلدى. سائەت 17 گە قەدەر، بىڭتۇەندىكى تارماقلار، بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلاردىكى 72 ئورۇن، 3000 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ 493 مىڭ يۈەن ئىئانە پۇلى تاپشۇرۇۋېلىندى. شى، تۇەن – مەيدانلارمۇ پۇل ئىئانە قىلىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىش نازارىتى ئورگانلىرى 14 – ماي كادىرلارنى ئاپەت رايونىدىكى خەلققە پۇل ئىئانە قىلىش،  مېھىر – شەپقەت يەتكۈزۈشكە سەپەرۋەر قىلدى. دەم ئېلىشقا، پېنسىيىگە چىققان كادىرلارمۇ ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىغا ئۆزلۈكىدىن پۇل ئىئانە قىلدى. كاماندروپكىغا چىقىپ كەتكەن كادىرلار تېلېفون بېرىپ، پۇل ئىئانە قىلىشنى باشقىلارغا ھاۋالە قىلدى، بۇنىڭ بىلەن جەمئىي 51 مىڭ 280 يۈەن پۇل ئىئانە قىلىندى.

       قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى 14 – ماي چۈشتىن كېيىن ئاپەت رايونىغا مېھىر – شەپقەت يەتكۈزۈش، پۇل ئىئانە قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. باش ئەترەت باشلىقى چى باۋۋېن، سىياسىي كومىسسار خۇ شياۋچىڭ باشلامچىلىق بىلەن پۇل ئىئانە قىلدى. تارماق رەھبەرلىرى ۋە ئورگان كادىرلىرىمۇ ئارقا – ئارقىدىن ھەرىكەتكە كېلىپ، يېرىم سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىتتىلا جەمئىي 200 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل ئىئانە قىلدى.  ئىگىلىنىشىچە، باش ئەترەتكە قاراشلىق قىسىملاردىمۇ پۇل – مال ئىئانە قىلىش پائالىيىتى داۋاملىشىۋېتىپتۇ.

      قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ چېگرا مۇداپىئە باش ئەترىتى ئاپەت رايونىدىكى خەلققە بەس – بەستە مېھىر –  شەپقەت يەتكۈزدى.  باش ئەترەتتىكى ئوفىتسېر – ئەسكەرلەر 13 – مايغا قەدەر،  1 مىليون 300 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پۇلى ئىئانە قىلدى، 100 مىڭدىن ئارتۇق ئىللىقلىق يەتكۈزۈش قىسقا ئۇچۇرى يوللىدى.

     قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ ئوت مۇداپىئە باش ئەترىتى 14 – ماي پۇل ئىئانە قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. باش ئەترەت ئورگىنى ۋە  بىۋاسىتە قاراشلىق ئەترەتلەردىكى 200 گە يېقىن  ئوفىتسېر – ئەسكەر  95 مىڭ 700 يۈەن پۇل ئىئانە قىلىپ، قوراللىق ساقچى قىسىمدىكى ئوفىتسېر – ئەسكەرلەرنىڭ ئاپەت رايونىدىكى ئاممىغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتىنى ئىپادىلىدى.

      ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى، تەشۋىقات بۆلۈمى، بىرلىك سەپ بۆلۈمىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار بەس – بەستە پۇل ئىئانە قىلدى. شىنجاڭ ئىسلام دىنى مەكتىپىدىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەرمۇ، بەس – بەستە پۇل ئىئانە قىلدى.

     ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمەت كومىتېتى 14 – ماي چۈشتىن ئىلگىرى 60 نەچچە كادىر، ئىشچى – خىزمەتچىنى ۋە خىزمەت كومىتېتىنىڭ پارتىيە مەكتىپىدە ئوقۇۋاتقان كۇرسانتلىرىنى پۇل ئىئانە قىلىش، مېھىر – شەپقەت يەتكۈزۈشكە تەشكىللەپ، 17مىڭ 800 يۈەن پۇل ئىئانە قىلدى.

     ئاپەت رايونىنىڭ ئەھۋالى ئاپتونوم رايوننىڭ نازارەت، ئىدارە، ئورگانلىرىدىكى كادىرلار  ۋە ئاممىنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالدى، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى 14 – ماي چۈشتىن كېيىن ئاپەت رايونىغا پۇل ئىئانە قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. كومىتېتنىڭ بارلىق كادىرلىرى، ئىشچى – خىزمەتچىلىرى ۋە بىر قىسىم دەم ئېلىشقا، پېنسىيىگە چىققان كادىرلاردىن بولۇپ 600 گە يېقىن كىشى پۇل ئىئانە قىلىش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، بىر سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىتتىلا 60 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل ئىئانە قىلدى.

     ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ خىزمىتى كومىتېتى، مائارىپ نازارىتى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئورگان ۋە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلاردىكى كادىرلار، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى ئاپەت رايونىغا پۇل ئىئانە قىلىشقا سەپەرۋەر قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى سىچۇەن ئۆلكىلىك مائارىپ نازارىتىگە ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى ھەم 100 مىڭ يۈەن پۇل ئىئانە قىلدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ سانائەت ئالىي تېخنىكومى قاتارلىق  ئالىي مەكتەپلەرمۇ پائال ھەرىكەتكە كەلدى، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار ئاپەت رايونىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن پۇل ئىئانە قىلدى.

     ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى پارتگۇرۇپپىسى  14 – ماي سەھەردە ئىئانە قىلىپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورگاندىكى كادىرلار، دەم ئېلىشقا، پېنسىيىگە چىققان ئىشچى – خىزمەتچىلەر بەس – بەستە پۇل ئىئانە قىلدى. سىرتقا كاماندروپكىغا چىقىپ كەتكەن ۋە كېسەل سەۋەبىدىن كېسەلخانىدا يېتىۋاتقان يولداشلارمۇ تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق  مېھىر – شەپقىتىنى يەتكۈزدى، ئۇلار  20  مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل ئىئانە قىلدى.

      ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى ئورگىنى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق ئورۇنلاردىكى كادىرلار، ئىشچى – خىزمەتچىلەر ھەم دەم ئېلىشقا، پېنسىيىگە چىققان خادىملار 14 – ماي چۈشتىن كېيىن  ئاپەت رايونىغا ئۆزلۈكىدىن 145 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل ئىئانە قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق كادىرلار نازارىتى 14 – ماي چۈشتىن كېيىن ئاپەت رايونىدىكى خەلققە مېھىر – شەپقەت يەتكۈزۈش، پۇل ئىئانە قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، نازارەت ئورگىنى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق كەسپىي ئورۇنلاردىكى  ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئىشچى – خىزمەتچىلەر، دەم ئېلىشقا، پېنسىيىگە چىققانلار ھەم جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست ئاساسىي قاتلىمىدىكى يېزا، بازار مەمۇرلىرىنى  ئىش ئورنىغا چىقىشتىن ئىلگىرىكى تەربىيىلەش كۇرسىغا قاتنىشىۋاتقان كۇرسانتلاردىن بولۇپ  450 كىشى ئاپەت رايونىدىكى ئاممىغا پائال ياردەم قولىنى سۇنۇپ، بىر سائەت  ئىچىدىلا 85 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل ئىئانە قىلدى.

     ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى ئاپەت رايونىغا پۇل ئىئانە قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، 80 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل ئىئانە قىلدى. نازارەت پارتگۇرۇپپىسى يەنە ئاپتونوم رايون بويىچە ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىغا ئاپەت رايونىنى قوللاپ، ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا جىددىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلاردىكى ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرىدىن ئاپەت رايونىدىن كەلگەن دېھقان ئىشلەمچىلەرگە ئائىت خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، ئالاھىدە ئىشلارنى ئالاھىدە بېجىرىپ، ئۇلارنىڭ غەم – ئەندىشىسىنى ۋاقتىدا تۈگىتىشنى تەلەپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، سىچۇەن ئۆلكىسىدىكى ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى بىلەن ئۇچۇر ئالاقە يولى تەسىس قىلىپ، شىنجاڭدا ئىشلەۋاتقان سىچۇەنلىك دېھقان ئىشلەمچىلەرنى توغرا ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ خاتىرجەم ئىشلىشىگە كاپالەتلىك قىلدى.

     ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى ئۆز سىستېمىسىدىكى كادىرلار، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى ئاپەت رايونىغا پۇل ئىئانە قىلىش، مېھىر – شەپقەت يەتكۈزۈشكە سەپەرۋەر قىلىپ، تەخمىنەن 120مىڭ يۈەن پۇل ئىئانە قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى ئورگاندىكى 125 كادىر ۋە ئىشچى – خىزمەتچىنى پۇل ئىئانە قىلىشقا تەشكىللەپ،  22مىڭ 200 يۈەن ئىئانە قىلدى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسىدىكى دۆلەت كارخانىلىرىنى ئاپەت رايونىغا پۇل ئىئانە قىلىشقا چاقىردى.

     ئاپتونوم رايونلۇق سودا – سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى ئۆز سىستېمىسىدا يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، پۇل ئىئانە قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. 14 – ماي چۈشتىن كېيىن سودا – سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىدىكى 300 دىن ئارتۇق ئىشچى – خىزمەتچى 64 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل ئىئانە قىلدى. 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ