باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا بولۇتلۇق بولىدۇ ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃30، تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃20بولىدۇ
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە رەھبەرلىرى ئاپەت رايونىغا پۇل ئىئانە قىلدى
2008-May-15 09:59 شىنجاڭ گېزىتى

 ۋاڭ لېچۈەن ئاپەت رايونىدىكى خەلققە ئىللىقلىق يەتكۈزۈش، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللاشقا چاقىرىق قىلدى

      ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورگان قورۇسىدا 14 – ماي چۈشتىن ئىلگىرى پۇل ئىئانە قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لېچۈەن ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق قۇرۇلتىيى، خەلق ھۆكۈمىتى، سىياسىي كېڭەش، شىنجاڭ ھەربىي رايونى، ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى رەھبەرلىرى سىچۇەن ئۆلكىسىدىكى ئاپەت رايونىغا باشلامچىلىق بىلەن پۇل ئىئانە قىلىپ، ئاپەت رايونىدىكى خەلققە مېھىر – شەپقەت يەتكۈزدى.

     نۇر بەكرى، ئەركىن ئىمىرباقى، ئەسقەت كەرىمباي، نيې ۋېيگو، ياڭ گاڭ، تيەن شيۇسى، فۇ چياڭ، خەن يۇڭ، لى يى، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئابىلمەجىن، سۇڭ ئەيرۇڭ، جۇ خەيلۇن، بەي جىجيې، كۈرەش مەخسۇت، چيەن جى، جاپپار ھەبىبۇللا، خۇ ۋېي، دەي گۇڭشىڭ، جىن نو، تىلىۋالدى ئابدۇرېشىت، ئەركىن تۇنىياز قاتارلىق ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى پۇل ئىئانە قىلدى.

     ۋاڭ لېچۈەن پۇل ئىئانە قىلىش مۇراسىمىدىن كېيىن مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بىز ئاپەت رايونىدىكى خەلقنىڭ تارتقان زىيىنىغا چوڭقۇر ھېسىداشلىق قىلىمىز ۋە كۆڭۈل بۆلىمىز، ئاپەت رايونىدىكى كادىرلار، ئاممىدىن سەمىمىي ھال سورايمىز، بەختكە قارشى  قازا قىلغانلارغا قايغۇلۇق تەزىيە بىلدۈرىمىز!

     ۋاڭ لېچۈەن مۇنداق دېدى: شىنجاڭ  يەر كۆپ تەۋرەيدىغان رايون بولۇپ،  يەر تەۋرەشنىڭ زەربىسىگە  كۆپ قېتىم ئۇچرىغان.  2003 – يىلى 2 – ئايدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مارالبېشى، پەيزاۋات ناھىيىلىرىدە 6.8 بال يەر تەۋرەپ ئادەم ئۆلۈش، يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلگەندە ۋە مال – مۈلۈك  ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغاندا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ئاپەت رايونىدىكى خەلقنى زور كۈچ بىلەن قوللىغان ۋە ئۇلارغا سەمىمىي غەمخورلىق قىلغانىدى، قېرىنداش ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر، مەركىزىي كومىتېت ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ تارماقلىرى، مەركەزگە قاراشلىق كارخانىلار، جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەدىكىلەر بەس – بەستە پۇل – مال ئىئانە قىلىپ، ھەر خىل شەكىلدە ئىللىقلىق يەتكۈزۈپ، بىزنىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشىمىزنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرغانىدى. سىچۇەننىڭ ۋېنچۇەن ناھىيىسىدىكى يەر تەۋرەش ئاپتونوم رايونىمىزدا يۈز بەرگەن  يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كۈچلۈك بولۇپ، ناھايىتى زور زىيان كەلتۈردى.  شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى  بۇ ئىشتا چوڭقۇر ساۋاققا ئىگە، مۇشۇنداق چاغدا بىز ئاپەت رايونىدىكى خەلققە ياردەم قولىمىزنى سۇنۇپ، كۈچىمىزنى ئايىماي، ئاپەت رايونىنىڭ ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇشىنى تېزدىن باشلىشىغا ياردەم بېرىشىمىز كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى 13 – ماي ئاپەت رايونىغا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى ھەم  4 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى. نەچچە كۈندىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار، تارماقلار، ئورۇنلار مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ چاقىرىقىنى پائال ئىزچىللاشتۇرۇپ ھەم ئۇنىڭغا ئاۋاز قوشۇپ، پارتىيىلىك كادىرلار ۋە ھەر مىللەت ئاممىسى ئارىسىدا ئاپەت رايونىغا مېھىر – شەپقەت يەتكۈزۈش، پۇل ئىئانە قىلىش پائالىيىتىنى تېزدىن ئۇيۇشتۇرۇپ، ‹‹بىر تەرەپ قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا، ھەممە تەرەپ ياردەم بېرىش›› تىن ئىبارەت ئالىيجاناب روھنى ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىق، دوستلۇق، ئۆزئارا ياردەم بېرىشتەك ئېسىل ئەنئەنىسىنى نامايان قىلدى. بۇ ئاپەت رايونىدىكى خەلقنى قوللىغانلىق بولۇپلا قالماستىن، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا بولغان جانلىق، چوڭقۇر ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسى بولۇپ، ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور ۋە چوڭقۇر.   

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ