|
جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى توغرىسىدا (11)
27 – ئاپرېل، كۆلىمى 1000 كۋادرات مېتىردىن ئاشىدىغان ئاتۇش شەھەرلىك ئەمەلىي تېخنىكا بىلەن تەربىيىلەش بازىسىدا بەزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ توكلۇق كەپشەرلەش ماشىنىسىنى ئىشلىتىشنى، بەزىلىرىنىڭ كىيىم تىكىش ماشىنىسىدا تىككۈچىلىكنى، يەنە بەزىلىرىنىڭ تامچىلىقنى ئۆگنىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ھازىر بۇ خىلدىكى تەربىيىلەش قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدا خېلىلا ئومۇملىشىپتۇ.
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى تەبىئىي مۇھىتى ناچار، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىش بايلىقى ئىنتايىن چەكلىك رايون، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدا ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. ئوبلاستقا قاراشلىق ئۈچ ناھىيە، بىر شەھەرنىڭ ھەممىسى دۆلەت بويىچە نۇقتىلىق نامرات ناھىيە(شەھەر). ئوبلاستلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش، مائاش خاراكتېرلىك كىرىمنى ئاشۇرۇشنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشقا يېتەكلەشتىكى مۇھىم تەدبىر قىلىپ، ئوبلاست بويىچە يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى ئومۇميۈزلۈك يۆتكەشنى قانات يايدۇردى. 2007 – يىلى ئوبلاست بويىچە يېزىلاردىكى 59 مىڭ 283 ئادەم (قېتىم) ئارتۇق ئەمگەك كۈچى يۆتكىلىپ، ئەمگەك – مۇلازىمەت كىرىمى 63 مىليون 991 مىڭ 100 يۈەنگە يەتتى، بۇ يېزا ئىقتىسادىي ئومۇمىي كىرىمىنىڭ%7.4 ىنى ئىگىلىدى، ئوبلاست بويىچە دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ ئەمگەك – مۇلازىمەتتىن قىلغان ئوتتۇرىچە كىرىمى 35.16 يۈەن كۆپەيدى.
ئاقچى ناھىيىسى قۇلانساراق يېزىسىنىڭ جىلدىز چارۋىچىلىق فېرمىسىدىكى قىرغىز چارۋىچى نۇرمۇھەممەد تىلىۋالدى ئەمدى سىرتقا چىقىپ ئىشلەشكە باش قاتۇرمىسىمۇ بولىدىغان بولدى. 40 ياشلار چامىسىدىكى بۇ كىشى ئىككى يىل ئىلگىرى سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى ياخشىلىماقچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئائىلىسىدە چوڭلارمۇ، بالىلارمۇ ئۇنىڭغا قاراشلىق بولغاچقا، سىرتقا چىقىپ ئىشلەشكە ئامال قىلالمىغانىدى. ئۇنىڭ بېشى تازا قېتىپ تۇرغاندا، ناھىيىلىك ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى بىلەن يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىشخانىسى يېزىدا تامچى تەربىيىلەش كۇرسى ئاچتى. ئۇ كۇرسقا قاتناشقاندىن كېيىن، ئۆي سېلىش ماھارىتىنى ئىگىلەپ، يېزىدا يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي سېلىشقا قاتناشتى، ئائىلىسىدە جىددىي ئىش چىققاندا قايتىپ كېلىشكىمۇ ئەپلىك بولدى. ئۇ بۇلتۇر بىر يىلدا 5000 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدى. ھازىر قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى يېزىلىرىدا نۇرغۇن دېھقان – چارۋىچى نۇرمۇھەممەد تىلىۋالدىغا ئوخشاش سىرتقا چىقمايلا ئىشقا ئورۇنلاشتى.
زاكاز بويىچە تەربىيىلەش قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئەمگەك كۈچى چىقىرىشتىكى يەنە بىر ئالاھىدىلىكى. ئاقتۇ ناھىيىسى ئۈجمە يېزىسىنىڭ ئاماش كەنتىدىكى رەيھانگۈل ئىمىن بۇلتۇر 3 – ئايدا نىڭبودىكى ‹‹شۇاڭيۈەن›› توقۇمىچىلىق زاۋۇتىنىڭ ئىش ئورنى تەلىپى بويىچە بىر ئايدىن كۆپرەك زاكاز بويىچە تەربىيىلەندى. تەلەپ بويىچە تەربىيىلەنگەچكە كارخانىغا بارغاندىن كېيىن ناھايىتى تېزلا ئىش ئورنىغا قويۇلدى ھەم سېخنىڭ گۇرۇپپا باشلىقلىقىغا ئۆستۈرۈلۈپ، كارخانىنىڭ غوللۇق خادىمىغا ئايلاندى، بىر يىلدا ئۆيىگە 10 مىڭ 500 يۈەن ئەۋەتتى.
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ، جېجياڭ ئۆلكىسىدىكى ‹‹سىشى خۇايى›› توقۇمىچىلىق چەكلىك شىركىتى، خاڭجۇ ‹‹خۇاشىڭ›› مامۇق بۇيۇملىرى زاۋۇتى، خېبىي رۇڭچېڭ ‹‹جىڭخەي›› كىيىم – كېچەك زاۋۇتى، ‹‹ليۇ›› كىيىم – كېچەك چەكلىك شىركىتى قاتارلىق ئون نەچچە كارخانا بىلەن ئىشچى ئىشلىتىش كېلىشىمى تۈزدى. ئىككى يىلدىن بۇيان، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە 3000 دىن ئارتۇق ئەمگەك كۈچى چىقىرىپ كارخانىلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.
ئۇلۇغچات ناھىيىسى بەش يىلدا 15 مىڭ ئادەم(قېتىم) ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەپ، ئەمگەك – مۇلازىمەت كىرىمىنى 22 مىليون 601 مىڭ 400 يۈەنگە يەتكۈزدى، ناھىيە بويىچە دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ ئەمگەك – مۇلازىمەتتىن قىلغان ئوتتۇرىچە كىرىمى 141 يۈەن ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە 2007 – يىلىلا 6000 ئەمگەك كۈچى سىرتقا چىقىپ، 12 مىليون يۈەن كىرىم قىلدى، ئەمگەك – مۇلازىمەت بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 2000 يۈەنگە يەتتى. ھازىر ناھىيە بويىچە دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمى سىرتقا چىقىپ ئىشلەشتىن كىرىدۇ. ھازىر يەرلىكتە 1000دىن ئارتۇق قىرغىز دېھقان – چارۋىچى تاغدىن ناھىيە بازىرىغا چۈشۈپ ئىشچى بولدى، 400دىن ئارتۇق كىشى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى دېڭىز بويى رايونلىرىدا ئىشلەۋاتىدۇ. بۇ دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ ئائىلىسى ئاساسىي جەھەتتىن نامراتلىقتىن قۇتۇلدى. ئاقتۇ ناھىيىسى ناھىيىدىكى ھەر قايسى سانائەت كارخانىلىرى ۋە جيېجياڭ، جياڭسۇ قاتارلىق جايلار بىلەن مۇقىم ئەمگەك كۈچىنى چىقىرىش مۇناسىۋىتى ئورناتتى، ھەر يىلى يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىدىن 40 مىڭ ئادەم(قېتىم) سىرتقا چىقىرىلىپ، 35 مىليون يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىدۇ، ئوتتۇرىچە ئەمگەك – مۇلازىمەت كىرىمى 870 يۈەنگە يېتىدۇ. بۇ يىل 1 – پەسىلدە ئاقتۇ ناھىيىسى 6928 كىشىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى، بۇنىڭ ئىچىدە 228 كىشى شىنجاڭدىن باشقا جايلارغا يۆتكەلدى.
شىنجاڭغا ياردەم بەرگۈچى ئۆلكە، شەھەرلەر ۋە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ساھەلەر بويىچە نامراتلارنى يۆلىگۈچى ئورۇنلار قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەشتىكى مۇھىم كۆۋرۈككە ئايلاندى. لياۋنىڭ، ۋۇشى، جياڭشى، ‹‹خۇانېڭ›› گۇرۇھى قاتارلىق ساھەلەر بويىچە ياردەم بەرگۈچى ئۆلكە، شەھەرلەر ۋە ئورۇنلارنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئوبلاستنىڭ يېزىلاردىكى ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكىشىدە ئاپتونوم رايون سىرتىغا يۆتكەشتەك ياخشى ۋەزىيەت كۆرۈلدى. 2007 – يىلى ئاقچى ناھىيىسى يېزىلىرىدىن 223 قىز ئۈچ ئاي خەنزۇ تىلى ۋە تىككۈچىلىك ماھارىتى بىلەن تەربىيىلەنگەندىن كېيىن خېبىي ئۆلكىسىنىڭ باۋدىڭ شەھىرىگە بېرىپ ئىشلىدى. ئاقتۇ ناھىيىسى نىڭبو، جيۇجياڭ، باۋدىڭ قاتارلىق جايلارغا 273 كىشىنى تەشكىللىك يۆتكىدى. ئۇلۇغچات ناھىيىسى يېزىلىرىدىن 268 قىز خاڭجۇغا بېرىپ ئىشلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى دەرىجىلىك يول باشقۇرۇش ئىدارىسى ساھەلەر بويىچە ئۇلۇغچات ناھىيىسىگە ياردەم بېرىدىغان بولغاچقا، ھەر يىلى تاشيول قۇرۇلۇشىدا ئۇلۇغچات ناھىيىسىگە 500 دىن ئارتۇق ئىش ئورنى تېپىپ بەردى.
ئۇلۇغچات ناھىيىسىنىڭ ئوقسالۇر يېزىسىدىكى قىرغىز دېھقان سەنەم موجى ئائىلىسى يېزا بويىچە نامرات ئىدى، ئائىلىدىكى ئۈچ قېرىنداش پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ غەمخورلۇقى بىلەن سىرتقا چىقىپ ئىشلەش يولىنى تۇتقاندىن كېيىن، قىسقىغىنا ئۈچ يىلدا ئائىلە ئەھۋالىنى خېلىلا ياخشىلىدى. ئۇلار ھازىر خىش – ياغاچ قۇرۇلمىلىق ئالتە ئېغىزلىق يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي سالدى، چارۋىسى 200 گە يەتتى، بانكىغا 15 مىڭ يۈەن ئامانەت قويدى. ئەتراپتىكى يۇرتداشلار ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېيىشتى: سەنەم ئائىلىسىنىڭ بۈگۈنكى ياخشى كۈنگە ئېرىشىشىنى سىرتقا چىقىپ ئىشلەشتىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.
|