|
شىنجاڭ ئوت ئۆچۈرۈش باش ئەترىتىدىن ئىگىلىنىشچە ، ۋېنچۈەندە يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن بۇ ئەترەت دەرھال جىددىي ھالەتكە كىرىپ ، ھەرۋاقىت ئالدىنقى سەپكە ئاتلىنىشقا تەييار تۇرغان .
ئىگىلىنىشچە ، جامائەت خەۋىپسىزلىك مىنىستىرلىكىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىغا ئاساسەن ، شىنجاڭ ئوت ئۆچۈرۈش باش ئەترىتى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئەترىتى تەرتىپىگە كىرگۈزۈلمىگەن بولسىمۇ ، لېكىن بۇ ئەترەت ‹‹ۋېنچۈەندىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە قاتنىشىش›› ئىلتىماسىنى سۇنغان ، ۋە بارلىق تەييارلىق خىزمەتلەرنى پۈتتۈرۈپ ، بۇيرۇق كۈتۈپ تۇرغان .
|