باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا بولۇتلۇق بولىدۇ ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32، تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃20بولىدۇ
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئۈرۈمچى خەۋەرلىرى
ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىنىڭ %90 تىن كۆپرەك يايما ئورنى زاكاز قىلىنىپ بولدى
2008-May-14 14:10 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى

     17–نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىگە يەنە ئۈچ ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت بار بولسىمۇ،  %90 تىن كۆپرەك يايما ئورنى زاكاز قىلىنىپ بولدى.

    نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىنىڭ تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرى جىددىي ئىشلەنمەكتە، روسىيە فېدېراتسىيىسى، قازاقىستان، پاكىستان، تۇركىيە، ئىران قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلاردىكى سودا ئاپپاراتلىرى بۇ نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يەرمەنكىسىگە قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

    يېڭى شىنجاڭ خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزى قۇرۇلۇشى بۇ يىل ئۈرۈمچىدە باشلىنىپ ، كېلەر يىلىنىڭ ئاخىرىدا بىرىنچى قارارلىق قۇرۇلۇشى تاماملىنىدۇ. 1–قارارلىق قۇرۇلۇشىدا كۆرگەزمە مەيدانى 50 مىڭ كۋادرات مېتىر، يانداشما رايون مەيدانى 40 مىڭ كۋادرات مېتىر بولىدىغانلىقى پىلانلاندى ، قۇرۇلۇش تاماملانغاندىن كېيىن ئۈرۈمچى يەرمەنكىسى تېخىمۇ كەڭ ، ئازادە ، تېخىمۇ زامانىۋىلاشقان مەيدانغا ئىگە بولىدۇ.

( مۇھەررىر : قەيـسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ