|
ئەكبەر جاپپار
‹‹بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قانۇنى››دىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئاساسلانغاندا، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرىدىن تۆۋەندىكى قىلمىشنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ؛ سۈرۈك ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلىرى ئىشلەپچىقىرىشنى، تىجارەتنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇلىدۇ، قوشۇمچە 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ:
1) بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش – باشقۇرۇش ئاپپاراتى تەسىس قىلمىغان ياكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش خادىمى قويۇشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغان بولسا؛ 2) خەتەرلىك بۇيۇم ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت قىلىش، ساقلاش ئورۇنلىرى ۋە كانچىلىق، بىناكارلىق قۇرۇلۇشى قىلىش ئورۇنلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى باشقۇرغۇچىلىرى بەلگىلەنگەن سىناقتىن ئۆتەلمىگەن بولسا؛ 3) كەسىپكارنى تەربىيىلەش – يېتىشتۈرۈشتە بۇ قانۇننىڭ 21 – ماددىسىدىكى ‹‹ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى كەسپكارلىرىنى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە تەربىيىلىشى ۋە يېتىشتۈرۈشىگە، ئۇلارنىڭ زۆرۈر ئىشلەپچىقىرىش بىلىمىنى ھازىرلىشىغا، ئالاقىدار بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قائىدە – تۈزۈملىرى ۋە بىخەتەر مەشغۇلات قائىدىسىنى پىششىق بىلىشىگە، ئىش ئورنىنىڭ بىخەتەر مەشغۇلات ماھارىتىنى ئىگىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە تەربىيىلەش ۋە يېتىشتۈرۈشتە لاياقەتلىك بولمىغان كەسپكارلارنىڭ ئىش ئورنىغا چىقىپ شۇ ئىش ئورنىدا ئىشلىشىگە يول قويۇلمايدۇ›› دېگەن بەلگىلىمە ۋە 22 – ماددىسىدىكى ‹‹ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى يېڭى ھۈنەر، يېڭى تېخنىكا، يېڭى ماتېرىيال ياكى يېڭى ئۈسكۈنە ئىشلىتىشتە بىخەتەرلىك تېخنىكا خۇسۇسىيىتىنى چۈشىنىپ ۋە ئىگىلەپ، ئۈنۈملۈك بىخەتەرلىك مۇھاپىزەت تەدبىرى قوللىنىشى ھەم كەسىپكارلىرىنى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە مەخسۇس تەربىيىلىشى ۋە يېتىشتۈرۈشى شەرت›› دېگەن بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىسا؛ كەسىپكارلىرىغا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا ئالاقىدار ئىشلارنى بىلدۈرۈشتە ‹‹بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قانۇنى››نىڭ 36 – ماددىسىدىكى ‹‹ئىشلەپچقىرىش، تىجارەت ئورۇنلىرى كەسىپكارلارغا شۇ ئورۇننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قائىدە – تۈزۈمى ۋە بىخەتەر مەشغۇلات قائىدىسىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش توغرىسىدا تەربىيە بېرىشى ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىشى ھەم ئورنىدىكى خەتەر ئامىلى، ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى ۋە جىددىي تەدبىرىنى ئەينەن بىلدۈرۈشى كېرەك›› دېگەن بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغان بولسا؛ 4) ئالاھىدە مەشغۇلاتچىلارنى مەخسۇس بىخەتەرلىك مەشغۇلاتى بويىچە تەربىيىلەشتە ھەم ئالاھىدە مەشغۇلات لاياقەتنامىسى ئېلىپ ئىش ئورنىدا مەشغۇلات قىلىشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغان بولسا.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئىشلەپچىقىرىىش، تىجارەت ئورۇنلىرىدىن تۆۋەندىكى قىلمىشنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرى سۈرۈك ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇلىدۇ؛ سۈرۈك ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلەر ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشقا بۇيرۇلىدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى ‹‹جىنايى ئىشلار قانۇنى››دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ: 1) كانچىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرى ياكى خەتەرلىك بۇيۇم ئىشلەپ چىقىرىدىغان، ساقلايدىغان قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ بىخەتەرلىك ئەسلىھە لايىھىسى بولمىسا ياكى بىخەتەر ئەسلىھە لايىھىسى بەلگىلىمە بويىچە ئالاقىدار تارماقنىڭ تەكشۈرۈشىدىن، ماقۇللۇقىدىن ئۆتكۈزۈلمىگەن بولسا؛ 2) كانچىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرى ياكى خەتەرلىك بۇيۇم ئىشلەپ چىقىرىدىغان، ساقلايدىغان قۇرۇلۇشلارنى قىلغۇچى ئورۇنلار تەستىقلاتقان بىخەتەر ئەسلىھە لايىھىسى بويىچە قۇرۇلۇش قىلمىغان بولسا؛ 3) كانچىلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرى ياكى خەتەرلىك بۇيۇم ئىشلەپ چىقىرىدىغان، ساقلايدىغان قۇرۇلۇش پۈتۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا ياكى ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلۈشتىن بۇرۇن بىخەتەرلىك ئەسلىھەسى تەكشۈرۈشتىن ئۆتەلمىگەن بولسا؛ 4) چوڭراق خەتەر ئامىلى بولغان ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت سورۇنى ۋە ئالاقىدار ئەسلىھە، ئۈسكۈنىلەرگە روشەن بىخەتەرلىك سىگنال بەلگىسى ئورناتمىغان بولسا؛ 5) قۇراشتۇرغان، ئىشلەتكەن، تەكشۈرگەن، ئۆزگەرتكەن ۋە براكقا چىقارغان بىخەتەرلىك ئۈسكۈنىلىرى دۆلەت ئۆلچىمى ياكى ساھە ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولمىسا؛ 6) بىخەتەرلىك ئۈسكۈنىلىرىنى ئاسرىمىغان، رېمونت قىلمىغان ۋە قەرەللىك تەكشۈرمىگەن بولسا؛ 7) كەسىپكارلارغا دۆلەت ئۆلچىمى ياكى ساھە ئۆلچىمى بويىچە ئەمگەك مۇھاپىزىتى بۇيۇمى بەرمىگەن بولسا؛ 8) ئالاھىدە ئۈسكۈنە ۋە خەتەرلىك بۇيۇملارنى قاچىلاش، توشۇش قوراللىرىنى كەسپىي سالاھىيەتكە ئىگە ئاپپاراتنىڭ تەكشۈرۈشى، ئۆتكۈزۈۋېلىشىدىن ئۆتكۈزمەي، بىخەتەر ئىشلىتىش گۇۋاھنامىسى ياكى بىخەتەرلىك بەلگىسى ئالماي ئىشلەتكەن بولسا؛ 9) دۆلەت بۇيرۇق بىلەن شاللىۋەتكەن، ئىشلىتىشنى مەنئى قىلغان، ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان ھۈنەر، ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلەتكەن بولسا.
قانۇن بويىچە تەستىقلاتماي خەتەرلىك بۇيۇم ئىشلەپ چىقارغان، تىجارەت قىلغان، ساقلىغانلار قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا بۇيرۇلىدۇ ياكى تاقىۋېتىلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 100 مىڭ يۈەندىن ئاشقانلىرىغا قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ بىر ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بولمىغانلىرى ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 100 مىڭ يۈەنگە يەتمىگەنلىرىگە ئايرىم ياكى قوشۇمچە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى ‹‹جىنايى ئىشلار قانۇنى››دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
|