باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا بولۇتلۇق بولىدۇ ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32، تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃20بولىدۇ
首页>>خەۋەر مەركىزى>>خەلقئارا خەۋەرلەر
روسىيە ‹‹مېدۋېدېۋ–پۇتىن دەۋرى››گە رەسمىي قەدەم قويدى
2008-May-14 11:22 شىنجاڭ گېزىتى

     ‹‹بۈگۈن روسىيىدە تارىخىي ۋەقە يۈز بېرىدۇ، بۇ ۋەقە جەزمەن دەرسلىككە كىرگۈزۈلىدۇ››

     ‹‹يەر شارى ۋاقىت›› گېزىتىنىڭ روسىيىدە تۇرۇشلۇق مۇخبىرى 7 – ماي سەھەردە شۇ كۈنلۈك گېزىتنى ۋاراقلاۋېتىپ، روسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئورگان گېزىتى بولغان ‹‹روسىيە گېزىتى›› نىڭ 1 – بېتىدىكى ‹‹بۈگۈن روسىيىدە تارىخىي ئۆزگىرىش بولىدۇ، بۇ ۋەقە جەزمەن دەرسلىككە گىرگۈزۈلىدۇ، ھازىرقى زۇڭتۇڭ ھوقۇقىنى يېڭىدىن سايلانغان زۇڭتۇڭغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ›› دېگەن خەۋەرنى كۆردى. شۇ كۈنى موسكۋا كوچىلىرىدا ھەممىلا جايدا 9 – مايدىكى غەلىبە كۈنىنى تەبرىكلەش تەشۋىقات ئېلانلىرىنى ئۇچراتقىلى بولسىمۇ، ئەمما يېڭى زۇڭتۇڭنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشى توغرىسىدىكى ئېلانلارنى ئۇچراتقىلى بولمايتتى. نەچچە كۈن ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدىغىنى 7 – ماي موسكۋانىڭ ھاۋاسى تۇيۇقسىز ئۆزگىرىپ، ئاسماندا قاپقارا بۇلۇتلار پەيدا بولۇپ، تېمپېراتۇرا بىراقلا سەككىز – توققۇز سېلسىيە گرادۇسقا چۈشۈپ قالدى، كوچىلاردا كىشىلەر سوغۇقتىن غال – غال تىترىشەتتى.

     روسىيىنىڭ يېڭىدىن سايلانغان زۇڭتۇڭى مېدۋېدېۋنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمى 7 – ماي چۈشتە كرېمىل سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. كرېمىل روسىيىنىڭ سىمۋولى، مىلادى 13 – ئەسىردىن باشلاپلا ئۇ روسىيىدىكى بارلىق سىياسىي ۋەقەلەرنىڭ شاھىتى بولۇپ كەلگەن، روسىيىنىڭ چوڭ كېنەزلىكتىن بۈگۈنكى كۈندە زېمىنى ياۋروپا – ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىغا كېڭەيگەن قۇدرەتلىك دۆلەتكە ئايلىنىشتەك پۈتكۈل تارىخنىڭ گۇۋاھچىسى، ئۇ 7 – ماي يەنە بىر قېتىم سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىنكى 3 – زۇڭتۇڭنىڭ بارلىققا كېلىشىگە شاھىت بولدى.

     روسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن موسكۋا ۋاقتى 7 – ماي سائەت 11 دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە ئاندىروۋېسكىي زالىدىكى مۇراسىم نەق مەيدانىغا كەلدى، بىر ئازدىن كېيىن، يېڭىدىن زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان مېدۋېدېۋمۇ ئاندىروۋېسكىي زالىغا كەلدى.

     پۇتىن ئالدى بىلەن سۆز قىلىپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات فاڭجېنىنى داۋاملىق يولغا قويۇشنىڭ مۇھىملىقىنى نۇقتىلىق تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ‹‹ھازىر، ئەڭ مۇھىم بولغىنى شۇكى، بىز يولغا قويۇپ بەلگىلىك ئۈنۈمگە ئېرىشكەن دۆلەتنىڭ تەرەققىيات فاڭجېنىنى ئورتاق داۋاملاشتۇرۇپ، بارلىق پۇقرانىڭ مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك››. مېدۋېدېۋ ئوڭ قولىنى ئالاھىدە ئىشلەنگەن ئاساسىي قانۇن ھۆججىتىگە قويۇپ قەسەم بەردى. ئارقىدىن روسىيە فېدېراتسىيە ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى مېدۋېدېۋنىڭ روسىيىنىڭ زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى رەسمىي ئۆتكۈزۈۋالغانلىقىنى جاكارلىدى.

     مېدۋېدېۋ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش نۇتقى سۆزلەپ، ئاساسلىق ۋەزىپىسىنىڭ پۇقرالار ئەركىنلىكى ۋە ئىقتىسادىي ئەركىنلىكنى داۋاملىق راۋاجلاندۇرۇش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەم روسىيە پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلىنىشى كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. مېدۋېدېۋ پۇتىننىڭ قوللىغانلىقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى ھەم ئۇنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق قوللىشىنى ئۈمىد قىلدى.

     روسىيە مۇتەخەسسىسلىرى مۇنداق دېدى: 7 – مايدىكى زۇڭتۇڭنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش تەرتىپى ئىلگىرىكىدىن ماھىيەتلىك پەرقلەنمىدى، ئۇنى تۇنجى قېتىم كرېمىل سارىيىدا قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغان يېلىتسىن زۇڭتۇڭ لايىھىلىگەن.

     روسىيە كىشىلەرگە زۇڭتۇڭ ئالماشقاندەك تەسىرات بېرىشنى خالىمايدۇ

     نۇرغۇن غەرب ئاخبارات ۋاسىتىسى روسىيىنىڭ بۇ قېتىمقى ھاكىمىيەت ئالمىشىشىنى ‹‹يېڭى دەۋرگە قەدەم قويۇش›› دېگەن سۆز بىلەن سۈپەتلىدى. ئەنگلىيە ‹‹تايمىس گېزىتى›› نىڭ 7 – مايدىكى ماقالىسىدە مۇنداق دېيىلدى: ‹‹كرېمىل سارىيىدا چارشەنبە كۈنى چۈشتە يېڭى دەۋردىن بېشارەت بېرىدىغان قوڭغۇراق ساداسى ياڭرايدۇ، مېدۋېدېۋ قەسەم بېرىپ روسىيىنىڭ 3 – نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى بولىدۇ، ئۇ روسىيىنىڭ 114 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ياش رەھبىرى››. ‹‹ئامېرىكا ئاۋازى›› مۇ 7 – ماي: ‹‹روسىيە سىياسىيسى چارشەنبە كۈنى يېڭى دەۋرنى باشلىدى››، دېدى. ئامېرىكا ‹‹نيۇ – يورك ۋاقتى›› گېزىتىدە گەرچە ‹‹يېڭى دەۋر›› دېگەن سۆزلەر ئىشلىتىلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما مۇنداق تەكىتلەندى: ‹‹43 ياشلىق مېدۋېدېۋنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشىنى باشقىلار ھەرخىل پەرەز قىلىدۇ. ئۇنىڭ پەيدا بولۇشى روسىيىدە چىرىكلىككە جەڭ ئېلان قىلىش، بيۇروكرات ئاپپاراتلارنى قىسقارتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان زور ئۆزگىرىشنىڭ بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ››. رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: ‹‹پۇتىن ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسىنى روسىيىنىڭ پارچىلىنىشىنى توسۇش، دۆلەتنى مۇقىملاشتۇرۇش، روسىيىنىڭ خەلقئارادىكى ئىززەت – ئابرۇيىنى قايتا تىكلەش ھەم ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، دەپ  بېكىتكەن. ھازىر بۇ باسقۇچ ئاياغلاشتى. مېدۋېدېۋ كرېمىلنىڭ تەرەققىيپەرۋەرلىكىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ››.

     بۇلارغا سېلىشتۇرغاندا، روسىيىلىكلەر سىياسەتنىڭ ئىزچىللىقىنى بەكرەك تەكىتلىدى. روسىيە ئۆتكەن سەككىز يىللىق مۇقىملىقتىن كۆپ نەپكە ئېرىشىپ، چوڭ دۆلەتلىك شۆھرىتى ۋە ئىشەنچىنى ئەسلىگە كەلتۈردى، شۇنداقلا ‹‹ تۇنجى قېتىمكۆپ قىسىم پۇقرا چەت ئەلدە ئارام ئېلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولدى››. مېدۋېدېۋ رەسمىي قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشتىن ئىلگىرى، ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزۈۋېلىش توغرىسىدا توختىلىپ: ‹‹مۇھىمى، دۆلەتتە زۇڭتۇڭ ئالماشقاندەك تەسىرات پەيدا قىلماسلىق›› دېگەن. ئۇ بىر دۆلەتنىڭ مۇقىم راۋاجلىنىشى ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش جەريانىدا ‹‹ھەرقانداق كومېدىيىلىك›› ئۆزگىرىشنىڭ بولماسلىقىغا بەكرەك باغلىق، دەپ قارىغان.

     ئەمەلىيەتتە، نۇرغۇن روسىيىلىكمۇ ئۆزگىرىش ھېس قىلمىدى. ‹‹يەر شارى ۋاقىت گېزىتى›› مۇخبىرى 7 – ماي مەلۇم ئىنستىتۇتنىڭ ئامانلىق قوغدىغۇچىسى بولغان ئاندىرىي بوۋاينى زىيارەت قىلدى، ئۇ ھەتتا بۇ كۈننىڭ زۇڭتۇڭ ئالمىشىدىغان كۈن ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيدىكەن. ئۇ: ‹‹مېدۋېدېۋ بۈگۈن ۋەزىپىگە ئولتۇرامدىكەن؟ ئۆيگە قايتىپ تېلېۋىزور كۆرەي، مەن ئۇنىڭغا ئاۋاز بەرگەن. ئۇ ياش، ئىقتىدارلىق. ئۇنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن مائاشىمىزنى ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ ياخشى كۈنلەرگە ئېرىشتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن›› دېدى.

     ئاممىۋى قاتناش بېكىتىدە ئاپتوبۇس ساقلاۋاتقان رۇس موماي ئىۋانوۋا ‹‹يەر شارى ۋاقىت گېزىتى›› مۇخبىرىغا: ‹‹يېڭى زۇڭتۇڭىمىز ياش، روھلۇق، ئەقىللىق، ئىقتىدارلىق. ئۇنىڭ زۇڭتۇڭلۇق تەختىدە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تىلەكداشمىز››، دېدى.

     غەربلىك بەزى كىشىلەر روسىيىنىڭ يېڭى زۇڭتۇڭىنى زەھەرخەندىلىك بىلەن سۈپەتلىدى

     غەرب ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مېدۋېدېۋغا تەكەللۇپ قىلىپ ئولتۇرمىدى. ئەنگلىيە ‹‹تايمىس گېزىتى›› نىڭ 7 – مايدىكى ماقالىسىنىڭ تېمىسى: ‹‹قورچاق زۇڭتۇڭ: مېدۋېدېۋ بىلەن پۇتىننىڭ ھاكىمىيەت ئالماشتۇرۇشى›› بولۇپ، ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: ‹‹مېدۋېدېۋ سابىق زۇڭتۇڭ پۇتىننىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلالمايدۇ، ئۇنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن تۇنجى قىلىدىغان ئىشى پۇتىننى زۇڭلىلىققا تەيىنلەپ، ئۇنىڭ داۋاملىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىگە يول قويۇش››، روسىيىنىڭ ئالىي ھوقۇقى ئۈچ كىشى ئارىسىدا ئالماشتۇرۇلدى، ‹‹پۇتىن روسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ زۇڭلىسى بولىدۇ، ھازىرقى زۇڭلى ژۇبۇكوۋ مېدۋېدېۋنىڭ ئورنىغا روسىيە تەبىئىي گاز سانائىتى پاي شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى بولىدۇ››.

     ‹‹تايمىس گېزىتى›› دە مۇنداق دېيىلدى: نۇرغۇن كىشى ‹‹مىدۋېدېۋ پۇتىن تاللىغان قورچاق››، دەپ قارايدۇ، ئەمما يەنە بەزى تەھلىلچىلەر ‹‹مېدۋېدېۋ قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن بارلىق ھوقۇقنى تارتىۋالىدۇ››، ‹‹مېدۋېدېۋ ئۆزىنىڭ مۇستەقىللىقىنى تەدرىجىي تىكلەيدۇ›› دەپ قارايدۇ؛ ‹‹مېدۋېدېۋ روسىيىنىڭ جاسۇسلۇق تەشكىلاتى ياكى كومپارتىيە بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق تۇنجى رەھبىرى››. 

‹‹يەر شارى ۋاقىت گېزىتى›› دىن

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ