باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا بولۇتلۇق بولىدۇ ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32، تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃20بولىدۇ
首页>>خەۋەر مەركىزى>>خەلقئارا خەۋەرلەر
روسىيىنىڭ تاشقى زېمىنى ش ئا ئە ت نىڭ قورشاۋىدا قالدى
2008-May-14 11:19 شىنجاڭ گېزىتى

     روسىيىنىڭ بالتىق دېڭىزنىڭ شەرقىي قىرغىقىدا بىر پارچە سىرلىق تاشقى زېمىنى بار، ئۇ بولسىمۇ روسىيە فېدېراتسىيىسى زېمىنىدىن 600 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى كالىنىنگراد ئوبلاستى، ئۇ يەرگە بارغان جۇڭگولۇقلار ناھايىتى ئاز. ‹‹1 – ماي›› مەزگىلىدە مۇخبىرىمىز ئۇ جايغا بېرىپ، ئۇ جاينىڭ ئۆزگىچىلىكىنى ھېس قىلدى.

     مۇخبىرىمىز ئاپتوموبىل بىلەن لىتۋا ئارقىلىق كالىنىنگرادقا باردى. ئۇ بىر نەچچە كۈنلۈك زىيارەت جەريانىدا مۇنداق تەسىراتقا كەلدى: كالىنىنگراد ياۋروپانىڭ مەركىزىگە جايلاشقان بولسىمۇ، مەيلى روسىيىدىكى كۆپ قىسىم رايونلارغا سېلىشتۇرغاندا بولسۇن ياكى بارغانسېرى بىر گەۋدىلىشىۋاتقان ياۋروپا ئىتتىپاقىغا سېلىشتۇرغاندا بولسۇن، بېكىنمە ھەم يېگانە ھالەتتە ئىكەن. بۇ جاي لىتۋا بىلەن پولشىنىڭ قورشاۋىدا قالغان، تارىختا روسىيە – لىتۋا، روسىيە – پولشا ئارىسىدا كۆپ قېتىم توقۇنۇش بولغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى ھازىرمۇ يىرىك. لىتۋا بىلەن پولشا ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن روسىيىنىڭ مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشىدىكى توسالغۇ بولۇپ، روسىيىلىكلەر، جۈملىدىن كالىنىنگرادلىقلار بۇ ئىككى دۆلەتتىن ئېھتىيات قىلىدىكەن، بولۇپمۇ بەزى ياشانغانلار ‹‹جۇڭگو بىلەن گېرمانىيىنى يېقىن كۆرۈپ، لىتۋانى ياقتۇرمايدىكەن››.

     كالىنىنگراد گەرچە بېكىنمە ھالەتتە بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئورنى مۇھىم بولۇپ، خۇددى روسىيە ياۋروپانىڭ مەركىزىگە سانجىغان نەشتەرگە ئوخشايدۇ، شۇنداقلا روسىيىنىڭ غەرب بىلەن كۈچ ئېلىشىشىدىكى مۇھىم كوزىرى. ش ئا ئە ت ئۈزلۈكسىز شەرققە كېڭىيىپ، روسىيىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ماكانى تارىيىۋاتقان ئەھۋالدا، كالىنىنگرادنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئورنى تېخىمۇ گەۋدىلىنىۋاتىدۇ. كالىنىنگرادتا ئېگىز – ئېگىز ئانتېنالارنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. بۇ روسىيە ئارمىيىسىنىڭ يوشۇرۇن ئاڭلاش سىستېمىسى. روسىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋىتى جىددىيلەشكەندە، روسىيىنىڭ كالىنىنگرادقا ھەربىي قىسىم ئورۇنلاشتۇرغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر تارقىلىدۇ. بۇلتۇر ئامېرىكا پولشا بىلەن چىخقا باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سىستېما ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغاندا، روسىيە ئارمىيىسى شۇئان جاۋاب قايتۇرۇپ، كالىنىنگرادقا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. كالىنىنگراد ‹‹ھەربىيلەر ئوبلاستى›› بولۇپ، ئۇ يەردە روسىيە ئارمىيىسىنىڭ نەچچە ئون مىڭ ئەسكىرى بار. كالىنىنگرادنىڭ مەركىزى كالىنىنگراد شەھىرىنىڭ مەركىزىدە بىر ھەشەمەتلىك بىنا بولۇپ، ئۇ بالتىق دېڭىزى فلۇتىنىڭ باش شتابى. ئۇنىڭ ئالدىغا روسىيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قۇرغۇچىسى ئىمپېراتور پېتېرنىڭ مىس ھەيكىلى تۇرغۇزۇلغان. شەھەر مەركىزىدە يەنە بىر دېڭىز – ئوكيان مۇزېيى بولۇپ، ئۇنىڭغا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 20 – ئەسىرنىڭ 60 – يىللىرى ياسىغان سۇ ئاستى پاراخوتى قويۇلغان. كوچىلاردا دېڭىز ئارمىيە فورمىسىنى كىيگەن يىگىتلەرنى دائىم ئۇچراتقىلى بولىدۇ، شەھەر ئىچىدىكى ھەيكەللەر تانكا قاتارلىق قوراللارنى ئاساس قىلغان. روسىيىنىڭ بالتىق دېڭىزى فلۇتىنىڭ بازىسى دېڭىز ياقىسىدىكى كىچىك بازاردا بولۇپ، ئادەتتىكى كىشىلەر ئۇ يەرگە يېقىن بارالمايدۇ.

     كالىنىنگراد شەھىرى تارىختا گېرمانىيە شەرقىي پرۇسىيە رايونى زېمىنىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، 2 – دۇنيا ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا تەۋە بولغان. ھازىر، شەھەر ئىچىدە بىر نەچچە  كاتولىك چېركاۋى ۋە قەلئەسىدىن باشقا گېرمانىيىلىكلەرنىڭ ئىزنانىسىنى كۆرگىلى بولمايدۇ.

     كالىنىنگراد ئىقتىسادىي جەھەتتە نىسبىي ئارقىدا قالغان. روسىيە دۆلەت كۈچىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، مەركىزىي ھۆكۈمەت كالىنىنگرادقا خېلى كۆپ ئەھمىيەت بەردى ۋە مەبلەغ سالدى. كالىنىنگراد پۇتىننىڭ رەپىقىسى ليۇدىمىلانىڭ يۇرتى، پۇتىن زۇڭتۇڭ بولغان مەزگىلدە بۇ يەرگە تۆت قېتىم كەلگەن، بۇنىڭدىن پۇتىن ئائىلىسىنىڭ كالىنىنگرادقا چوڭقۇر مۇھەببىتى بارلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. زۇڭتۇڭلۇقتىن قالغان پۇتىن ‹‹كالىنىنگرادنىڭ كۈيئوغلى›› بولغاچقا، يەرلىكلەر ئۇنى دۆلەت باشلىقى، دەپ قاراپلا قالماي، ئۇنىڭ سىياسىتىنى ھەسسىلەپ قوللايدۇ.

    روسىيە 2006 – يىلى يەتتە ئىقتىسادىي رايون قۇرۇشنى قارار قىلغان، بۇ رايونلارنىڭ بىرى كالىنىنگرادتا. مۇخبىرىمىز كالىنىنگرادقا كېلىپ، يول ياقىسىدىكى ‹‹ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون›› دېگەن خەتلەر يېزىلغان تاختىنى كۆردى. روسىيە ھۆكۈمىتى بېكىتكەن ئالاھىدە رايوننىڭ مۇددىتى 25 يىل، قارىغاندا تاشقى زېمىندا قۇرۇلۇش قىلىشتا ۋەزىپە ئېغىر، مۇساپە يىراقتەك قىلىدۇ.

     مېدۋېدېۋ پۇتىننىڭ ئورنىغا چىقىپ، روسىيىنىڭ يېڭى نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى بولدى. ئۇ 1 – مۇئاۋىن زۇڭلىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقاندا، كالىنىنگراد ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئىككى يىلدىن بۇيانقى ئەمەلىيەتنىڭ ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون قۇرۇشنىڭ توغرا ئۇسۇل ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى، دەپ قارىغان. بۇ يەردىكىلەر پۇتىن سىياسىتىنىڭ ئاساسىدا كالىنىنگرادنى ‹‹بالتىق دېڭىزىدىكى شياڭگاڭغا ئايلاندۇرۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ››.

     كالىنىنگراد كەلگۈسىدە قىمارخانىنى قانداق ياخشى باشقۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن قانداق ياخشى پايدىلىنىشتىن ئىبارەت ئىجتىمائىي خىرىسقا دۇچ كېلىشى مۇمكىن. روسىيە ھۆكۈمىتى 2006 – يىلى كالىنىنگراد ئوبلاستى قاتارلىق جايلاردا تۆت ‹‹لاتارىيە ئالاھىدە رايونى›› قۇرۇش لايىھىسىنى ماقۇللاپ، بىر تەرەپتىن بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، روسىيىنىڭ ھەر قايسى رايونلىرىدىكى لاتارىيە كەسپىنىڭ قالايمىقان بولۇش ئەھۋالىنى تەرتىپكە سالماقچى، يەنە بىر تەرەپتىن، چەت – يىراق رايونلارنىڭ ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرماقچى. بۇ ئوبلاستنىڭ باشلىقى 2007 – يىلىنىڭ ئاخىرى مۇنداق دېدى: بىز 11 كۋادرات كىلومېتىر يەرنى ئاجرىتىپ، كۆڭۈل ئېچىش ئورنى سالىمىز، ئۇنىڭ ئىچىدە بەش كۋادرات كىلومېتىر جايغا قىمارخانا سالىمىز. كۆڭۈل ئېچىش شەھەرچىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، 20 مىڭ كىشىنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرغىلى  بولىدۇ.

     كالىنىنگرادتا ئاسىيالىقلار كەمدىن – كەم ئۇچرايدۇ، مۇخبىرىمىز كالىنىنگراد شەھىرىنىڭ مەركىزىدىكى چوڭ تىپتىكى ئۇنىۋېرسال سودا سارىيىنىڭ تېز تاماقخانىسىدا بىر جۇڭگوچە تاماقخانىنى تاپتى. ئۇنىڭ خوجايىنى خاربىندىن كەلگەن ئىكەن. ئۇ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: كالىنگراد شەھىرىدە تەخمىنەن 50 تەك جۇڭگولۇق بار. بۇ جايدىكى بىر نەچچە جۇڭگوچە تاماقخانا كۈتۈۋالىدىغان جۇڭگولۇق ساياھەتچى ناھايىتى ئاز.
بۇ جاي جۇڭگوغا ناھايىتى يىراق بولسىمۇ، نۇرغۇن ياشانغان كىشى جۇڭگو – سوۋېت  دوستلۇقى تىلغا ئېلىنسىلا ئاغزى – ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ كېتىدۇ. كوچىدا سەيلە قىلىۋاتقان بىر موماي مۇخبىرىمىزغا مۇنداق دېدى: مەن ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقاندا جۇڭگولۇق بىر يىگىت بىلەن خەت ئالاقە قىلىشاتتىم. ئەمما كېيىن ئالاقىمىز ئۈزۈلۈپ قالدى.

‹‹يەر شارى ۋاقىت گېزىتى›› دىن 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ