|
مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى يەرلىك پارتكوملارنىڭ تەشكىلات تارماقلىرىدىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 – ماي تېلېگراممىسى. سىچۇەن ئۆلكىسى ئابا زاڭزۇ – چياڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ۋېنچۇەن ناھىيىسىدە 12 – ماي چۈشتىن كېيىن 7.8 بال يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەندىن كېيىن، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى دەرھال ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئالاقىدار يەرلىك پارتكوملارنىڭ تەشكىلات تارماقلىرىدىن يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە خەلقنىڭ ھاياتىغا يۈكسەك مەسئۇل بولۇش روھى بويىچە ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە ئاتلىنىشقا دەرھال سەپەرۋەر قىلىشنى، ئۇلارنىڭ جەڭگىۋار ئىستىھكاملىق ۋە ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، قاپسىلىپ قالغان ئامما ۋە يارىدارلارنى قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، خەلقنىڭ ھاياتى ، بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى 1 – ئورۇنغا قويۇپ، ئاممىنىڭ ھاياتى، بىخەتەرلىكىگە ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.
ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئاپەتكە ئۇچرىغان رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، ۋەزىپە ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، 1 – سەپكە، ئاپەت ئەڭ ئېغىر جايلارغا بېرىپ، سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، ئالدىنقى سەپتە قوماندانلىق قىلىپ، ئاممىنى يېتەكلەپ يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يارىدارلارنىڭ ۋاقتىدا قۇتقۇزۇلۇشىغا بارلىق چارە – ئاماللار بىلەن كاپالەتلىك قىلىشى، بارلىق ئاماللار بىلەن ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك.
ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئالاقىدار يەرلىك پارتكوملارنىڭ تەشكىلات تارماقلىرى شۇ دەرىجىلىك پارتكومغا ۋاكالىتەن باشقۇرۇۋاتقان پارتىيە ئەزالىق بەدەل پۇلىدىن بىر قىسىم مەبلەغ ئاجرىتىپ، بۇ قېتىمقى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە ئىشلىتىشى كېرەك. مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى مەركەزگە ۋاكالىتەن باشقۇرۇۋاتقان پارتىيە ئەزالىق بەدەل پۇلىدىن بىر قىسىم مەبلەغ ئاجرىتىپ، ئاپەت رايونىدا يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قوللاشقا ۋە ئاپەتكە ئۇچرىغانلاردىن ھال سوراشقا ئىشلىتىشنى قارار قىلدى.
ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق تەكىتلەندى: ئالاقىدار يەرلىك پارتكوملارنىڭ تەشكىلات تارماقلىرى پارتكومنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە فۇنكسىيىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش – ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى پائال ياخشى ئىشلىشى، بولۇپمۇ يارىدارلارنى جىددىي قۇتقۇزۇش ۋە ئاپەت رايونىدىكى قىيىنچىلىقى بار ئامما ۋە پارتىيە ئەزالىرىدىن ھال سوراش، ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان رايوندىكى ئاممىنىڭ قىيىن ئۆتكەلدىن ئىمكانقەدەر تېز ئۆتۈشىگە ياردەم قىلىشى كېرەك.
|