|
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 – ماي تېلېگراممىسى. ھاياتنى جىددىي قۇتقۇزۇش جەريانىدا ۋاقىت قانچە چىڭ تۇتۇلسا، كىشىلەرنىڭ ھايات قېلىش ئىمكانىيىتى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن، قۇتقۇزغۇچىلارنىڭ كېلىشىنى ساقلاپ تۇرماي، ۋاقتىدا ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ۋە ئۆزئارا قۇتقۇزۇش كېرەك. يەر تەۋرەشتە كۆمۈلۈپ قالغان كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ۋە ئۆزئارا قۇتقۇزۇشقا تايىنىپ ھايات قالغان.
ئۆزىنى قۇتقۇزۇش پرىنسىپى:
— ئامال بار ھۆل لۆڭگە، كىيىم ياكى باشقا رەخت بىلەن ئېغىز، بۇرۇننى ئېتىۋېلىش ۋە باشنى ئورىۋېلىش كېرەك. بۇنداق قىلغاندا، چاڭ – توزاندا تۇنجۇقۇپ قېلىشتىن، باشنىڭ زەخملىنىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
— ئامال بار قول ۋە پۇتنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، يۈزدىكى توپىنى سۈرتۈش ۋە بەدىنىنى بېسىۋالغان نەرسىلەرنى ئېلىۋېتىش كېرەك.
—ئەتراپىدىكى قولى يېتىدىغان نەرسىلەرنى بەدىنىنى بېسىۋالغان ئېغىر نەرسىلەرگە تىرەك قىلىپ قۇيۇپ، داۋاملىق ئۆرۈلۈپ چۈشۈشتىن ساقلىنىش؛ ھەرىكەت قىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، يېتەرلىك ھاۋا بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
—نەچچە كىشى بىراقلا كۆمۈلۈپ قالغاندا، بىرلىكتە پىلان تۈزۈپ، ئىتتىپاقلىشىپ ۋە ھەمكارلىشىپ ئىش كۈرۈش، زۆرۈر بولغاندا، خەتەردىن قۇتۇلۇش تەدبىرى قوللىنىش كېرەك.
—ئۆتۈشمە يول تېپىپ ۋە قېزىپ، خەتەردىن قۇتۇلۇشنىڭ ئامالىنى قىلىش، يورۇقراق، بىخەتەررەك، كەڭرەك جايغا يۆتكىلىش كېرەك.
—خەتەردىن قۇتۇلۇشقا ئامال بولمىغاندا، ئامال بار كۈچنى خوراتماسلىق كېرەك. پايدىلانغۇدەك نەرسە ۋە سۇ تاپالىسا، پىلانلاپ تېجەپ ئىشلىتىپ، ئامال بار ھايات قېلىش ۋاقتىنى ئۇزارتىپ، قۇتقۇزغۇچىلارنى ساقلاش كېرەك.
—جىسمانىي كۈچىنى تېجەپ، قارىغۇلارچە ‹‹قۇتقۇزۇڭلار›› دەپ ۋارقىرىماسلىق كېرەك. ئەتراپ ناھايىتى جىمجىت بولغاندا ياكى ئۈستىدە (سىرتتا) كىشىلەرنىڭ ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغاندا، خىش، كالتەك قاتارلىق نەرسىلەر ئارقىلىق تامنى ئۇرۇپ، سىرتتىكى كىشىلەرگە ئۇچۇر يەتكۈزۈش كېرەك. يېقىن ئەتراپتا كىشىلەرنىڭ بارلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەندىن كېيىن، ئاندىن ‹‹قۇتقۇزۇڭلار›› دەپ ۋارقىراش كېرەك.
ئۆزئارا قۇتقۇزۇش — خەتەردىن قۇتۇلغان كىشىلەر بىلەن مەخسۇس قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ خارابىدىكى كىشىلەرنى قۇتقۇزۇشىنى كۆرسىتىدۇ.
|