|
*ئامېرىكا، ئارگېنتىنا، ئاۋسترالىيە ۋە ئاۋىسترىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى جۇڭگولۇق مۇھاجىرلار، جۇڭگولۇقلار 12 – ماي جۇڭگونىڭ سىچۇەن ئۆلكىسى ۋېنچۇەن ناھىيىسىدە 7.8 بال يەر تەۋرەپ نۇرغۇن تالاپەت كۆرۈلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، جىددىي ھەرىكەتكە كېلىپ، مۇھاجىرلار ئۆمەكلىرى ۋە شەخسلەرنى بەس – بەستە پۇل ئىئانە قىلىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلقنىڭ ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەملىشىشكە چاقىردى.
*چاد ھۆكۈمىتى 12 – ماي كېچىدە سۇدان بىلەن بولغان چېگرىسىنى ئومۇميۈزلۈك تاقىغانلىقىنى ھەم زۆرۈر تەدبىر قوللىنىپ، چادنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
* ئاقساراينىڭ ئايال باياناتچىسى پېرىنو 12 – ماي مۇنداق دېدى: بۇش زۇڭتۇڭ بۈگۈن روسىيىنىڭ يېڭى زۇڭتۇڭى مېدۋېدېۋ ۋە يېڭى زۇڭلىسى، سابىق زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن تېلېفوندا قىسقا سۆھبەتلەشتى. ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى دوستلۇق، ھەمكارلىق مۇناسىۋەتنى داۋاملىق ساقلاشنى ئۈمىد قىلدى.
*پاكىستاننىڭ سابىق زۇڭلىسى شېرىپ رەھبەرلىكىدىكى مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقى (شېرىپ گۇرۇھى ) نىڭ بىرلەشمە ھۆكۈمەتتىكى توققۇز مىنىستىرى 13 – ماي جىلانى زۇڭلىغا ئىستېپا سۇنۇپ، ئىچكى كابىنېتتىن چېكىنىپ چىقىشنى تەلەپ قىلدى.
* ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى ئولمېرت 12 – ماي ئىسرائىلىيىنىڭ پەلەستىندىكى قوراللىق گۇرۇھلارنىڭ مىسىرنىڭ سالا قىلىشى بىلەن ھاسىل قىلغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى
|