باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
ۋاڭ لېچۈەن لياڭ گۇاڭليې ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى
2008- 05- 14 10:41 شىنجاڭ گېزىتى

     ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ لېچۈەن 13 – ماي كەچتە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، دۆلەت كومىسسارى، قوشۇمچە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لياڭ گۇاڭليې ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

     لياڭ گۇاڭليې ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرىنىڭ تاجىكىستاندا ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىنىغا قاتنىشىش سەپىرىدە ئۈرۈمچىگە چۈشكەن. جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى باش شتابىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ما شياۋتيەن  قاتارلىقلار ئۇنىڭغا ھەمراھ بولدى.

     ۋاڭ لېچۈەن مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، جەمئىيىتى مۇقىم بولۇۋاتىدۇ، ھەر مىللەت خەلقى خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىۋاتىدۇ، بۇ نەتىجىلەرنىڭ قولغا كېلىشى خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ كۈچلۈك كاپالىتىدىن ئايرىلمايدۇ. شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملارنىڭ يەرلىكنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى ساقلاش، ھەربىيلەر بىلەن خەلقنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

      لياڭ گۇاڭليې  كۆپ يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلاردا قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقلىرىنى، بولۇپمۇ مەملىكەتنىڭ سىياسىي ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش جەھەتتە قوشقان تۆھپىسىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ۋە مۇقىملىقىنى  بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

     لەنجۇ ھەربىي رايونىنىڭ سىياسىي كومىسسارى لى چاڭسەي، شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ قوماندانى جۇ جىنلىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ سىياسىي كومىسسارى تيەن شيۇسى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

     ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن نۇر بەكرى، نيې ۋېيگو، فۇ چياڭ، سۇڭ ئەيرۇڭ، جۇ خەيلۇن، جىن نو كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.
 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ