|
ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ ئاپەت رايونىغا پۇل ئىئانە قىلىشىنى چاقىرىق قىلدى
ئۆز خەۋىرىمىز. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى 31 – ماي سىچۇەن ئۆلكىلىك پارتكوم، ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئاپەت رايونىدىكى خەلققە ھېسىداشلىق قىلدى، كۆڭۈل بۆلدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، بەختكە قارشى قازا قىلغانلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ‹‹سىچۇەن ئۆلكىسىدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغانلارغا مېھىر – شەپقەت يەتكۈزۈش، پۇل ئىئانە قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش›› نى تارقىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ ئاپەت رايونىدىكىلەرگە بەس - بەستە پۇل ئىئانە قىلىشىنى چاقىرىق قىلدى.
ھال سوراش تېلېگراممىسىدا مۇنداق دېيىلدى: سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ ۋېنچۇەن ناھىيىسى قاتارلىق جايلاردا كۈچلۈك يەر تەۋرەپ خەلقنىڭ ھاياتى، مال – مۈلكىگە ئېغىر زىيان يەتكەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ قاتتىق چۆچۈدۇق، بىز چوڭقۇر ھېسىداشلىق ۋە دىققەت قىلدۇق، ئاپەت رايونىدىكى كادىرلار، ئاممىدىن ھال سورايمىز، بەختكە قارشى قازا قىلغانلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمىز! ئېغىر ئاپەت شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالدى. سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋە ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە مەدەت بېرىش ئۈچۈن، ئاپەت رايونىغا 4 مىليون يۈەن ئىئانە قىلىپ، ‹‹قىيىنچىلىققا ئۇچرىغانلارغا ھەممەيلەن ياردەم بېرىش›› روھىنى نامايان قىلىشنى قارار قىلدۇق. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مەملىكەت خەلقىنىڭ كۈچلۈك ياردىمىدە، سىچۇەن ئۆلكىلىك پارتكوم، ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ھەم مەملىكەتتىكى كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى نەتىجىسىدە، چوقۇم ھەممە بىر نىيەتتە پولات قورغان ھاسىل قىلىپ، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش كۈرىشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرەلەيدىغانلىقىمىزغا قەتئىي ئىشىنىمىز.
ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى : جايلار ، تارماقلار ، ئورۇنلار مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئالاقىدار قارارىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ، پارتىيە ئەزالىرى ، كادىرلار ۋە ھەر مىلللەت ئاممىسى ئارىسىدا ئاپەت رايونىغا مېھىر – شەپقەت يەتكۈزۈش ، پۇل ئىئانە قىلىش پائالىيىتىنى دەرھال قانات يايدۇرۇشى كېرەك . ئۇقتۇرۇشنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېيىلدى : بۇ قېتىمقى مېھىر – شەپقەت يەتكۈزۈش پائالىيىتىدە ئورۇنلار ۋە ئورۇنلار مەركەزلىك ئىئانە قىلغان ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش پۇللىرى ئاپتونوم رايونلۇق ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىئانە ئىشخانىسغا (ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىدە تەسىس قىلىنغان)ئەۋەتىلىشى كېرەك . ئالاقىلىشىش تېلېفونى : 2886942–0991 ؛ فاكىس: 2862621–0991 ؛ ھېساب ئاچقان بانكا : ئۈرۈمچى قۇرۇلۇش بانكىسىنىڭ ئىتتىپاق يولى شۆبىسى ؛ ئىسچوت نومۇرى : 65001617700050000221. شەخىسلەر ياكى جەمئىيەتتىكىلەر ئىئانە قىلىدىغان قۇتقۇزۇش پۇللىرى شىنجاڭ خەير – ساخاۋەت باش جەمئىيىتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق قىزىل كرېست جەمئىيىتىگە يوللىنىدۇ .
|