|
* ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەنۋەر خىزمەت خەۋىرى ، فوتوسى : مارالبېشى ناھىيە ئاۋات بازارلىق تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ مۇدىرى ، ئوتتۇرا مەكتەپ ئالىي دەرىجىلىك ئوقۇتقۇچى مەمەتجان ئابلىكىم ئوقۇ-ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن شوغۇللىنىپ كېلىۋاتقان 18يىلدىن بۇيان ، ئۆز كەسپىنى قەدىرلەپ ، ئىزدىنىپ ، كەسپىي ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئاساسىدا مەكتەپ باشقۇرۇش ئىشلىرىدا دادىل ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ ، ئوقۇ-ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يىلمۇ يىل يۇقىرى كۆتۈرۈپ ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە ناھىيە بويىچە ئالدىنقى قاتاردا مېڭىپ ، كۆپ قېتىم ۋىلايەت ، ناھىيە بويىچە ‹‹ مۈنەۋۋەر مەكتەپ مۇدىرى›› ،‹‹ ئىلغار مائارىپ خىزمەتچىسى››بولۇپ باھالىنپ ، مۇكاپاتلانغاندىن باشقا ئاپتونوم رايون بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئوتتۇرا - باشللانغۇچ مەكتەپ ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۈلگىلىك دەرىس ئۆتۈش مۇسابىقىسىدە بىرىنچىلىككە ئېرىشىپ ، ناھىيىدىكى ھەر مىللەت مائارىپ خىزمەتچىلىرىگە شان-شەرەپ كەلتۈردى .

سۈرەتتە:مەمەتجان ئابلىكىم (سولدىكى ئىككىنچى كىشى)ياش ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئوقۇ-ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈستىدە تەجرىبە ئالمارشتۇرماقتا
* ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرغۇن ئابلىز خەۋىرى ، فوتوسى : يېقىندا ، يېزا-ئىگىلىك 3-شى پەيزاۋات باش مەيدان مىللىي مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپ پىئونېرلار چوڭ ئەتىرىتى بىلەن خەنزۇ مەكتەپ پىئونېرلار چوڭ ئەتىرىتى بىرلىشىپ ، ‹‹ ئۆز ئارا ئىتتىپاقلىشىپ ، بىرىلىكتە ئالغا باسايلى›› دېگەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئاساسىي تېما قىلىنغان سۆھبەت يىغىنى ۋە مول مەزمۇنلۇق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيتى ئۆتكۈزۈپ ، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ كىچىكىدىن باشلاپلا ئىتتىپاقلىققا ئەھمىيەت بېرىپ ، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش تونۇشىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشكە بەلگىلىك ئاساس سالدى .


سۈرەتتە : پائالىيەتتىن بىر كۆرۈنۈش
* ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرغۇن ئابلىز خەۋىرى ، فوتوسى : يېزا-ئىگىلىك 3-شى كېيىنكى ئەۋلاتلارغا كۆڭۇل بۆلۈش كومىتېتىدىكى دەم ئېلىشقا چىققان پىشقەدەم كادىرلار يېقىندا پەيزاۋات باش مەيدان ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى 2000 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىغا ‹‹ ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش›› ، ‹‹ دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسى قانۇنى ›› ، ‹‹ جىنايەت ۋە جىنايى جازا›› قاتارلىق تېمىلاردا سىستېملىق لىكسىيە سۆزلەپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قانۇن-تۈزۈم ئېڭىنى كۈچەيتىشكە بەلگىلىك ئاساس سالدى .

سۈرەتتە : لىكسىيە سۆزلەش پائالىيتىدىن بىر كۆرۈنۈش
*
|