باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا بولۇتلۇق بولىدۇ ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃31، تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃19بولىدۇ
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىجتىمائىي خەۋەرلەر
جايلاردىكى كۆزنەك ئورۇنلار ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىغا قىزغىن، ئەلا مۇلازىمەت قىلماقتا
2008-May-13 15:48 شىنجاڭ گېزىتى

     شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ خەۋىرى. ئۈرۈمچى جەنۇبىي پويىز ئىستانسىسى مەيدانىنىڭ كوچىغا تۇتاش كىرىش ئېغىزى يېنىدا، كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان قىزىل ئۆگزىلىك ئىككى كىچىك ئۆي بار. بۇ ئۈرۈمچى جەنۇبىي پويىز ئىستانسىسىنىڭ خەلققە قۇلاي قوش تىللىق مۇلازىمەت قوبۇلخانىسى بولۇپ، يولۇچىلار ئۇنى ‹‹قىزىل ئۆي›› دەپ ئاتىشىدۇ. ھازىر، قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان ھامان ‹‹قىزىل ئۆي››گە مۇراجىئەت قىلىش يولۇچىلارنىڭ ئورتاق قارىشىغا ئايلاندى. كۆپ يىللاردىن بۇيان، جايلاردىكى پويىز ئىستانسىسىلىرى، ئايروپورت، دوختۇرخانا قاتارلىق مۇلازىمەت ئورۇنلىرى ئۈنۈملۈك مۇلازىمەت شەكلى توغرىسىدا پائال ئىزدىنىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىغا ئەلا مۇلازىمەت قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.

     ئۈرۈمچىدە —پويىز ئىستانسىسىنىڭ قوش تىللىق خەلققە قۇلاي قوبۇلخانىسى ئالقىشقا ئېرىشتى

     ئۈرۈمچى جەنۇبىي پويىز ئىستانسىسىنىڭ كۈنلۈك يولۇچى توشۇش مىقدارى 50 مىڭ ئادەم(قېتىم)دىن ئاشىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەتلەر كۆپ ساننى ئىگىلەيدۇ. ئىلگىرى خەنزۇچىنى بىلمەيدىغان بەزى ئاز سانلىق مىللەت يولۇچىلىرى ئېزىپ قالغان ياكى نەرسە – كېرەكلىرىنى يىتتۈرۈپ قويغاندا كىمدىن ياردەم تەلەپ قىلىشنى بىلمەي گاڭگىراپ قالاتتى. شۇڭا خەلققە قۇلاي قوش تىللىق مۇلازىمەت قوبۇلخانىسىغا مەخسۇس ئاز سانلىق مىللەت خادىملىرى سەپلەندى. ھازىر ‹‹قىزىل ئۆي›› تىلغا ئېلىنسىلا، ئاز سانلىق مىللەت يولۇچىلىرى ماختىماي قالمايدۇ.

     قوبۇلخانا خادىمى ياسىن مۇنداق بىر ئىشنى سۆزلەپ بەردى. 2007 – يىلى ياز كۈنلىرىنىڭ بىرىدە، ئۇ پويىز ئىستانسىسى مەيدانى يېنىدىكى تېلېفونخانا ئالدىدا خەنزۇ خوجايىننىڭ بىر ئۇيغۇر قىزغا قول ئىشارىتى قىلىپ گەپ سوراۋاتقانلىقىنى، ھېلىقى قىز جاۋاب بەرمەي يىغلاپلا كەتكەنلىكىنى كۆرۈپتۇ .

     ياسىن ئۇ قىز بىلەن پاراڭلىشىپ، ئۇنىڭ قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ قاغىلىق ناھىيىسىدىن كەلگەنلىكىنى، باشقىلارنىڭ تونۇشتۇرۇشى ئارقىلىق گۇاڭجۇغا ئىشلەشكە بارماقچى بولغانلىقىنى، پويىز ئىستانسىسىغا كەلگەندىن كېيىن بۇ ئىشنىڭ پۈتۈنلەي ئالدامچىلىق ئىكەنلىكىنى سېزىپ قېلىپ، يولۇچىلارنىڭ كۆپ بولۇشىدەك پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قېچىپ چىققانلىقىنى، ئۆيىگە تېلېفون بەرمەكچى بولغاندا يېنىدا پۇلى بولمىغاچقا ئامالسىز قالغانلىقىنى، تېلېفونخانا خوجايىنىدىن ياردەم سوراي دېسە خەنزۇچە سوزلىيەلمەي تىت – تىت بولۇپ يىغلاپ كەتكەنلىكىنى بىلىپتۇ.

     ياسىن ئۇ قىزغا تاماق ئېلىپ بېرىپ، ئۆيىگە قايتىدىغان ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇسقا سېلىپ قويۇپتۇ ھەم قىزنىڭ ئاچىسىغا تېلېفون بېرىپ، سىڭلىسىنىڭ بارىدىغان ۋاقتىنى ئېنىق ئېيتىپ بېرىپتۇ. قوبۇلخانا خادىمى ئىلھام: ئايلىق مائاشىمىز كۆپ بولمىسىمۇ، مۇشۇنداق ئەھۋالغا يولۇققاندا ھەممىمىز ياردەم قىلىمىز، دېدى.

     2006 – يىلى 6 – ئايدا تەسىس قىلىنغان ئۈرۈمچى جەنۇبىي پويىز ئىستانسىسىنىڭ خەلققە قۇلاي مۇلازىمەت قوبۇلخانىسى ‹‹جانلىق خەرىتە››گە ئوخشاش مىڭلىغان، ئون مىڭلىغان يولۇچىغا يول كۆرسىتىپ بەردى؛ قوبۇلخانا خادىملىرى ئېزىپ قالغان بالىلارنى ئۆيلىرىگە ئاپىرىپ قويدى، خەلققە قۇلاي مۇلازىمەت قوبۇلخانىسى سانسىز يولۇچىنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى.

     لاسادا —  بارلىق نۆۋەتچى ئايروپىلانلاردا ئۈچ خىل تىل قوللىنىلىدۇ

     لاسا شەھىرى گۇڭگا ئايروپورتىنىڭ ئايروپىلان كۈتۈش زالىدا زاڭزۇچە، خەنزۇچە، ئىنگلىزچە يېزىقتا يېزىلغان خەلق ئاۋىئاتسىيە قانۇن – نىزاملىرى، كۆرسەتمە ۋە پەرقلەندۈرۈش تاختىلىرى كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدۇ. ئايروپورت مەسئۇلى مۇنداق دېدى: بېلەت سېتىش، ئاپپاراتتا مەشغۇلات قىلىش، يەر يۈزى مۇلازىمىتى، بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش قاتارلىق 1 –  لىنىيىدىكى مۇلازىمەت تارماقلىرىغا زاڭزۇچە ۋە خەنزۇچىنى پىششىق بىلىدىغان زاڭزۇ خادىملارنى سەپلىدۇق، ئايروپىلان كۈتۈش زالى قاتارلىق ئاممىۋى سورۇنلاردا زاڭزۇچە، خەنزۇچە ۋە ئىنگلىزچە ئاڭلىتىش بېرىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىزاڭغا كىرىپ – چىقىدىغان بارلىق نۆۋەتچى ئايروپىلانلاردا زاڭزۇچە، خەنزۇچە ۋە ئىنگلىزچە مۇلازىمەت قىلىشنى يولغا قويۇپ، ئاز سانلىق مىللەت يولۇچىلىرىغا قۇلايلىق ياراتتۇق.

     ئىچكى موڭغۇلدا  — موڭغۇللارنىڭ داۋالىنىشىغا ئەتراپلىق مۇلازىمەت قىلىنماقتا

     چارۋىچىلىق رايونىدىن كۆكخوت شەھىرىگە داۋالىنىش ئۈچۈن كەلگەن دېلگېر موماي گەرچە خەنزۇچىنى تولۇق بىلمىسىمۇ، داۋالىنىش جەريانىدا قىينىلىپ قالمىدى.

     دېلگېر موماي مۇنداق دېدى: موڭغۇلچە بىلىدىغان دوختۇرلار كېسەل كۆرسە، ماڭا ئوخشاش چارۋىچىلىق رايونىدىن كەلگەن موڭغۇللارنىڭ داۋالىنىشىغا قۇلايلىق بولىدىكەن، ئەھۋالىمىزنى دوختۇرلارغا تولۇق ئېيتىپ بېرەلەيدىكەنمىز. دوختۇرخانىنىڭ ھەممىلا يېرىگە موڭغۇلچە يېزىلغان كۆرسەتكۈچ تاختىلار قويۇلغاچقا، سىرتقا چىقىپ – كىرگەندىمۇ باشقا بۆلۈملەرگە خاتا كىرىپ قېلىشتىن ئەنسىرىمەيدىكەنمىز.
ھازىر ئىچكى موڭغۇلدا خوشۇن – ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى موڭغۇل تېبابىتى دوختۇرخانىسىدىن 76 سى بار. موڭغۇللار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئاساسىي قاتلام يېزا چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى دوختۇرخانىلاردىمۇ موڭغۇل تېبابىتى بۆلۈمى تەسىس قىلىنغان.

     چىڭخەيدە  —  تۆمۈريول ئىدارىسى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ – ئادىتىگە ھۆرمەت قىلىشنى تەشەببۇس قىلدى

     چىڭخەي – شىزاڭ تۆمۈريول ئىدارىسى ئۆز قارمىقىدىكى ئىستانسىلاردا ‹‹بەشكە رۇخسەت قىلماسلىق›› نى يولغا قويۇپ، شىركەتتىكى بارلىق خادىملاردىن پارتىيىنىڭ مىللەتلەر سىياسىتى بويىچە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ – ئادىتىگە، مىللىي غۇرۇرىغا ھۆرمەت قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

     شۇنىڭ بىلەن بىللە، چىڭخەي ئۆلكىسىدىكى ساياھەت مەنزىرە  نۇقتىلىرىمۇ ئاز سانلىق مىللەت ساياھەتچىلىرىگە باھادا ئېتىبار بەردى. زاڭزۇ، موڭغۇل، يەرلىك ئامما ‹‹تائېر ئىبادەتخانىسى››نى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋېتىلگەن بارلىق ئىبادەتخانىلارنى ھەقسىز ئېكسكۇرسىيە قىلالايدۇ.

    گۇاڭشىدا  — كۆزنەك ئورۇنلار ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىغا قىزغىن مۇلازىمەت قىلماقتا

     يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سودا مىنىستىرلىكى مەملىكەت بويىچە يېزىلاردا زامانىۋى ئوبوروت سىستېمىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مەقسەت قىلىنغان ‹‹يېزا بازارلىرىنى جانلاندۇرۇش قۇرۇلۇشى››نى قانات يايدۇردى. گۇاڭشىدىكى چەت، تاغلىق رايونلاردا ياشايدىغان نۇرغۇن ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىغا نىسبەتەن، ئىشىك ئالدىدا ئېچىلغان بۇنداق زامانىۋى دۇكان ئۇلارنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى ۋە يېزا ئىگىلىك ئەشيالىرى سېتىۋېلىشىغا ئىنتايىن قۇلاي شارائىت يارىتىپ بەردى. گۈيلىننىڭ شىمالىدىكى لۇڭشېڭ مىللەتلەر ئاپتونوم ناھىيىسىدىكى ئون يېزا – بازاردا دېھقانلار دۇكىنىدىن 47سى ئېچىلىپ، يەرلىك ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ نەرسە – كېرەك سېتىۋېلىشىغا قۇلايلىق يارىتىپ بەردى ھەم يېزىلاردىكى بىر قىسىم ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.

     يۈننەندە  —  خېكۇ چېگرا تەكشۈرۈش پونكىتى يەرلىك ئاز سانلىق مىللەت قېرىنداشلارغا سەمىمىي مۇلازىمەت قىلماقتا

     يۈننەن خېكۇ پورتىدا كۈنىگە تەخمىنەن ئون مىڭ ئادەم(قېتىم) چېگرىدىن كىرىپ – چىقىپ تۇرىدۇ. بۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى يەرلىكتىكى ياۋزۇ، مياۋزۇ قاتارلىق ۋيېتنام بىلەن سودا ئالاقىسى بار چېگرا ئاھالىلىرى. بۇ جاي يىل بويى پىژغىرىم ئىسسىق بولغاچقا، خېكۇ چېگرا تەكشۈرۈش پونكىتى پورتتىكى كۈتۈش زالىغا توك سۇدان، خەلققە قۇلاي دورا ساندۇقى ئورۇنلاشتۇردى، ياشانغانلار – بالىلار ئۈچۈن مېۋە – چېۋە تەييارلىدى، گېزىت – ژۇرنال جازىسى قاتارلىق مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى سەپلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ياشانغان، ئاجىز، مېيىپ ساياھەتچىلەرگە ‹‹كۆيۈنۈش يولى›› تەسىس قىلىپ، جىددىي قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش مۇلازىمىتىنى قانات يايدۇردى. يەرلىك ئاز سانلىق مىللەت قېرىنداشلار ‹‹پورتتا ئىتتىپاقلىق گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلدى›› دەپ تەرىپلەشتى. 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ