|
بېيجىڭ ئو ت م غا قاتنىشىدىغان جۇڭگو تەنھەرىكەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بىر قىسىم مۇسابىقە تۈرلىرىدىكى نەتىجىسىنى پەرەز قىلىپ، مۇكاپاتقا ئېرىشكىڭىز بارمۇ؟ لاتارىيە سېتىۋېلىش ئارقىلىق ئو ت م غا ‹‹ئىشتىراك قىلىش›› ۋە ئۇنى قوللاشنى خالامسىز؟ ئۇنداقتا، 28 – ئاپرېلدىن ئېتىبارەن مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش بازارغا سېلىنغان ئو ت م تېمىسىدىكى تەنھەرىكەت لاتارىيىسىنى سېتىۋېلىڭ، كاتتا مۇكاپاتلار سىزنى كۈتمەكتە.
ئىگىلىنىشىچە، دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسىنىڭ لاتارىيە باشقۇرۇش مەركىزى بېيجىڭ ئو ت م نى تەشۋىق قىلىشقا يەنىمۇ ياخشى سەھنە ھازىرلاش ئۈچۈن، بېيجىڭ ئو ت م نىڭ رەسمىي مۇسابىقە تۈرلىرى ئىچىدىكى جۇڭگو تەنھەرىكەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مېدال ئېلىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى، دەپ قارالغان يېنىك ئاتلېتىكا، تىكتاك توپ، پەي توپ، گىمناستىكا، سۇ ئۈزۈش، سۇغا سەكرەش، شتانكا كۆتۈرۈش، قارىغا ئېتىش، مۇسابىقە قېيىقى، قېلېچۋازلىق، ۋېلىسىپىت مىنىش، ياپونچە چېلىشىش قاتارلىق 12 تۈرنى ئاساس قىلغان ئو ت م تېمىسىدىكى لاتارىيىنى بازارغا سالغان. بۇ لاتارىيە ئويۇنىنىڭ ئويناش ئۇسۇلى ئاددىي، قىزىقارلىق بولۇپ، لاتارىيە ھەۋەسكارلىرى جۇڭگو تەنھەرىكەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بۇ 12 تۈردىكى نەتىجىسىنى 12دىن بەشنى تاللاش ئۇسۇلى بويىچە توغرا پەرەز قىلىپ تاللىيالىسا، مۇكاپات چىقىرىش ئارقىلىق 500 يۈەنلىك سالاھىيەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەندىن سىرت، 100 مىڭ يۈەنلىك كاتتا مۇكاپاتتىن بەھرىلىنىش پۇرسىتىگە ئىگە بولىدىكەن. بۇ لاتارىيە جەمئىي 100 قېتىم سېتىلىپ، 7 – ئاۋغۇست سېتىشتىن توختىتىلىدىكەن.
|