|
مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە ، ئاپتونوم رايونلۇق ئۆسۈملۈك ئاسراش پونكىتىنىڭ زىيانداش ھاشارەتلەر، ھاۋا رايى ۋە ئېتىز - ئېرىق ئېكولوگىيىلىك ئۆزگىرىشى قاتارلىق ئۇنىۋېرسال ئامىللارنى تەھلىل قىلىشىچە ، بۇ يىل ياز پەسلىدە چېكەتكە ئاپىتىنىڭ يۈز بېرىش يۈزلىنىشى مۇنداق بولىدىكەن ، ئاسىيا ئۇچار چېكەتكە ئاپىتى ئوتتۇراھال دەرىجىدە كۆرۈلۈپ ، ئاپەت كۆلىمى 1 مىليون 360 مىڭ موغا يېتىدىكەن . ئالتاي ، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، قۇمۇل قاتارلىق ۋىلايەت ، ئوبلاستلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا چېكەتكە ئاپىتى ئېغىرراق بولىدىكەن ، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، تارباغاتاي، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق ۋىلايەت، ئوبلاستلاردا يېنىكرەك بولىدىكەن. ئىتالىيە چىكەتكىسى، سبېرىيە چېكەتكىسى، قىزىل پاچاق كىرائۇس چېكەتكىسى قاتارلىق يەرلىك چېكەتكىلەر ئاپىتى ئوتتۇرا ھال دەرىجىدە كۆرۈلۈپ، دېھقانچىلىق رايونلىرىدا ئاپەت كۆلىمى 6 مىليون 800 مىڭ مو، قېتىمغا يېتىدىكەن، تارباغاتاي، ئالتاي، قۇمۇل قاتارلىق رايونلار قىسمەن جايلىرىدا ئېغىرراق بولىدىكەن.
|