|
جۇڭگو بانكىسىنىڭ شىنجاڭ شۆبىسىگە قاراشلىق 17 ئولىمپىك ئالاھىدە ئىجازەتلىك تاۋارلىرىنى پارچە سېتىش دۇكىنى 30 – ئاپرىلدىن باشلاپ تىجارەت باشلىدى.
ئىگىلىنىشىچە، جۇڭگو بانكىسى 2008 – يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بىردىنبىر پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت ئاپپاراتى ۋە ئولىمپىك مەشئىلىنى يەتكۈزۈشتىكى ياردەم بەرگۈچى ئورۇن بولۇپ، بۇ قېتىم پارچە سېتىلىدىغان ئولىمپىك ئالاھىدە ئىجازەتلىك تاۋارلىرى دۆلەتلىك تەنتەربىيە مەيدانلىرىنىڭ ساپ ئالتۇن، كۈمۈشتىن ياسالغان مودېللىرى، بەش قۇت بەلگىسىنىڭ ئالتۇن، كۈمۈش خاتىرە نۆكچىسى، ئولىمپىك مەشئىلىنىڭ يىغىپ ساقلاش نۇسخىسى، مەشئەل يەتكۈزۈش خاتىرە ئىزنىكى قاتارلىق قىممەت باھالىق بۇيۇملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. مەشئەل يەتكۈزۈش خاتىرە ئىزنىكىگە ئۈرۈمچى، سانجى، شىخەنزە، قەشقەر قاتارلىق ئولىمپىك مەشئىلىنى يەتكۈزۈش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىدىغان شەھەرلەرنىڭ مەنزىرىسى چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، خاتىرە ئىزنىكى بۇ شەھەرلەردە مەشئەل يەتكۈزۈلگەن كۈندىن باشلاپ تارقىتىلىدىكەن.
|