باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىجتىمائىي خەۋەرلەر
جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتى بەلگىلىمە بويىچە تېجەپ ئىشلىتىلىدىغان تەبىئىي گاز مىقدارىنى 290 مىليون كۇب مېتىرغا يەتكۈزۈش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئاتلاندى
2008- 05- 13 11:38 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

       بىر تۈركۈم ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان تەبئىي گازلارنى يىغىۋېلىش قۇرۇلۇشلىرى ۋە ئېشىنچە ئىسسىقلىقتىن پايدىلىنىش قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ئارقا - ئارقىدىن ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتى تارىم نېفىتلىكى 11- بەشيىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدە، ئېنېرگىيە تېجەپ ، بۇلغىمىلارنى ئازايتىشتا خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە باشلىدى، جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتى بەلگىلىمە بويىچە تېجەپ ئىشلىتىلىدىغان تەبىئىي گاز مىقدارىنى 290 مىليون كۇب مېتىرغا يەتكۈزۈش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئاتلاندى.
      جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتى مەسئۇلىنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، 2005- يىلىدىن باشلاپ، شىركەت ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان تەبىئىي گازنى يىغىۋېلىش قۇرۇلۇشى قەدىمىنى تېزلىتىپ، 2005- يىلى ۋە 2006- يىلى جەنۇبىي بۈگۈر مەشغۇلات رايونى، ياقا بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇدى، كۆكيار مەشغۇلات رايونى، ئوتتۇرا تارىم نېفىتلىكى قاتارلىق نېفىتلىكلەردە ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان تەبىئىي گازنى يىغىۋېلىش قۇرۇلۇشىنى تاماملىغان. 2005- يىلى 5 مىليون كۇب مېتىر تەبىئىي گازنى، 2006- يىلى 158 مىليون 700 مىڭ كۇب مېتىر تەبىئىي گازنى يىغىۋالغان. 
      2007 - يىلى، خادا نېفىتلىكىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشتا بىرگە پەيدا بولىدىغان گازلارنى يىغىۋېلىش قۇرۇلۇشى ۋە تىرگەن قويۇق گازلىقىنىڭ يەر يۈزى قۇرۇلۇشى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، يىللىق ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان تەبىئىي گازنى يىغىۋېلىش مىقدارى 115 مىليون 500 مىڭ كۇب مېتىرغا يەتتى، بۇ 140 مىڭ 900 توننا ئۆلچەملىك كۆمۈر ئىشلەپچىقارغان بىلەن، شۇنداقلا 272 مىڭ توننا كاربۇن تۆت ئوكسدنى ئاز قويۇپ بەرگەن بىلەن باراۋۋەر.
      نۆۋەتتە، تارىم نېفىتلىكى قارمىقىدىكى شەرقىي ئازادلىق ئۆستىڭى نېفىتلىكى، شەرقىي دەريا نېفىتلىكىنىڭ تارقاق ھالەتتە ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان تەبىئىي گازنى يىغىۋېلىش قۇرۇلۇشى جىددىي ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ.
   تارىم نېفىتلىكى شىركىتىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: ئېشىنچە ئىسسىقلىتىن تولۇق پايدىلىنىش ئۈچۈن، شىركەت 13 مىڭ كېلوۋاتتىن يۇقىرى قۇۋۋەتكە ئىگە توك تارقىتىش گېنېراتورىغا 22 توننىدىن كۆپرەك ئېشىنچە ئىسسىقلىقتىن پايدىلىنىدىغان 12 دانە پار قازىنى ۋە 38 كېلوۋاتلىق بىر گېنېراتورى ئورناتتۇق، بۇ ئارقىلىق يىلدا 100 مىليون كۇب مېتىردىن كۆپرەك تەبىئىي گازنى تېجەپ قالدۇق.

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ