باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىجتىمائىي خەۋەرلەر
ئەمگەك بىلەن تەربىيلەپ زەھەر تاشلىتىش تەدبىرى كېلەر ئايدىن باشلاپ ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ
2008- 05- 13 11:25 شىنجاڭ گېزىتى

      ‹‹زەھەر تاشلىتىش قانۇنى›› 1 – ئىيۇندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئەمگەك بىلەن تەربىيىلەپ مەجبۇرىي زەھەر تاشلىتىش تەدبىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، دەسلەپتە تەكىتلەنگەن زەھەر چەككۈچىلەرنى جازالاش داۋالاشنى ئاساس قىلىشقا ئۆزگەرتىلىپ، مەھەللىلەردە زەھەر تاشلىتىش تەشەببۇسى گەۋدىلەندۈرۈلدى ھەم ھازىر ئىجرا قىلىنىۋاتقان ئۈچ ئايدىن ئالتە ئايغىچە مەجبۇرىي زەھەر تاشلىتىش ۋاقتى بىر يىلدىن ئۈچ يىلغىچە ئۇزارتىلدى.

     جۇڭگو زەھەر تاشلىتىش فوندى جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى چېن شىنيۇ مۇنداق دېدى: گوۋۇيۈەن ‹‹زەھەر تاشلىتىش قانۇنى››غا ماسلاشتۇرۇپ ‹‹زەھەر تاشلىتىش نىزامى›› تۈزۈشنى پىلانلاۋاتىدۇ، زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ زەھەر خۇمارى كۈچلۈك بولمىسا، مەھەللىلەردە داۋالاش ئاساس قىلىنىپ، كوچا باشقارمىسى، مەھەللە كومىتېتى، يېزا – بازار ئىش بېجىرىش باشقارمىلىرى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ماسلىشىشى بىلەن، بىرلەشمە دوختۇرخانا، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار زەھەر چەككۈچىلەرنى ئۆيىدە داۋالايدۇ، مەجبۇرىي ئايرىپ داۋالاش تەدبىرى قوللىنىلمايدۇ؛ ئەھۋالى ئېغىرلاشقان زەھەر چەككۈچىلەرنى ئەڭ ياخشىسى يەنىلا ئايرىپ مەجبۇرىي زەھەر تاشلاتقۇزۇش كېرەك. ئەگەر مەھەللىلەردە زەھەر تاشلىتىش ئۈچ يىللىق مۇددەتتىن، زەھەر چەككۈچىلەر يىلدا بىر قېتىم بەدەن تەكشۈرتۈشتىن ئۆتەلىسە، زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئۈنۈملۈك بولغان بولىدۇ.

‹‹جۇڭگو تەرمىلەر گېزىتى››دىن
 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ