باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىجتىمائىي خەۋەرلەر
ئاشلىق باھاسىنىڭ تۆۋەن بولۇشى ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە پايدىسىز
2008- 05- 13 11:23 شىنجاڭ گېزىتى

     يېقىندا ‹‹شاڭخەي ئاكسىيە گېزىتى››گە بېسىلغان ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر ئېلىمىزنىڭ ئاشلىق باھاسى دۇنيا بويىچە ئەڭ تۆۋەن بولۇپ، خەلقئارادىكى بۇغداي بىلەن گۈرۈچنىڭ باھاسى ئېلىمىز بۇغداي، گۈرۈچ باھاسىنىڭ ئىككى – ئۈچ ھەسسىسىگە تەڭ كېلىدىكەن. كۆممىقوناق باھاسىمۇ ئېلىمىزنىڭ كۆممىقوناق باھاسىدىن خېلىلا يۇقىرى ئىكەن. ئەينى يىللاردا ئېلىمىز دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولغاندا، زۇڭلى جۇرۇڭجى ئېلىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىكىدىن، يەنى خەلقئارا بازاردىكى تۆۋەن باھالىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېلىمىزنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىغا زەربە بولۇشىدىن بەكمۇ ئەنسىرىگەن ئىدى. ئارىدىن ئالتە يىل ئۆتۈپلا ئېلىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى باھاسى بىلەن خەلقئارا بازاردىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى باھاسى ئوتتۇرىسىدا غايەت زور پەرق كۆرۈلدى. دۇنيا ئىقتىسادى بىر گەۋدىلىشىۋاتقان ئەھۋالدا بۇنداق زور باھا پەرقىنىڭ كۆرۈلۈشى ئەلۋەتتە نورمال ئىش ئەمەس، بۇنداق ئەھۋالدا خەلقئارا بازاردا ئۇزاققىچە پۇت تىرەپ تۇرغىلىمۇ بولمايدۇ.

     ئۇنىڭ ئۈستىگە، يىراققا نەزەر سالغاندا، ئېلىمىزنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى مەسىلىسىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ. ئېلىمىزنىڭ شەھەرلىشىش قەدىمىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، تېرىلغۇ يەر بايلىقىمىز بارغانسېرى ئازىيىپ كەتتى؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە ناچار تەبىئىي مۇھىت، سۇ مەنبەسىنىڭ كەملىكى ئېلىمىزنىڭ ئاشلىق ھوسۇلىنىڭ ئېشىشىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتىدۇ. بۇنداق ۋەزىيەتتە ئاشلىق باھاسىنى مۇۋاپىقلاشتۇرۇش ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى مۇقىملاشتۇرۇشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك بازار ۋاسىتىسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئاشلىق باھاسى مۇۋاپىق بولغاندا، دېھقانلارغا بىۋاسىتە ئۇچۇر بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئاكتىپلىقىنى ئاشۇرۇپ، يەر بايلىقىنى مۇۋاپىق تەقسىملەش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرگىلى، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە پۈتكۈل جەمئىيەتتە ھەر بىر تال ئاشلىقنى، تېرىلغۇ يەرنى قەدىرلەش كەيپىياتىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ.

‹‹گېزىت – ژۇرناللاردىن تەرمىلەر››دىن
 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ