باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا بولۇتلۇق بولىدۇ ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃31، تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃19بولىدۇ
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىقتىسادىي خەۋەرلەر
باھانىڭ ئۆرلەش ۋەزىيىتى پەسكويغا چۈشۈشى مۇمكىن
2008-May-13 11:22 شىنجاڭ گېزىتى

       دۆلەت ئىسلاھات – تەرەققىيات كومىتېتى، سودا مىنىستىرلىكى يېقىندا ئېلان قىلغان تەكشۈرۈش مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئېلىمىزدە گۆش، تۇخۇم، كۆكتات، ئاشلىقنىڭ باھاسى 3 – ئايدىن باشلاپ ئوخشاشمىغان دەرىجىدە ئەسلىگە كەلگەن. بۇنىڭدىن سىرت، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىكىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان ‹‹مەملىكەت بويىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ توپ سېتىلىش باھاسىنىڭ كۆرسەتكۈچى›› بويىچە 3 – ئايدا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ توپ سېتىلىش باھاسىنىڭ ئومۇمىي كۆرسەتكۈچى 123.6 بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكى ساندىن 4.5، سېلىشتۇرما ساندىن 11.3 تۆۋەنلىگەن؛ ‹‹كۆكتاق قۇرۇلۇشى مەھسۇلاتلىرىنىڭ توپ سېتىلىش باھاسىنىڭ كۆرسەتكۈچى›› 124.6 بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكى ساندىن 6.9، سېلىشتۇرما ساندىن 14.1 تۆۋەنلىگەن.

      ئېلىمىزنىڭ CPI ستاتىستىكا مەلۇماتىدا يېمەكلىكنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %34 ئەتراپىدا بولۇپ، خېلى چوڭ سالماقنى ئىگىلىگەن، تۈرلۈك يېمەكلىك باھاسى 3 – ئايدىن باشلاپ ئوخشاشمىغان دەرىجىدە ئەسلىگە كەلگەن. بۇ، CPI  نىڭ ئۆرلەش ۋەزىيىتىنىڭ بەلگىلىك دەرىجىدە پەسكويغا چۈشكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

     بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى جۇڭگو ئىقتىسادى تەتقىقات مەركىزىنىڭ پروفېسسورى سوڭ گوچىڭ مۇنداق دېدى: ئېلىمىزدە مال باھاسىنىڭ ئۆرلىشىدىكى مۇھىم سەۋەب ‹‹ئوبوروتتىكى نەق پۇل ئوشۇقچىلىقى››دا بولۇپ، ھازىر يېمەكلىك باھاسى ئاساسىي جەھەتتىن ئۆرلەپ پەللىگە يەتتى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان مەركىزىي بانكا ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش بىلەن بىللە پۇلنى يىغىۋېلىش سالمىقىنىمۇ ئاشۇردى، بىرىنچى پەسىلدە ئاشكارىلانغان بازار ھەرىكىتىدە قايتۇرۇۋېلىنغان پۇل 36 تىرىليون يۈەنگە يەتتى. گوۋۇيۈەن تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزى ماكرو ئىقتىساد بۆلۈمىنىڭ تەتقىقاتچىسى جاڭ لىچۈن بازار ئارقىلىق تەڭشەش ۋە دۆلەت سىياسىتىنىڭ ئورتاق رولىدا مال باھاسىنىڭ سىجىل ئېشىش ۋەزىيىتى پەسكويغا چۈشۈشى مۇمكىن، دەپ ھېسابلىدى.
 
 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ