|
ئانا دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئىنسان، ئۇلار بىر قولىدا بۆشۈكنى تەۋرەتسە يەنە بىر قولىدا دۇنيانى تەۋرىتىدۇ. ‹‹ئانىلار بايرىمى›› ھارپىسىدا ،يەنى 8 – ماي ‹‹خاۋ سىدىڭ›› مېھمانخانىسىنىڭ يىغىن زالى قاينام – تاشقىنلىققا چۆمدى. چۈنكى، بۇ يەردە ‹‹مېھرىبان ئانىلار››نىڭ ئانىلار بايرىمىنى تەبرىكلەش سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈۋاتاتتى.
سۆھبەت يىغىنىنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاياللار بىرلەشمىسى ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، يىغىنغا ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى توڭ جاۋلىن ۋە رەيھان قاسىم قاتارلىق مېھرىبان ئانىلار ۋەكىللىرى، ‹‹شىنجاڭ ئانىلار جەمئىيىتى›› ۋە ئۇلارغا ياردەم قولىنى سۇنۇۋاتقان ھەرقايسى شىركەت، كارخانىلارنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشتى. 2001 – يىلىدىن بۇيان، ‹‹30 مېھرىبان ئانا›› قىيىنچىلىقى بار، ئوقۇشسىز قېلىۋاتقان ئۆسمۈرلەرگە ئىزچىل ياردەم قولىنى سۇندى. شۇنىڭدىن بېرى جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى ئاق كۆڭۈل كىشىلەر ‹‹مېھرىبان ئانىلار››غا ھەمدەم بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇ ئېسىل روھىنى قوللاپ كەلدى. بۇنىڭ بىلەن، ھازىرغا قەدەر قىيىنچىلىقى بار 1000دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى ‹‹مېھرىبان ئانىلار›› ۋە ئاق كۆڭۈل كىشىلەرنىڭ ياردىمىگە ئېرىشتى. بۇ خىل ئېسىل روھ پەقەت ئۈرۈمچى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، قاراماي، قەشقەر، كۇچا قاتارلىق جايلاردىمۇ ‹‹مېھرىبان ئانىلار›› نىڭ ئىز باسارلىرى يېتىشىپ چىقىپ،بۇ قوشۇن 3000دىن ئېشىپ كەتتى. بۇلارنىڭ تەسىرىدە يەنە بىر تۈركۈم ئاتىلار ‹‹مېھرىبان ئاتىلار›› قوشۇنىنى شەكىللەندۈرۈپ، نەدە قىيىنچىلىقى بارلار بولسا شۇ يەردە پەيدا بولۇپ ئۇلارغا ياردەم قولىنى سۇنۇپ كەلمەكتە.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئامىنە كېرەم مۇنداق دېدى: ئانىلار بايرىمى كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا، بىز بۇ سۆھبەت يىغىنى ئارقىلىق شەھىرىمىزدىكى بارلىق ئانىلارنىڭ ئانىلار بايرىمىنى تەبرىكلەش بىلەن بىللە، جەمئىيىتىمىزدىكى ئانىلارنىڭمۇ ياردەمگە موھتاج بولغان بالىلارغا ياردەم قولىنى سۇنۇشنى ئۈمىد قىلىمىز.
مېھرىبان ئانىلارنىڭ ۋەكىلى رەيھان قاسىم مۇنداق دېدى: ھازىر جەمئىيىتىمىزدە قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم قولىنى سۇنۇۋاتقانلار كۆپىيىۋاتىدۇ. خەنزۇ ئانىلارمۇ ‹‹شىنجاڭ ئانىلار جەمئىيىتى›› قۇرۇپتۇ. بىز بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇشال بولدۇق. مېنىڭچە، جەمئىيىتىمىزدىكى ھەر بىر ئانا قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز پەرزەنتىدەك كۆرۈپ، ئۇلاردىن ياردىمىنى ئايىمىسا، ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولالمايۋاتقان بالىلار ئازايغان ھەتتا تۈگىگەن بولاتتى.
|