|
مۇخبىرنىڭ 8 – ماي ئاپتونوم رايونلۇق كادىرلار نازارىتى سىياسەت، قانۇن – نىزام باشقارمىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇنىڭدىن كېيىن قەشقەر ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، خوتەن ۋىلايىتىدە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا ئادەم قوبۇل قىلىشتا ئاساسىي قاتلامدىكى يېزا – بازاردا خىزمەت قىلغىنىغا ئۈچ يىلدىن ئاشقان مەمۇرلار ئىچىدىن ياخشىلىرى تاللاپ قوبۇل قىلىنىدىكەن. بۇ ئاپتونوم رايونلۇق كادىرلار نازارىتى يېقىندا چىقارغان ‹‹جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ كادىرلار خىزمىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر››دە ئېنىق بەلگىلەنگەن.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئاساسىي قاتلام مەمۇرلىرىنى تەربىيىلەش ۋە ئىشلىتىش سالمىقىنى زورايتىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى بىرىنچى سەپتىن كادىر تاللاشتا چىڭ تۇرۇپ، ‹‹تاللاپ ئەۋەتىلگەن مۇنەۋۋەر ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى››نى باھالاش، تەقدىرلەش پائالىيىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ئۇزاق مۇددەت جاپالىق، چەت يېزا – بازارلاردا يىلتىز تارتقان بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر مەمۇرلار تىپلىرىنى تۇرغۇزۇپ، ئۇلارنىڭ ئىلغار ئىش – پائالىيەتلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، كادىرلارنىڭ جاپالىق، چەت ئاساسىي قاتلامدا تۆھپە يارىتىشىغا ئىلھام بېرىدىكەن.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونىمىز يەنە ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى مەمۇرلارنى تەربىيىلەش سالمىقىنى زورايتىدۇ. تەربىيىلەش پىلانىنى ئەستايىدىل تۈزۈپ چىقىپ، تەربىيىلەشكە يېتەكچىلىك قىلىدۇ ۋە تەربىيىلەش خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرىدۇ. يېزا – بازارلارغا تاللاپ ئەۋەتىلگەن كادىرلارنى دەسلەپكى تەربىيىلەشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ‹‹قوش تىل›› ئىقتىدارى ۋە كاتىپلىق، كومپيۇتېر مەشغۇلاتى قاتارلىق ئاساسىي بىلىملەر بويىچە تەربىيىلەش سالمىقىنى ئاشۇرىدۇ. شەرقىي ۋە غەربىي رايوندا ساھەلەر بويىچە تەربىيىلەش، يېزا – بازار باشلىقلىرىنى ئىگىلىك باشقۇرۇش بويىچە تەربىيىلەش قاتارلىق دۆلەتنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بويىچە تەربىيىلەش تۈرلىرى، شۇنداقلا ۋىلايەت، ئوبلاست، ناھىيە(شەھەر)لىك كادىرلار ئىدارىسىنىڭ بىرىنچى قول باشلىقلىرىنى تەربىيىلەش سانىنى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستقا بېرىلىدىغان تەربىيىلەش نورمىسىنى ئاشۇرۇپ، يېزا – بازار ئاساسىي قاتلام مەمۇرلىرى ۋە كادىرلار خىزمىتى خادىملىرىنىڭ باشقۇرۇش سەۋىيىسى ۋە كەسپىي ساپاسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرىدۇ.
يېزا – بازار ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى تاللاپ ئەۋەتىش ۋە مەمۇرلۇققا قوبۇل قىلىش جەھەتلەردە ئاساسىي قاتلامنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، تاللاپ ئەۋەتىلىدىغان كەسىپلەر ئۈزلۈكسىز تەڭشىلىپ، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، سۇچىلىق، چارۋىچىلىق، شۇنداقلا كاتىپلىق، كومپيۇتېر مەشغۇلاتى قاتارلىق ئاساسىي قاتلام جىددىي ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان كەسىپلەرگە قوبۇل قىلىش نىسبىتى ئاشۇرۇلىدۇ. ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا مەمۇرلۇققا قوبۇل قىلىشتا يازمىچە ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولۇش نومۇر چېكىنى ئايرىم بېكىتىشكە ھەم بەلگىلىك ئورۇنغا شۇ ۋىلايەت، ئوبلاست دائىرىسىدىن قوبۇل قىلىشقا بولىدۇ. زۆرۈر بولغاندا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىن ئايرىم مەمۇرلۇققا قوبۇل قىلىنىدۇ.
|