باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا بولۇتلۇق بولىدۇ ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃31، تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃19بولىدۇ
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئۈرۈمچى خەۋەرلىرى
ئۈرۈمچىدە سۇيۇقلاندۇرۇلغان گازنىڭ بازار باھاسى ئۆستۈرۈلدى
2008-May-13 10:39 شىنجاڭ گېزىتى

      يېقىنقى بىر ھەپتىدىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرىدە سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز بىلەن تەمىنلەش جىددىيلىشىپ كەتكەنلىكتىن، 15 كىلوگراملىق بىر تۇڭ گازنىڭ باھاسى 70 يۈەندىن 85 يۈەنگە ئۆستى، ھەتتا بەزى جايلاردا 100 يۈەنگە چىقتى، نۇرغۇن گاز ئالماشتۇرۇش پونكىتى سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز بىلەن تەمىنلەش مىقدارىغا چەك قويدى.

     ‹‹نۇر›› يولىدىكى گاز ئالماشتۇرۇش پونكىتىدا ئون نەچچە ئادەم گاز ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن ئۆچىرەتتە تۇراتتى. بۇ پونكىتتىكى خىزمەتچى خادىم مۇنداق دېدى: ‹‹ھازىر بۇ پونكىت پەقەت 2008 – يىللىق گاز ئالماشتۇرۇش كىنىشكىسى بار ئاھالىلەرگىلا گازنى 75 يۈەندىن ئالماشتۇرۇپ بېرىۋاتىدۇ.›› ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەر قايسى گاز ئالماشتۇرۇش پونكىتلىرى 2008 – يىللىق گاز ئالماشتۇرۇش كىنىشكىسى بارلارغا 15 كىلوگراملىق سۇيۇقلاندۇرۇلغان گازنى ھۆكۈمەت يېتەكچى باھاسى بويىچە 75 يۈەندىن ساتقان؛ كىنىشكىسى يوقلارغا بازار باھاسى بويىچە ئىش كۆرۈپ، ھەر بىر تۇڭنى 85 يۈەندىن 100 يۈەنگىچە باھادا ساتقان.
شىنجاڭ يېقىلغۇ گاز گۇرۇھىدىكى خادىم چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: ‹‹2008 – يىللىق گاز ئالماشتۇرۇش كىنىشكىسى بارلار 75 يۈەندىن، كىنىشكىسى يوقلار بازار باھاسى بويىچە ئالماشتۇرىدۇ. بىراق، سۇيۇقلاندۇرۇلغان گازنىڭ بازار باھاسىدا بىرلىككە كەلگەن چەك يوق.››

     تونۇشتۇرۇلۇشىچە، چاغاندىن كېيىن، خەلقئارادا نېفىت باھاسى ئۈزلۈكسىز ئۆرلىگەن، بۇنىڭ تەسىرىدە دۆلەت ئىچىدىكى پىششىقلاش زاۋۇتلىرى باھانى داۋاملىق ئۆستۈرگەن، بۇنىڭ بىلەن، يېقىندىن بۇيان ئۈرۈمچى شەھىرىدە سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز تىجارىتى ئورۇنلىرى كىرگۈزىدىغان گازنىڭ باھاسىمۇ ئۆرلەپ، تۇڭلۇق سۇيۇقلاندۇرۇلغان گازنىڭ باھاسى ئۆرلىگەن.
 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ