باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا بولۇتلۇق بولىدۇ ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃31، تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃19بولىدۇ
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئۈرۈمچى خەۋەرلىرى
ئاھالىلەر بۇنىڭدىن كېيىن چۈشلۈك ئارامدىمۇ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كەسپىنى بېجىرەلەيدۇ
2008-May-13 10:35 شىنجاڭ گېزىتى

     ‹‹شىنجاڭ شەھەر گېزىتى›› خەۋىرى. ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئاھالىلەردىن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كەسپى بېجىرگەنلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ‹‹ئۇزۇن ئۆچىرەت›› تە تۇرۇپ باققان، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى تېخى ئۆزىگە نۆۋەت كەلگەندە، خىزمەتچى خادىملار چۈشلۈك ئارامغا چىقىپ كەتكەچكە، چۈشتىن كېيىن قايتا ئۆچىرەت تۇرۇشقا مەجبۇر بولغان....

     23 – ئاپرېل ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىمچە، ئاھالىلەرنىڭ كەسىپ بېجىرىشىگە قۇلايلىق يارىتىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى ھەرقايسى كەسىپ بېجىرىدىغان زاللارنىڭ كەسىپ بېجىرىش ۋاقتىنى كۈندە ئەتىگەن سائەت 10 دىن 17 گىچە تەڭشەپ، چۈشلۈك ئارامنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپتۇ، ئاھالىلەر بۇنىڭدىن كېيىن چۈشلۈك ئارامدىمۇ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا كەسپىنى بېجىرەلەيدىكەن.

     ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىنىڭ 1 – قەۋىتىدىكى ئادەم كۈچى بايلىقى زالى ۋە 3 – ، 4 – ، 5 – قەۋەتتىكى زاللارنىڭ ھەممىسىدە ھەر خىل سۇغۇرتا، كۈتۈنۈش سوممىسىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، خىزمەت ئىستاژىنى باھالاش، ‹‹ئۈچ تۈردىكى›› خادىملارغا تولۇقلىما بېرىش، پېنسىيىگە چىققانلارنى باشقۇرۇش، ئىش ئۈستىدە يارىلىنىشنى بېكىتىش، سىياسەتتىن مەسلىھەت بېرىش قاتارلىق كەسىپلەر سۇپىسى تەسىس قىلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدە، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ئېلىش، پېنسىيىگە چىقىشنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، خىزمەت ئىستاژىنى باھالاش، ‹‹ئۈچ تۈردىكى›› خادىملارغا تولۇقلىما بېرىش قاتارلىق كەسىپلەرنى بېجىرىدىغان سۇپىدا كەسىپ بېجىرىشكە كېلىدىغانلار ھەممىدىن كۆپ بولۇپ، ھەر بىر سۇپىدا كۈنىگە 150 كە يېقىن كىشى ئۆچىرەت تۇرسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئاران 100كىشىلا كەسىپ بېجىرەلەيدۇ.

     ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىدىكى خادىملارنىڭ ئېيتىشىچە، ئىلگىرى كەسىپ بېجىرىش زالىنىڭ خىزمەت ۋاقتى ھەر كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 دىن 14 كىچە، چۈشتىن كېيىن 30: 15 دىن 30: 19غىچە ئىكەن، لېكىن ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنىڭ چېتىلىش دائىرىسى ۋە سۇغۇرتىغا قاتنىشىش دائىرىسىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، كەسىپ بېجىرىشكە كېلىدىغانلار كۈندىن – كۈنگە كۆپىيىپ، چۈشلۈك ئارامدىمۇ ئۇزۇن ئۆچىرەت تۇرۇش ئەھۋالى كۆرۈلگەنلىكتىن، ھەر قايسى كەسىپ بېجىرىش زاللىرىنىڭ كەسىپ بېجىرىش ۋاقتى تەڭشىلىپتۇ، بۇنىڭدىن سىرت، ھەر قايسى كەسىپ بېجىرىش زاللىرىدا كىنىشكا ئېسىپ ئىشقا چۈشۈش، ئەڭ باشتا قوبۇل قىلغۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپتۇ.
 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ