باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىجتىمائىي خەۋەرلەر
ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پايدىلىنىش ماتېرىيالى بازىرىنى قىزىتىۋەتتى
2008- 05- 13 10:33 شىنجاڭ گېزىتى

 مۇخبىرىمىز لى جىڭ

     ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا – ئانىلىرى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىكى ئارزۇ تولدۇرۇش مەسىلىسىگە بارغانسېرى دىققەت قىلماقتا، بۇنىڭ بىلەن، مۇناسىپ پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى ‹‹بازىرى ئىتتىك مال››غا ئايلاندى. ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق ۋاڭ ۋېنجيې ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىدىغان بالىسىغا  ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىلگىرىكى قوبۇل قىلىش نومۇر چېكىگە يېتىشكە ئائىت پايدىلىنىش كىتابلىرىنى ئېلىپ بېرىپلا قالماي، يەنە توردا پۇل خەجلەپ مەسلىھەت سورىغانىدى. بۇ جەرياندا بىر ئالىي مەكتەپنىڭ ئوخشاش يىللىقىغا قوبۇل قىلىش نومۇر چېكىنىڭ توردا ئېلان قىلىنغىنى بىلەن كىتابتا ئېلان قىلىنغىنىنىڭ نەچچە ئون نومۇر پەرقلىنىدىغانلىقى ئۇنى ئويغا سېلىپ قويدى.

     پايدىلىنىش ماتېرىيالى كۆپ بولغانسېرى، ئادەم قايسىسىنى تاللاشنى بىلەلمەي قالىدۇ

     بىرقانچە كۈن ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەر قايسى چوڭ كىتابخانىلارنى زىيارەت قىلىپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا ئائىت كىتاب تۈرلىرىنىڭ ناھايىتى كۆپلۈكىنى بايقىدىم. 22 – ئاپرېل چۈشتە ‹‹دوستلۇق›› يولىدىكى شىنخۇا خەلقئارا كىتاب شەھەرچىسىدە مەخسۇس ‹‹ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا يېتەكچىلىك قىلىش›› رايونى تەسىس قىلىنغانلىقىنى، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا ئائىت 1 – نومۇرلۇق ھۆججەت، كۈچەپ تەييارلىق قىلىش قامۇسى، داڭلىق ئوقۇتقۇچىلار لېكسىيىسى، داڭلىق مەكتەپلەرنىڭ سوئال ئامبىرى، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ئارزۇ تولدۇرۇش يېتەكچىسى قاتارلىق 100 خىلدىن ئارتۇق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا ئائىت پايدىلىنىش ماتېرىيالى بارلىقىنى كۆردۈم. بۇ يەرگە كەلگەن نۇرغۇن ئوقۇغۇچى ۋە ئاتا – ئانىلار پايدىلىنىش ماتېرىيالى كۆپ بولغانسېرى، قايسىسىنى ئېلىشنى بىلەلمەي قالغانلىقىنى ئېيتتى.

     بۇ يىل ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىدىغان قىزىغا ماقالە يېزىشقا ئائىت پايدىلىنىش ماتېرىيالى ئالغىلى كەلگەن يې فامىلىلىك ئايال ماڭا: ‹‹ماتېرىيالنىڭ كۆپلۈكىدىن قايسىسىنى ئېلىشنى بىلەلمەي قالدىم،›› دېدى. ئالىي مەكتەپنىڭ ئىجتىمائىي پەن تۈرىگە ئىمتىھان بېرىدىغان لىن فامىلىلىك ئوقۇغۇچىمۇ ماتېرىيال ئېلىشتا گاڭگىراپ قالغانلىقىنى، شۇڭا كېرەكسىز ماتېرىيال ئېلىپ قالماي دەپ، ئوقۇتقۇچىسىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ماتېرىيال ئالىدىغانلىقى، بەزىدە ئوبدانراق يۈرۈشلۈك ماتېرىياللار بولسا ئۆزى تاللاپ سېتىۋالىدىغانلىقى، بەزى ساۋاقداشلىرىنىڭ كىتابتىن سىرت يەنە ئۆگىنىش دېسكىسى سېتىۋېلىش ئۈچۈنمۇ نۇرغۇن پۇل خەجلىگەنلىكىنى ئېيتتى...

     نۇرغۇن ئوقۇغۇچىنىڭ قولىدا قاتلام – قاتلام كىتاب تۇرۇقلۇق يەنە توختىماي كىتاب تاللاۋاتقانلىقىنى، بەزى ئاتا – ئانىلارنىڭ كىتاب سېتىۋېلىش جەدۋىلى تۈزۈۋېلىپ، شۇ كىتابلارنى ئىزدىشىپ بېرىش ئۈچۈن كىتابخانا خادىملىرىدىن ياردەم سوراۋاتقانلىقىنى، قولىدا ئوقۇتقۇچى كۆرسىتىپ بەرگەن كىتابلار مۇندەرىجىسى بارلارنى، ئالماقچى بولغان كىتابلارنىڭ نامىنى توغرا دەپ بېرەلەيدىغانلاردىن باشقا، يەنە ‹‹ئوقۇپ كۆرۈش›› ئارقىلىق كىتاب سېتىۋېلىشقا مەجبۇر بولۇۋاتقانلارنى، ئاتا – ئانىلارنىڭ قايسى كىتابنى ئېلىشىنى بىلەلمەي بىردەم ئۇ كىتابنى، بىردەم بۇ كىتابنى ۋاراقلاۋاتقانلىقىنى كۆردۈم.

     ‹‹تۈرى شۇنچە كۆپ پايدىلىنىش ماتېرىياللىرىنىڭ سېتىلىش ئەھۋالى قانداق؟››دەپ سورىۋېدىم، كىتابخانا خادىمى: ‹‹ستاتىستىكا قىلىپ باقمىغاچقا توغرا سانلىق مەلۇمات بىلەن تەمىنلىيەلمەيمەن، ئەمما ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى يېقىنلىشىپ قالغانلىقتىن، سېتىلىش مىقدارى ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتىدۇ،›› دېدى. بۇنىڭدىن سىرت، توردىكى ئۇچۇرلارنىڭ كۆپلۈكىدىن كىشىلەر قايسىسىنى تاللاشنى بىلەلمەي قالىدىكەنGOOgle.  قاتارلىق ئىزدەش تورلىرىغا ‹‹ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا ئارزۇ تولدۇرۇش›› دەپ  خەت كىرگۈزسە، بۇنىڭغا ئائىت مىليونلىغان ماقالىنى كۆرگىلى بولىدىكەن، ئۇنىڭ ھەقسىزلىرىمۇ، ھەقلىقلىرىمۇ بار ئىكەن.

     سوئال ئامبىرى مەزمۇنىدىكى كىتابلار ئوخشىشىپ كېتىدۇ، پايدىلىنىش ماتېرىياللىرىدا تەكرار مەزمۇنلار بەك كۆپ

     تۈرلۈك ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى توغرىسىدا مەن زىيارەت قىلغان ئون نەچچە ئاتا – ئانىنىڭ پوزىتسىيىسىنى مۇنداق ئۈچ تۈرگە ئايرىغىلى بولىدۇ: بىرىنچى، ‹‹پايدىلىنىش ماتېرىياللىرىنىڭ كۆپ بولۇشى ياخشى ئىش، ئۇنىڭ بالىلىرىمىزنىڭ نەتىجىسىنى ئاشۇرۇشقا ياردىمى بولسىلا، قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى›› دەپ قارايدىغانلار. ئىككىنچى، چوڭ ئېقىمغا ئەگىشىپ ‹‹بالىلىرىمىز ئېھتىياجلىق بولسىلا، قانچە پۇل خەجلىسەكمۇ بىز رازى›› دەپ قارايدىغانلار. ئۈچىنچى، قارشى پىكىردىكى، ئەمما ئامالسىز سېتىۋالىدىغانلار، بۇ خىلدىكى ئاتا – ئانىلار پايدىلىنىش ماتېرىياللىرىغا ئىدراكىي پوزىتسىيە تۇتۇپ، ‹‹سوئال دېڭىزى›› تاكتىكىسى قوللىنىشقا قارشى تۇرىدىكەن. ئەمما بالىلىرىنىڭ ئوقۇش بېسىمى ۋە مەكتەپنىڭ تەلىپى تۈپەيلىدىن ئامالسىز بۇ كىتابلارنى سېتىۋالىدىكەن.

     سۇڭ خانىم ئەستايىدىل ئانا بولۇپ، بالىسىنىڭ دەرستىن سىرتقى ئوقۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىشقا 3180 يۈەن، كىتاب، ماتېرىيال ئېلىشقا  1800 يۈەن، ئوزۇقلىنىشىغا 2700 يۈەن...كەتكەنلىكىنى خاتىرىلەپ قويۇپتۇ، ئۇ بىر يىلغا  يېقىن ئالىي مەكتەپ تەييارلىقى خىراجىتىنى ھېسابلاپ كۆرۈپ: ‹‹مەن بىلىدىغان كىشىلەر ئارىسىدا خەجلىگەن پۇلىمىزنى كۆپ دېگىلى بولمايدۇ، ›› دېدى.

     ئاتا – ئانىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك: پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئوقۇشىغا پۇل خەجلىسەك يامىنى يوق، شۇڭا ئايلىق ئوتتۇرىچە كىرىمىمىزنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى بالىمىزغا خەجلەۋاتقان بولساقمۇ، بالىلىرىمىزنىڭ ياخشىراق ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈشى، ئىستىقبالىنىڭ ياخشى بولۇشى ئۈچۈن، پۇل چىقىرالىغۇدەك ھالىمىز بولسىلا، ھەرگىز بېخىللىق قىلمايمىز، دېيىشتى. زىيارەت جەريانىدا يەنە كىرىمى يۇقىرى بولمىغان بەزى ئائىلىلەرنىڭ بالىلىرىنىڭ ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىشى ئۈچۈن كۆپ يىللاردىن بۇيان ئامانەت قويۇپ كەلگەن پۇللىرىنى ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى ئىگىلىدىم.

     بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار: ئىنچىكە سەپسالسىڭىز، سوئال ئامبىرى مەزمۇنىدىكى كىتابلار ئوخشىشىپ كېتىدۇ، پايدىلىنىش ماتېرىياللىرىدا تەكرار مەزمۇنلار بەك كۆپ، دەپ قارىدى. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ بىر ئوقۇتقۇچىسى ماڭا مۇنداق تەھلىل قىلىپ بەردى: مۇشۇنداق بولسىمۇ ئاتا – ئانىلار مۇبادا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا بۇ مەزمۇنلار چىقىپ قالسا قانداق قىلىمىز؟ دېگەن قاراشتا بولۇپ، پايدىلىنىش ماتېرىياللىرىنى ئالماي قالمايدۇ. ئاتا – ئانىلاردا ماتېرىيال كۆپ بولسا، پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇش نەتىجىسىنى ئۆرلەتكىلى بولىدىغاندەك تۇيغۇ بولغاچقا، بۇ تۇيغۇ   ‹‹پايدىلىنىش ماتېرىيالى قىزغىنلىقى›› نى تېخىمۇ ئاشۇرۇۋېتىۋاتىدۇ.

     ھازىر تولۇق ئوتتۇرىنىڭ 3 – يىللىقىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ پارتىسىدا قاتلام – قاتلام پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى بار. بەزى ئوقۇغۇچىلار: بۇنچىۋىلا پايدىلىنىش ماتېرىيالى ئالغىنىمىز بىلەن بەزىدە ‹‹ئاغرىققا چىدىماي قالايمىقان دورا يېگەندەك›› بولۇۋاتىمىز. بولۇپمۇ 3 – ئاينىڭ ئالدى – كەينىدە تەكرارنىڭ 2 – باسقۇچىغا قەدەم قويغاندىن بۇيان، ساۋاقداشلىرىمىز پايدىلىنىش ماتېرىيالىغا ئۈمىد باغلاپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىرەر كىتاب ياكى ماتېرىيالدىن ‹‹سوئال چىقىپ قېلىشى›› نى ئارزۇ قىلىۋاتىدۇ، دېدى. بەزى ئوقۇغۇچىلار ئەتراپىدىكى ساۋاقداشلىرىنىڭ ئۆلە – تىرىلىشىغا قارىماي پايدىلىنىش ماتېرىيالى ئېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسە تەسىرگە ئۇچرىماي قالمايدۇ. ئۈرۈمچى شەھەرلىك   54 – ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى يى خاۋ مۇنداق دېدى: ‹‹ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان نەۋرە ئاچام ماڭا ‹‹ئەڭ مۇھىمى دەرسلىكتىكى ئاساسىي بىلىملەرنى ئىگىلەش›› دېدى. ئەمما ئەتراپىمدىكى ساۋاقداشلىرىمنىڭ ھەر خىل پايدىلىنىش ماتېرىياللىرىنى كۆتۈرۈپ يۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئىختىيارسىز جىددىيلىشىپ قالدىم، بۇ پايدىلىنىش ماتېرىياللىرىنىڭ ئىمتىھانغا پايدىسى بار – يوقلۇقىنى بىلمەيمەن.›› 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ