|
ئابدۇرېھىم قادىر
ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا تارىخ دەرسىنى ئۆزلەشتۈرۈش، سوتسىيالىستىك مائارىپ فاڭجېنىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەرس ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئوقۇغۇچىلارغا ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى بېرىش، ئۇلاردا توغرا دۇنيا قاراش، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى ۋە قىممەت قارىشى تىكلەشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
تارىخ جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئەينىكى. تارىخ دەرسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ دۇنيانىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى چۈشىنىش، شۇ ئاساستا ئومۇمىي پەن دەرسلىرىنى ئۆگىنىش ئىرادىسىنى كۈچەيتىپ، ئۆگىنىش نەتىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.
ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە تارىخ دەرسىنى ئوقۇغۇچىلارغا چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك:
1. ئالدى بىلەن تارىخ دەرس ئوقۇتقۇچىنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى ئەتراپلىق، چوڭقۇر بولۇشى، بولۇپمۇ تارىخنى پىششىق بىلىشى لازىم. دەرسنى جەلپ قىلارلىق ئۆتۈشى، ئوقۇغۇچىلارنى زېرىكتۈرۈپ، تارىخ دەرسىگە قىزىقمايدىغان قىلىپ قويۇشتىن ساقلىنىش كېرەك.
2.ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى ئەتراپلىق ئىگىلەپ ئارخىپ قالدۇرۇشى، بولۇپمۇ ئائىلە باشلىقلىرى بىلەن پات – پات سۆھبەتلىشىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش نىشانى، مۇددىئاسى، قىزىقىشىنى چۈشىنىشى، شۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى تارىخ دەرسىنى ئۆگىنىشكە يېتەكلىشى لازىم.
3. سىنىپ ھەيئەتلىرى ۋە تارىخ دەرسىنى ياخشى بىلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى تارىخ دەرسىگە قىزىقمايدىغان ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئۆزئارا ھەمكارلىشىشقا تەكلىپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش ئۇسۇللىرىنى ئۈلگە قىلىش، ئومۇملاشتۇرۇش ئارقىلىق، توغرا ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى تېپىپ، ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلاردا تارىخ دەرسىنى سۆيىدىغان كەيپىياتنى يارىتىش لازىم؛
4. ئوقۇغۇچىلارنى تارىخىي فىلىملەرنى، بولۇپمۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئىرادىسىنى كۈچەيتىدىغان تېلېۋىزىيە تىياتىرى ۋە كىنولارنى كۆرۈشكە دەۋەت قىلىپ، تارىخىي فىلىملەردىن نەقىل كەلتۈرۈپ چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تارىخ دەرسىنى ئۆزلەشتۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم؛
5. ئوقۇغۇچىلارغا جۇڭگو ۋە دۇنيا خەرىتىسى ئارقىلىق كۆرسەتمىلىك دەرس ئۆتۈپ، ئۇلارغا تارىخ دەرسىنى ئۆگىنىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چۈشەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش ئىرادىسىنى ئۈزلۈكسىز يېڭىلاش ۋە كۈچەيتىش لازىم؛
6. ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئۆزىنى بېغىشلاش، خەلقنىڭ بەخت – سائادىتى ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلىشتەك نەمۇنىلىك ئىش – ئىزلىرىنى پاكىتلىق چۈشەندۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ جاپا – مۇشەققەتلەرگە چىداپ ئۆگىنىش ئىرادىسىنى كۈچەيتىش لازىم؛
7. ئوقۇغۇچىلارنى ئەجدادلىرىنىڭ تارىخىي كەچۈرمىشلىرىنى سوراپ خاتىرە قالدۇرۇش، ئۇرۇق – تۇغقانلىرىنىڭ ئائىلە تەزكىرىسىنى يېزىپ تارىخ قالدۇرۇشقا يېتەكلەپ، شۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ تارىخ دەرسىگە قىزىقىش ئىرادىسىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش لازىم؛
8. تارىخىي شەخسلەرنى سۆزلىگەندە، ئۇلارنىڭ يۈكسەك ئىدىيىسى، ئالىيجاناب روھى ۋە ئېسىل پەزىلەتلىرىنى گەۋدىلەندۈرۈش ئارقىلىق، دەرسنىڭ قايىل قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، بۇ ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا بولغان ۋەتەننى سۆيۈش، خەلقنى سۆيۈش، ئەمگەكنى سۆيۈش، ئىلىم – پەننى سۆيۈش، سوتسىيالىزمنى سۆيۈش تەربىيىسىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنى قىيىنچىلىققا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان، قىيىنچىلىقنى يېڭەلەيدىغان، ئەجدادلىرى ۋە ئاتا – ئانىسىنىڭ جاپا – مۇشەققەتلەر ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەن ئەمگەك مېۋىلىرىنى قەدىرلەيدىغان روھنى يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلەش لازىم.
(ئاپتورى: مارالبېشى ناھىيە سېرىقبۇيا بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن)
|