باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىجتىمائىي خەۋەرلەر
ئاز ئۇچرايدىغان ئالاھىدە تىپتىكى قاپلىق قۇرتلۇق جىگەر كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئوپېراتسىيە قىلىندى
2008- 05- 13 10:11 شىنجاڭ گېزىتى

     شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 1 – دوختۇرخانا يېقىندا جىگىرىگە ئاز ئۇچرايدىغان ئالاھىدە تىپتىكى قاپلىق قۇرت چۈشكەن ئاغرىقنىڭ جىگىرىنى بەدىنىدىن ئايرىپ ئېلىپ، جىگەرنىڭ كېسەللىك تارقالغان %60 قىسمىنى كېسىپ تاشلىغاندىن كېيىن قايتىدىن ئۆز تېنىگە كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى.

     ئوپېراتسىيە قىلىنغۇچىنىڭ ئىسمى تاڭ جۇ بولۇپ، بۇ يىل 23 ياشتا. ئۇ ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدىغان ئالاھىدە تىپتىكى جىگەر كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ھەم كېسىلى بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ، جىگىرىدىكى قاپلىق قۇرت ئۆت، مېڭىسىگە تارقىلىپ كۆزى كۆرمەس، بەدىنىنىڭ سول تەرىپى پالەچ بولۇپ قالغان.

     شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىقىدىكى 1 – دوختۇرخانا جىگەر ئالماشتۇرۇش بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى تۇرغان ئەلى مۇنداق دېدى: بۇنداق قاپلىق قۇرتلۇق جىگەر كېسىلىنى بايقاش ۋە داۋالاش تەس، ئۇ پۈتۈن بەدەنگە تارقىلىپ ئاغرىقنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە تاڭ جۇنىڭ جىگىرىدىكى قاپلىق قۇرتنىڭ چوڭلۇقى 12 سانتىمېتىرغا يەتكەن بولۇپ، بۇنداق ئوپېراتسىيىنىڭ مەشغۇلاتى مۇرەككەپ، خەتىرى چوڭ.
ئىگىلىنىشىچە، تاڭ جۇنى ئوپېراتسىيە قىلىشقا 11 سائەت كەتكەن(جىگەرنى بەدەندىن ئايرىپ ئېلىشقىلا ئالتە سائەت كەتكەن) بولۇپ، ئوپېراتسىيىگە 30 دىن ئارتۇق دوختۇر قاتناشقان. دوختورلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئاغرىقنىڭ ئوپېراتسىيىدىن كېيىنكى ئەسلىگە كېلىشى ياخشى بولۇپ، بىر ئايدىن كېيىن دوختۇرخانىدىن چىقىدىكەن.
 

( مۇھەررىر : ئامانگۈل )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ