|
28 – ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن چاقىرىلغان ئاپتونوم رايونلۇق ئاپپارات تەسىس قىلىش ۋە شتات باشقۇرۇش خىزمىتى يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدا پارتكوم، خەلق قۇرۇلتىيى، خەلق ھۆكۈمىتى، سىياسىي كېڭەش، سوت مەھكىمىسى، تەپتىش مەھكىمىسى، ئاممىۋى تەشكىلات، دېموكراتىك پارتىيە – گۇرۇھ ئورگىنى ۋە كەسپىي ئورۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ئاپپارات شتاتىنى ھەقىقىي ئىسىم قوللىنىش تۈزۈمى بويىچە باشقۇرۇش ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇپ، شتاتتىن ئاشۇرۇپ خادىم ئىشلىتىش، شتات ۋە ئىش ئورنى ئارىلىشىپ كېتىش ھەم شتاتنى ئاشۇرۇپ يوللاپ كىرىم قىلىش مەسىلىسى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىنىدىكەن.
ئاپپارات شتاتىدا ھەقىقىي ئىسىم قوللىنىش تۈزۈمى ئاپپارات، شتات ۋە ئەمەلىي بار خادىملارنىڭ زىيادە ئېشىپ كېتىشىنى كونترول قىلىش، ئاپپارات تەسىس قىلىش ۋە شتات باشقۇرۇشقا دائىر قانۇن – نىزام ۋە سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن تۈزۈلگەن، ئاپپارات شتاتىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلايدىغان تۈزۈم. بىر قانچە يىلدىن بۇيانقى ئاپپارات شتاتىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، بەزى رايون ۋە تارماقلاردا شتاتتىن ئاشۇرۇپ خادىم ئىشلىتىش، شتات ئارىلىشىپ كېتىش، ئىش ئورنىدىن ئاشۇرۇپ كادىر سەپلەش، شتاتنى ئاشۇرۇپ يوللاپ كىرىم قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەر ئوخشىمىغان دەرىجىدە ساقلىنىۋېتىپتۇ. شتات باشقۇرۇش بىلەن خادىم باشقۇرۇش خىزمىتىنىڭ باغلانماسلىقى، شتاتنىڭ كونكرېت كىشىگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈلمەسلىكى، خادىملار قۇرۇلمىسى نىسبىتىنىڭ ياخشى ئىجرا قىلىنماسلىقى بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، بۇلتۇر 9 – ئايدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 14 نازارەت، ئىدارە ۋە ئالتە ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردە ئاپپارات شتاتىدا ئەمەلىي ئىسىم قوللىنىش تۈزۈمى بويىچە باشقۇرۇش نۇقتىدا سىناق قىلىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئورگان، كەسپىي ئورۇنلاردا ئىشلەۋاتقان خادىملارنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمى، يەنى 240 مىڭ كىشىنىڭ ئۇچۇرى توپلىنىپ، ئاپپارات شتاتىنى باشقۇرۇش بىلەن مالىيە خام چوتى، تەشكىلات – كادىرلار ئىشلىرىنى باشقۇرۇشنى ماسلاشتۇرۇپ چەكلەش مېخانىزمى دەسلەپكى قەدەمدە ئورنىتىلىپتۇ.
ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك ئورگان، كەسپىي ئورۇنلار بۇنىڭدىن كېيىن ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە قۇرۇق شتاتنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش تۈزۈمىنى ئىجرا قىلىپ، ئاپپارات شتاتىدا ئەمەلىي ئىسىم قوللىنىش تۈزۈمى ئۇچۇر ئامبىرى قۇرۇپ، ھەرىكەتچان باشقۇرۇشنى يولغا قويىدۇ. ئاپپارات شتاتى تارماقلىرى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ تەلىپى بويىچە، ئاپپارات شتاتى ۋە ئەمەلىي خادىم سانىنى تەكشۈرۈپ بېكىتكەندىن كېيىن بوش شتاتنى ئىشلىتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىدۇ. تەشكىلات، كادىرلار تارماقلىرى ئاپپارات شتاتى تارماقلىرىنىڭ شتاتنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش پىكرىگە ئاساسەن، خادىم قوبۇل قىلىش(تەكلىپ قىلىش)، يۆتكەش ۋە مائاش تەستىقلاش رەسمىيىتىنى بېجىرىدۇ. مالىيە تارماقلىرى ئاپپارات شتاتى، تەشكىلات، كادىرلار تارماقلىرىنىڭ ئالاقىدار رەسمىيىتى تولۇق بولغان ئەھۋالدا، خادىملار راسخوتىنى تارقىتىدۇ ۋە بىر تۇتاش مائاش تارقىتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىدۇ. ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تارماقلىرى ئاپپارات شتاتى، تەشكىلات، كادىرلار تارماقلىرىنىڭ ئالاقىدار رەسمىيىتىگە ئاساسەن مۇناسىۋەتلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا رەسمىيىتىنى بېجىرىدۇ.
ئاپتونوم رايونىمىزدا بۇ يىل 5 – ئايدىن باشلاپ ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگىنى، ئاممىۋى تەشكىلات ئورگىنى ۋە كەسپىي ئورۇنلاردا ئاپپارات شتاتىنى ھەقىقىي ئىسىم قوللىنىش تۈزۈمى بويىچە باشقۇرۇش يولغا قويۇلىدۇ. ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت(ئوبلاست، شەھەر)، ناھىيە(شەھەر، رايون) دەرىجىلىك ئورۇنلاردا ئاپپارات شتاتىنى ھەقىقىي ئىسىم قوللىنىش تۈزۈمى بويىچە باشقۇرۇش ئۇچۇر ئامبىرى تەدرىجىي قۇرۇلىدۇ.
|