باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>ئىجتىمائىي خەۋەرلەر
ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سۇغىرىش رايونىدىكى شورلىشىپ كەتكەن تېرىلغۇ يەر كۆلىمى سۇغىرىش رايونىدىكى تېرىلغۇ يەر ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ تەخمىنەن 3 تىن 1 قىسمىنى ئىگىلىگەن
2008- 05- 12 13:14 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

       يېقىندا تاماملانغان ‹‹1 نىڭ نىسبىتى 1 مىليونغا بولغان شىنجاڭ بوستانلىقىدىكى شورلىشىپ كەتكەن يەرلەرنىڭ جايلىشىش توغرىسىدىكى تەتقىقات ›› نەتىجىلىرىدىن ئايان بولۇشىچە ، شىنجاڭنىڭ سۇغىرىش رايونىدىكى شورلىشىپ كەتكەن تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 1 مىليون 620 مىڭ گېكتارغا يېتىپ ، سۇغىرىش رايونىدىكى تېرىلغۇ يەر ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ تەخمىنەن 3 تىن 1 قىسمىنى ئىگىلىگەن. بۇ تۈرنىڭ رىياسەتچىسى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى شىنجاڭ ئېكولوگىيە ۋە جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن تەتقىقاتچىسى چياۋ مۇنىڭ قارىشىچە، پەقەت ئۈنۈملۈك ئۇنىۋېرسال تېزگىنلەش تەدبىرلىرى ئارقىلىق شورلىشىپ كەتكەن يەرلەرنى ئۆزگەرتىپ پايدىلانغاندىلا، ئاپتونوم رايونىمىزنى مەملىكىتىمىز بويىچە ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتىكى يوشۇرۇن كۈچى زور زاپاس بازىغا ئايلاندۇرغىلى بولىدىكەن.
      ‹‹1نىڭ نىسبىتى 1 مىليونغا بولغان شىنجاڭ بوستانلىقتىكى شورلىشىپ كەتكەن يەرلەرنىڭ جايلىشىش توغرىسىدىكى تەتقىقات ››--- ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ زور مەخسۇس تۈرى ‹‹ شىنجاڭ بوستانلىقىدىكى سۇغىرىش رايونىدا شورلىشىپ كەتكەن يەرلەرنى ئۆزگەرتىپ پايدىلىنىش پىلانى›› نىڭ بىر تۈرى بولۇپ ، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى شىنجاڭ ئېكولوگىيە ۋە جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنى ئۈستىگە ئالغان، شىنجاڭ سۇ ئىشلىرى، سۇ - ئېلېكتىر پەنلىرى تەتقىقات يۇرتى، ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق يەرلەرنى رەتلەش مەركىزى قاتارلىق ئورۇنلار قاتنىشىپ  تاماملىغان ئىدى. 2006 - يىلى 7 - ئايدىن باشلاپ، تەتقىقات خادىملىرى يېراقتىن سىزىش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، تۇپرىقى شورلىشىپ كەتكەن ۋادى لىنىيىلىرىنى تەكشۈرۈشكە بىرلەشتۈرۈپ، مەملىكەت بويىچە ئۆلكىنى بىرلىك قىلغان شورلىشىپ كەتكەن يەرلەرنى تەكشۈرۈش پائالىيىتىىنى تۇنجى قېتىم قانات يايدۇردى.
      چياۋ مۇنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، يەرلەرنىڭ شورلىشىپ كېتىشى_ تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ سۈپىتىگە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ، شورلىشىپ كەتكەن يەرلەر مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇشتا يوشۇرۇن كۈچى ئەڭ زور تۇپراق تۈرى ھېسابلىنىدىكەن. ئاپتونوم رايونىمىز مەملىكىتىمىز بويىچە مۇھىم بولغان بوستانلىقتىكى يېزا ئىگىلىك بوز يەر رايونى، شۇنداقلا دۆلىتىمىز بويىچە شورلىشىپ كەتكەن يەر كۆلىمى چوڭ رايون بولۇپ، شور تۇپراقنىڭ تۈرى كۆپ بولغاچقا، دۇنيا بويىچە شور تۇپراق مۇزىيى دەپمۇ ئاتىلىدىكەن.
     تۈر تەتقىقات نەتىجىسىدىن ئايان بولۇشىچە ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تېرىلغۇ يېرى ئىچىدە شورلىشىپ كەتكەن تۈرلۈك تېرىلغۇ يەر كۆلىمى تېرىلغۇ يەر كۆلىمىنىڭ تەخمىنەن 32.07 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىكەن،  ئاساسلىقى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 2 چوڭ ئويمانلىق ئەتراپىدىكى يەلپۈگۈچسىمان كەلكۈن چۆكۈندىسىدىن ھاسىل بولغان بوستانلىققا جايلاشقان بولۇپ، مۇھىملىرى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي باغرىدىكى تاغ ئېتەك تۈزلەڭلىكى، يەكەن دەرياسى ۋادىسىدىكى تىنما تۈزلەڭلىك، قاش دەرياسى دېلتىسى، تەڭرىتاغ شىمالىي باغرى تاغ ئېتەك تۈزلەڭلىكى، بورتالا دەريا جىلغىسى قاتارلىق رايونلاردا ئىكەن، جەنۇبىي شىنجاڭدا تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ شورلىشىشى شىمالىي شىنجاڭغا قارىغاندا ئېغىر ئىكەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شورلىشىپ كەتكەن يەرلەرنى ئۈزلۈكسىز ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، كونا سۇغىرىش رايونى ۋە كونا بوستانلىقلاردىكى شورلىشىپ كەتكەن يەرلەرنىڭ كۆلىمى بەلگىلىك دەرىجىدە ئازايتىلغان. بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشكە قارىغاندا، يېڭىدىن ئېچىلغان تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ تەبىئىي شارائىتى نىسبەتەن ناچار بولغاچقا، يەرلەرنىڭ شورلىشىپ كېتىش ھادىسىسى ئومۇميۈزلۈك بىر قەدەر ئېغىر بولغان، مۇتلەق كۆپ قىسمى ئوتتۇرا ۋە ئېغىر دەرىجىدە شورلىشىپ كەتكەن يەرلەرگە ئايلىنىپ قالغان.
      تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئاساسەن، چياۋ مۇ مۇتەخەسسىسلەرگە ۋەكالىتەن مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئاپتونوم رايونىمىز ئىلگىرىكى شورلىشىپ كەتكەن يەرلەرنى ئۆزگەرتىشتە پەقەت يەككە تەرەپلىمىلىك تەدبىر ياكى قىسمەن رايونلار بىلەن چەكىلىنىپ قېلىش ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتىشى كېرەك، ماكرولۇق باشقۇرۇش ستراتېگىيىسى نوقتىسىدىن چىقىش قىلىپ، ۋادى ۋە سۇغىرىشى رايونىدىكى شورلىشىپ كەتكەن يەرلەرنى رايونلار ئايرىشنى بىر پۈتۈن گەۋدىگە ئايلاندۇرۇش، كۆپ تەرەپلىمىلىك، كۆپ تۈرلۈك تەدبىرلەر تەڭ قوللىنىلغان، تۈرلۈك تېخنىكا قۇرۇلۇشى بىرلەشتۈرۈلگەن ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى تۈزەش نىشانى قىلىش كېرەك.
      چيا مۇ يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئومۇمىي ۋادىنى چىقىش قىلىپ، يەرلىك بىلەن بىڭتۈەن ياكى رايونلار بىلەن رايونلار ئوتتۇرىسىدىكى ھەر قايسى مەمۇرىي ئورۇنلار ئۆز ئارا ماسلىشىپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ، بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى، دەريانىڭ يۇقىرى ئېقىنى بىلەن دەريانىڭ تۆۋەن ئېقىنى، رايونلار بىلەن رايونلار، يېزا ئىگىلىك رايونىنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتى بىلەن بوستانلىق ئەتراپىنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، ۋادىنى مۇكەممەللەشتۈرىدىغان، مۇكەممەل بولغان زەينى چىقىرىۋېتىش، شورنى ئېقىتىۋېتىش سىستېمىسىنى ئورنىتىش كېرەك.

 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ