باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>پەن–مائارىپ
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ‹‹جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن جۇڭگوغا كېلىپ ئوقۇيدىغان چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىدىغان ئالىي مەكتەپ›› بولدى
2008- 05- 12 13:01 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

   شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ‹‹جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن جۇڭگوغا كېلىپ ئوقۇيدىغان چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىدىغان ئالىي مەكتەپ›› بولدى. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئەمدى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن جۇڭگوغا كېلىپ ئوقۇيدىغان چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى تولۇق كۇرس كەسىپلىرىگە قوبۇل قىلالايدۇ. جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن تەمىنلەيدىغان بۇ تۈردە، ھۆكۈمەت يولى ئارقىلىق قوبۇل قىلىنغان چەت ئەللىك مۇنەۋۋەر ياش ئوقۇغۇچىلار جۇڭگودىكى ئالىي مەكتەپلەردە بىلىم ئالىدۇ. 2008 - يىلى، جۇڭگودا ئەسلىدىكى 122 ئالىي مەكتەپ ئاساسىدا، ‹‹ 985 قۇرۇلۇشى›› پىلانىغا كىرگۈزۈلگەن 38 ئالىي مەكتەپ ۋە چەت ، چېگرا ئۆلكە، ئاپتونوم رايوندىكى 9 ئالىي مەكتەپ يېڭىدىن كۆپەيتىلدى ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى. ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى جۇڭگودا ئوقۇشقا چەت ئەللىك 35 ئوقۇغۇچىنى قوبۇل قىلالايدىكەن.

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ