باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>پەن–مائارىپ
لەگلەك ئۇچۇرۇپ توك چىقىرىش
2008- 05- 12 09:57 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

      لەگلەك بىلەن توكنىڭ مۇناسىۋىتى تىلغا ئېلىنسا ، كۆپىنچە كىشىلەر گۈلدۈرمامىلىق يامغۇر ياغقان كۈنى تەۋەككۈلچىلىك بىلەن لەگلەك ئۇچۇرۇپ توكقا دائىر تەجرىبە ئىشلىگەن ئامېرىكىلىق ئالىم فرانكلىننى ئانچە بىلمەسلىكى مۇمكىن. ئەمما گۈلدۈرمامىلىق يامغۇر بۇلۇتىدىن بىۋاستە توكقا ئېرىشىش بەكمۇ خەتەرلىك، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر كۈنىلا گۈلدۇرمامىلىق يامغۇر بۇلۇتى پەيدا بولىۋەرمەيدۇ. شۇنداق بولىشىغا قارىماي، ئالىملار يېقىندا يەنە لەگلەكتىن پايدىلىنىپ ئېلېكتر ئېنېرگىيىسىگە ئېرىشىش ئۇسۇلىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ ئۇسۇل ناھايىتى ئاددىي بولۇپ، لەگلەكنىڭ ئېگىز بوشلۇقتا ئۇدا، تۇراقلىق ئۇچۇشىدىكى شامال كۈچىدىن پايدىلىنىپ توك ھاسىل قىلىشتىن ئىبارەت. ھازىر بۇ تېخى تەجرىبە باسقۇچىدا بولۇپ، يولغا قويۇش مۇمكىن بولسا، بىز مۇھىتنى بۇلغىمايدىغان ئۇسۇل بىلەن ئەرزان ئېلېكتر ئېنېرگىيىسىگە ئىگە بولالايمىز. 
       روسىيە ئالىملىرى لەگلەك شوتىدىن پايدىلىنىپ توك ھاسىل قىلماقچى. شامال كۈچى بىلەن توك ھاسىل قىلىش ئۈسكۈنىلىرى نەچچە ئون يىللىق تەرەققىياتنى باشتىن كەچۈرۈپ، بۇرۇنقى چاقپەلەكلەرگە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان ھالەتكە يەتتى. ھازىرقى بەزى زامانىۋى ‹‹ چاقپەلەك›› لەرنىڭ ئېگىزلىكى نەچچە يۈز مېتىرغا يېتىدۇ. شۇنداق بولسىمۇ، ئالىملار بۇنىڭ بىلەن قانائەتلىنىپ قالغىنى يوق. يېقىندا روسىيە فىزىكا ئالىمى بودگېتس تېخىمۇ ئېگىز بوشلۇقتىكى شامال ئېنېرگىيىسىدىن توك ھاسىل قىلىش تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ تونۇشتۇرۇپ: يەر يۈزىدىن نەچچە مىڭ مېتىر ئىگىزلىكتە تېز لەيلەپ ئۇچۇۋاتقان لەگلەككە چىگىلگەن ئارغامچىنىڭ بىر ئۇچى يەر يۈزىدىكى چىغرىق ماشىنىغا چىگىلگەن بولۇپ، چىغرىق ماشىنىنى ھەركەتلەندۈرىدۇ. بۇ چىغرىق ماشىنا گېنېراتورنىڭ ئاساسىي ئوقىغا تۇتاشتۇرۇلغان بولۇپ، چىغرىق ماشىنا ھەركەتلىنىپ گېنېراتورنى ھەركەتكە كەلتۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن توك ھاسىل بولىدۇ - دەيدۇ. 
         ئېگىزلىكتىكى شامال كۈچى يەر يۈزىدىكىدىن كۆپ كۈچلۈك، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ تېخىمۇ تۇراقلىق ۋە ئۈزلۈكسىزلىككە ئىگە. بودگېتسنىڭ پىلانى بويىچە ئېگىزلىككە يالغۇز بىر ئەمەس، بەلكى زور بىر تۈركۈم، ئاز بولغاندىمۇ 50 دانە غايەت زور لەگلەك چىقىرىلىدىكەن. ھەر بىر لەگلەكنىڭ يېيىلغاندىكى چوڭلۇقى پۇتبول مەيدانىنىڭ چوڭلىقىدا بولىدىكەن. بۇ لەگلەكلەر ئېگىزلىكتە يوقىرىدىن تۆۋەنگە بىر قاتار تىزىلىپ تۇرىدىغان بولۇپ، بەئەينى ئاسمانغا چىقىدىغان شوتىغا ئوخشايدىكەن. بۇ لەگلەكلەرگە چىگىلىدىغان ئارغامچىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 600 مېتىر بولۇپ، توملۇقى ستولبىنىڭ توملۇقىچىلىك كېلىدىكەن. لەگلەكلەر ئۇچقان ئېگىزلىكتىكى شامال كۈچى يېتەرلىك بولمىسا ، ئارغامچىنى يەنىمۇ ئۇزۇنراق قويۇپ بېرىپ ، لەگلەكلەرنى تېخىمۇ ئېگىز ئۇچۇرسا بولىدىكەن. شۇڭا بارلىق لەگلەكلەر ئېگىزلىككە چىقىرىلغاندىن كېيىن، ئادەتتىكى ئەھۋالدا يەرگە چۈشۈپ كەتمەيدىكەن. تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، موشۇنداق بىر يۈرۈش توك ھاسىل قىلىش ئۈسكۈنىسى 100 مېگاۋات توك ھاسىل قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولىدىكەن. 
       ئىتالىيىلىكلەر لەگلەك ‹‹ ئايلانما ياغاچ ئات›› تىن پايدىلىنىپ توك ھاسىل قىلماقچى. ئىتالىيىنىڭ تۇرىن شەھىرىدىكى مەلۇم بىر ئىنژېنېرلار مۇلازىمەت ئورنىنىڭ مەسئۇلى ماسىمۇ ئىبرىتو تونۇشتۇرۇپ: بىز كومپيۇتېردا  مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا تەقلىدىي ھېسابلاش ئېلىپ بېرىپ، توك ھاسىل قىلىش ئىقتىدارى بىر قانچە مېگا كىلوۋاتقا يېتىدىغان چوڭ تىپتىكى شامال كۈچىدىن پايدىلىنىپ توك ھاسىل قىلىش ئۈسكۈنىسىنى ياساش خىيالىغا كەلدۇق - دەيدۇ. ئىتالىيىلىك بۇ ئىنژېنېرلارنىڭ تەسەۋۋۇرى بويىچە، ئېگىز بوشلۇقتىكى لەگلەكلەر شامال كۈچىنىڭ تەسىرىدە يەر يۈزىگە مۇقىملاشتۇرۇلغان ئايلانما ياغاچ ئات شەكلىدىكى تەخسىنى ھەركەتلەندۈرىدىكەن، ئايلانما تەخسىنىڭ ماگنىت مەيدانىدا ئايلىنىشىدىن ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى ھاسىل بولىدىكەن. ئايلانما تەخسىدىن ھەر بىر لەگلەككە يوقىرى قارشىلىققا ئىگە بىر جۈپ كابىل چىقىرىلىپ، ئۇلارنىڭ يۆنىلىشى ۋە بۇلۇڭ گىرادوسى تىزگىنلىنىدىكەن. بۇ يەردە دىيىلىۋاتقىنى ئادەتتىكى لەگلەكلەر بولماستىن، بەلكى ئىنتايىن يەڭگىل ماتېرىياللاردىن ياسالغان، شامالغا چىداش كۈچى كۈچلۈك لەگلەكلەر بولۇپ، لەگلەكلەر 2 مىڭ مېتىر ئىگىزلىكتىكى بوشلۇققا چىقىرىلىدىكەن.
      مۆلچەرلىنىشىچە، لەگلەك شامال كۈچى گېنېراتورىدىن ھاسىل قىلىنىدىغان ھەر مىڭ كىلوۋات سائەت توكنىڭ تەننەرخى ئاران 15 ياۋرو بولىدىكەن. ھازىر ياۋروپا ئەللىرىدە ھەر مىڭ كىلوۋات سائەت توكنىڭ تەننەرخى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 43 ياۋرو بولماقتا. دېمەك، لەگلەك شامال كۈچى گېنېراتورىدا ھاسىل قىلىنغان توكنىڭ تەننەرخى ناھايىتى تۆۋەن.
      ئىبرىتونىڭ ئېيتىشىچە، دېئامېتىرى مىڭ مېتىرغا يېتىدىغان غايەت زور ئايلانما تەخسە 250 مېگاۋات توك ھاسىل قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولىدىكەن. بۇ، توك ھاسىل قىلىش ئىقتىدارى جەھەتتە ئادەتتىكى ئېلېكتر ئىستانسىلىرىدىن قېلىشمايدىغان توك ھاسىل قىلىش ئۈسكۈنىسى بولۇپ، ئۇ ئارقىلىق قايتا توك ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيىگە ئېرىشكىلى بولىدىكەن.

 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ