باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>پەن–مائارىپ
كېۋەزنىڭ مايسا مەزگىلىدىكى پەرۋىشى
2008- 05- 09 12:43 شىنجاڭ گېزىتى

     ھوسۇلنىڭ ئۈچ ئۈلۈشى ئۇرۇقتىن بولسا، يەتتە ئۈلۈشى پەرۋىشتىن، دەيدىغان گەپ بار. كېۋەزنىڭ پەرۋىشى ئۆسۈش مەزگىلىدىكى ئېھتىياجىغا ئاساسەن قىلىنسا، ئاز كۈچ بىلەن يۇقىرى ئۈنۈم ياراتقىلى بولىدۇ. كېۋەزنىڭ مايسا مەزگىلى مايسا ئۈنۈپ چىققاندىن باشلاپ گۈل ئېچىلغىچە بولغان مەزگىلنى كۆرسىتىدۇ.

     1. مايسا ئازاد قىلىش: مايسا ئاساسىي جەھەتتىن قۇرلانغاندىن كېيىن، ئېتىزنى تەكشۈرۈپ، بىخلىنىپ يوپۇقتىن چىقالمىغان مايسىلارنى ۋاقتىدا يوپۇقتىن چىقىرىپ، ئەتراپىغا توپا يۆلەيمىز. مايسا ئازاد قىلغاندا، ھاۋا ئوچۇق كۈنلىرى ئەتىگەندە ياكى چۈشتىن كېيىن مەشغۇلات قىلىمىز. تۆۋەن تېمپېراتۇرا ياكى جۇدۇنلۇق كۈنلەردە مەشغۇلات قىلمايمىز.

      2. مايسا تولۇقلاش: مايسا قۇرلانغان ۋاقىتتا تەپسىلىي كۆزىتىپ، ئۈنمەي قالغان ئورۇنلارغا ۋاقتىدا مايسا تولۇقلايمىز.

      3.تۈپ قالدۇرۇش: كېۋەز %85 ئەتراپىدا ئۈنۈپ چىققاندىن باشلاپلا مايسا تاقلايمىز. بۇنىڭدا ئاجىز، كېسەلمەن مايسىلارنى يۇلۇۋېتىپ، تىمەن، ساغلام مايسىلارنى قالدۇرىمىز. مايسا تاقلاشنى ئەڭ ياخشىسى مايسا ئىككى دانە ھەقىقىي يوپۇرماق چىقىرىشتىن بۇرۇن تۈگىتىپ، ئوزۇقلۇقنىڭ بىھۇدە ئىسراپ بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالىمىز.

      4. كۇلتىۋاتسىيە قىلىش: مايسا ئۈنۈپ چىققاندىن تارتىپ گۈل ئېچىلغىچە بولغان ئارىلىقتا ئىككى، ئۈچ قېتىم كۇلتىۋاتسىيە قىلىپ، تۇپراقنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، مايسا يىلتىزىنىڭ چىرىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىمىز ھەم ئوت – چۆپلەرنى يوقىتىمىز.

      5. خىمىيىلىك كونترول قىلىش: بىرىنچى قېتىملىق خىمىيىلىك كونترول قىلىش ناھايىتى ھالقىلىق رول ئوينايدۇ. بىرىنچى قېتىملىق خىمىيىۋى كونترول قىلىشتا مايسا ئۈچ، تۆت يوپۇرماق چىقارغاندا، ھەر مو يەرگە يېرىم گرامدىن بىر گرامغىچە بوغۇم قىسقارتىش دورىسى چاچىمىز. ئۆسۈشى ئاجىز كېۋەزلەرگە، تۇپراقنىڭ ئۈنۈمدارلىقى تۆۋەن يەرلەرگە ھەر مو يەرگە بەش گرامدىن ئون گرامغىچە يوپۇرماق ئوغۇتى ۋە 100 گرام ئۇرىيىنى 30 كىلوگرام سۇغا تەڭشەپ، يوپۇرماققا تەكشى چاچىمىز. مايسا تۆت، بەش يوپۇرماق چىقارغاندا 2 – قېتىملىق خىمىيىلىك كونترول قىلىمىز. بۇ ۋاقىتتا ھەر مو يەرگە بىر يېرىم گرامدىن ئىككى گرامغىچە بوغۇم قىسقارتىش دورىسى چاچىمىز.

     6. كېسەللىك، ھاشاراتلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش – يوقىتىش: كېۋەز مايسا مەزگىلىدە، ئۇنىڭغا ئاساسلىقى كۆك پىت، قىزىل ئۆمۈچۈك، تىرپىس قاتارلىق ھاشاراتلار زىيان سالىدۇ. ئۇلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش – يوقىتىشتا: 1) ھاشارات پەيدا بولغان تۈپنى چۆرىدەپ،% 40 لىك بىر ئۈلۈش ئوكسىدلانغان روگور (果乐化氧) دورىسىغا بەش ئۈلۈش سۇ ئارىلاشتۇرۇلۇپ تەييارلانغان ئېرىتمىنى بىر كۋادرات مېتىر دائىرىدىكى كېۋەز تۈپلىرىنىڭ قىزىل – يېشىل تۇتاشقان قىسمىنىڭ بىر تەرىپىگە ئىككى، ئۈچ سانتىمېتىر ئەتراپىدا سۈرتىمىز (دورىنىڭ زىيىنىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، پۈتۈن تۈپنى ئايلاندۇرۇپ دورا سۈركەشتىن ساقلىنىمىز). ھاشاراتلارنىڭ دورىغا تاقابىل تۇرۇشچانلىقىنى تۆۋەنلىتىش ۋە پايدىلىق ھاشاراتلارنى قوغداش ئۈچۈن، كەڭ كۆلەمدە دورا چېچىشقا بولمايدۇ؛ 2) ھاشارات دائىرىدە پەيدا بولغاندا، ئۈچ گرام %70 لىك ئەيمېر(尔美爱) پاراشوكىغا 30 كىلوگرام سۇ ياكى سەككىز گرام %20 لىك ياكىجىن (尽克蚜) پاراشوكىغا 15 كىلوگرام سۇ قوشۇپ، يوپۇرماق يۈزىگە تەكشى پۈركۈيمىز.

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ