|
ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ياخشى تاكسى شوپۇرى فېڭ شياۋلۇڭ 4 – ماي مۈرىسىگە شەلپەر ئاسقان، قولىدا گۈل كۆتۈرگەن ھالدا ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ‹‹كۆزگە كۆرۈنگەن ئون ياش›› نى مۇكاپاتلاش سەھنىسىگە چىقتى.
شۇ كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى ‹‹4 – ماي›› ھەرىكىتىنىڭ 89 يىللىقىنى خاتىرىلەش ۋە 4 – نۆۋەتلىك ئۈرۈمچىدىكى ‹‹كۆزگە كۆرۈنگەن (مۇنەۋۋەر) ئون ياش›› قا نام بېرىش، تەقدىرلەش يىغىنى ئاچتى. فېڭ شياۋلۇڭ بىلەن بىللە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ‹‹كۆزگە كۆرۈنگەن ئون ياش›› دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەنلەردىن يەنە مى ئېنجۈن، جاڭ جۈن، خۇ ۋېي، لى شۇلىن، ئابدۇللا ئابدۇرېھىم، لى يەن، لى شۇەنشۆ، رەشىدە ۋە ئابدۇۋەلى ئابلىمىتلار بار. يىغىندا يەنە بايىنچاغان قاتارلىق ئون كىشىگە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ‹‹مۇنەۋۋەر ئون ياش›› دېگەن شەرەپلىك نام بېرىلدى.
تەقدىرلەنگەن بۇ 20 كىشى 1000 غا يېقىن نامزات ئىچىدىن تاللاپ چىقىلغان. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لى جى تەقدىرلەش يىغىنىدا: بۇلتۇردىن بۇيان ئۈرۈمچىدە ھەرقايسى ساھەلەردە خىزمەتتە ئەلا نەتىجە قازانغان بىر تۈركۈم ئىلغار تىپ ۋە نەمۇنىچىلار بارلىققا كەلدى، بۈگۈن تەقدىرلەنگەن ‹‹كۆزگە كۆرۈنگەن ئون ياش›› ۋە ‹‹مۇنەۋۋەر ئون ياش›› ئۇلارنىڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغانلىرى، دېدى.
|