|
* تەكلىپلىك مۇخبىرىمىز: تۇرغۇنجان ئىمىن خەۋىرى ، فوتوسى : مارالبېشى ناھىيىسىنىڭ ئاۋات بازارلىق ئوتتۇرا مەكتىپى يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان كەسپىي مائارىپ خىزمىتىنى كۈچەيتىشنى دېھقان- چارۋىچىلار پەرزەنتلىرىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىدار يېتىلدۈرۈپ ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ، چىقىش يولى تېپىشنىڭ مۇھىم كاپالىتى دەپ قاراپ ، يېتەرلىك مەبلەغ ئاجرىتىپ ، مەكتەپتە كەشتىچىلىك ، ياغاچچىلىق ، ھەيكالتاراچلىق،ئاشپەزلىك ، مىللىي قول- ھۈنەرۋەنچىلىك سىنىپلىرىنى تەىسىس قىلىپ ، يېتەكلەش بىلەن تەربىيىلەشكە ئەھمىيەت بېرىش ئارقىلىق ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجادچانلىقىنى ئاشۇردى . ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلار ۋىلايەت ۋە ناھىيە تەۋەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن يەرمەنكىلەردە ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. بۇ مەكتەپ بۇلتۇردىن بۇيان مەكتەپتە 10 قېتىم ئەنئەنىۋى قول ھۈنەر سەنئەت بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈپ ، بازار تەۋەسىدىكى دېھقان- چارۋىچىلار ، ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار ياسىغان ، ئىجاد قىلغان 350 تىن ئارتۇق ھۆنەر- سەنئەت بۇيۇملىرىنى كۆرگەزمىگە قويۇپ ، ناھىيە تەۋەسى ۋە خوشنا ناھىيە ، يېزا-بازارلاردىن كەلگەن 5000دىن ئارتۇق ئېكىسكۇرىسىيە قىلغۇچىلارنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىپ ، مىللىي قول ھۆنەر- سەنئەت بۇيۇملىرىنىڭ شۆھرىتىنى نامايەن قىلدى .

سۈرەتتە: ناھىيىگە بىۋاستە قاراشلىق ئىدارىلاردىن بارغان كادىرلار كۆرگەزمىگە قويۇلغان بۇيۇملارنى كۆزدىن كەچۈرمەكتە
* ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابلىمىت سوپىھاجى خەۋىرى ، فوتوسى: ئولىمپىك مۇقەددەس مەشئىلى ئېلىمىز چېگرىسى ئىچىدە كۈچ ئۇلاپ يەتكۈزۈلۈپ ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى ئولىمپىك تەنتەنىسىگە چۆمگەن بۇ ماي ئېيىدا ، قەشقەر شەھەرلىك تۈمەنبويى باشلانغۇچ مەكتىپى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ غەلبىلىك چاقىرلىشىنى ئەمەلىي ھەركىتى بىلەن كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن ، 5- ئاينىڭ 8- كۈنىدىن باشلاپ 30- نۆۋەتلىك مەكتەپ تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى . تۈمەنبويى باشلانغۇچ مەكتىپى 1936- يىلى قۇرۇلغان بولۇپ ، قەشقەر شەھىرىدىكى تارىخى ئۇزۇن مەكتەپلەرنىڭ بىرى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، بۇ مەكتەپ ئوقۇ-ئوقۇتۇش خىزمىتىدە يېڭىلىق يارىتىپ ، ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتۇشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ ، ئەدەبىيات-سانئەت ، تەنتەربىيە قاتارلىق ئىشتىن سىرتقى پائالىيەتلەرنى ئاكتىپ قانات يايدۇرۇپ ، شەھەرنىڭ مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە ساپا مائارىپىنى يولغا قويۇش خىزمىتىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ كەلمەكتە. بۇ قېتىمقى تەنھەركەت مۇسابىقىسى مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيان ئۆتكۈزۈپ كەلگەن 30- نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بولۇپ ، ئاساسلىق مۇسابىقە تۈرلىرى يېنىك ئاتلېتىكا تۈرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۈچ كۈن داۋاملىشىدىغان تەنھەركەت مۇسابىقىسىدە ، مەكتەپنىڭ ھەر قايسى يىللىقلىرى بويىچە قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچى ماھىرلار 400 ئادەم قېتىمدىن ئاشىدىكەن. بۇ پائالىيەتتە ، قەشقەردە تۇرۇشلۇق شىنجاڭ قېزىلما بايلىقىنى قېدىرىپ تەكشۈرۈش گېئولوگ 2- چوڭ ئەتىرىتى بۇ مەكتەپكە 17 مىڭ يۈەن نەق پۇل ئىئانە قىلدى. ھەرقايسى قوشنا مەكتەپلەر ، مەھەللە كومىتېتلىرى ، بېيىغان يەككە تىجارەتچىلەر ۋە بىر قىسىم كىشىلەرمۇ 10 مىڭ يۇەنگە يېقىن نەق پۇل، ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىلىرى سوۋغا قىلدى.

سۈرەتتە: مەكتەپ بايراق چىقىرىش ئەترىتى پاراتتىن ئۆتمەكتە
سۈرەتتە: شىنجاڭ قېزىلما بايلىغىنى قىدىرىپ تەكشۈرۈش گېئولوگ 2- چوڭ ئەترىتىنىڭ مەسئۇلى ئالىمجان(سولدا) مەكتەپ رەھبەرلىكىگە ئىئانە قىلىنغان پۇلنى تاپشۇرۇپ بەرمەكتە
سۈرەتتە: تەنتەربىيە پائالىيتىدىن بىر كۆرۈنۈش
|