باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى
ئاپتونوم رايون ئو ت م مەشئىلىنىڭ شىنجاڭدا بىخەتەر يەتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ، 100كۈنلۈك بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ھەرىكىتىنى يولغا قويدى
2008- 05- 08 16:41 شىنجاڭ گېزىتى

     ئو ت م مەشئىلىنىڭ شىنجاڭدا بىخەتەر، ئوڭۇشلۇق يەتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ۋە بېيجىڭ ئو ت م، مېيىپلەر ئو ت م نىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشىگە بىخەتەر مۇھىت يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى 4 – ئاينىڭ ئاخىرىدىن 7 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئاپتونوم رايون دائىرىسىدە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى 100 كۈنلۈك تەكشۈرۈش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلدى. بۇنى مۇخبىرىمىز 28 – ئاپرېل چاقىرىلغان ئاپتونوم رايونلۇق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدىن ئىگىلىگەن.

     تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش دائىرىسى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى رايونلار، كەسىپ – ساھە ۋە تىجارەت ئورۇنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. نۇقتىلىق كەسىپ – ساھەلەر ئىچىدە تاشيول ترانسپورت، كۆمۈر كان، ئوت مۇداپىئە، خەتەرلىك خىمىيىلىك بۇيۇملار، بىناكارلىق قۇرۇلۇشى قاتارلىقلار بار ئىكەن. نۇقتىلىق كارخانىلار كۆمۈر كان كارخانىلىرى، يەر ئاستى مېتال، مېتاللوئىد كانلىرىنى ئېچىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. نۇقتىلىق ئورۇنلار سودا ساراي، توپ سېتىش بازىرى، جامائەت كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى، ساياھەت مەنزىرە نۇقتىسى قاتارلىق ئادەم توپلىشىدىغان ئورۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

     يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: جايلار 100 كۈنلۈك بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ئورنىتىپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، رەسمىيەتچىلىك قىلماي، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ يوچۇق قويماسلىقى كېرەك. ئادەتتىكى يوشۇرۇن خەۋپنى دەرھال تۈگىتىشى، زور يوشۇرۇن خەۋپكە قارىتا ‹‹بەشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش››نى ياخشى ئىشلىشى، دەماللىققا تۈزەتكىلى بولمايدىغان ھەم بىخەتەرلىككە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدىغان خەۋپنى بايقىغان ھامان ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىپ تەرتىپكە سېلىشى ياكى تاقىشى كېرەك. ۋەقە يۈز بېرىشتىن ئىلگىرىكى ئالدىنى ئېلىش ۋە مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت، تارماقلارنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتى ۋە كارخانىلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى ئاساسىي سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىخەتەرلىك ئاساسى ئاجىز، خەۋپ كۆپ كۆرۈلىدىغان، كۆپ يۈز بېرىدىغان نۇقتىلىق كارخانىلارنى ئالا قويماي تەكشۈرۈشى كېرەك؛ 100 كۈنلۈك تەكشۈرۈش مەخسۇس ھەرىكىتى داۋامىدا مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغان، مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغانلار ۋە بۇ جەرياندا زور ۋەقە يۈز بەرسە ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. 

( مۇھەررىر : لالە )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ