باش بەت | خەۋەر مەركىزى | گۈزەل شىنجاڭ | مەدەنىيەت | تەڭرىتاغ ئەدەبىياتى | تۇرمۇش | تەڭرىتاغ ئېكرانى | پارتىيە–ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى | بېكىتىمىز
ئۈرۈمچىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32،تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃21بولىدۇ.
首页>>خەۋەر مەركىزى>>پەن–مائارىپ
مەملىكەت بويىچە شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى تەسىس قىلغان 50 مەكتەپتىن كەلگەن 87 ئوقۇتقۇچى ئاپتونوم رايونىمىزدا 10 كۈن مەخسۇس تەربىيىلىنىدۇ
2008- 05- 08 12:13 شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورى

      2008- يىللىق 1 - قارارلىق ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىنىڭ ئەخلاق تەربىيىسى ۋە ئىدىيە - سىياسىي تەربىيىسى بويىچە مەخسۇس تەربىيىلەش كۇرسىدا تۈنۈگۈن ئوقۇش باشلاندى. مەملىكەت بويىچە شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى تەسىس قىلغان 50 مەكتەپتىن كەلگەن 87 ئوقۇتقۇچى ئاپتونوم رايونىمىزدا 10 كۈن مەخسۇس تەربىيىلىنىدۇ.
      ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جىن نو ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى. ئۇ تەربىيىلەش ئارقىلىق، شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى تەسىس قىلىنغان مەكتەپلەرنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ شىنجاڭغا بولغان چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى، ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەخلاق تەربىيىسى ۋە ئىدىيە - سىياسىي تەربىيىسى خىزمىتىنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئەمەلىي قوللىنىشچانلىقىنى كۈچەيتىشنى ھەمدە ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى ئوقۇغۇچىلىرىنى تەربىيىلەش ۋە باشقۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلدى.
      ئىگىلىنىشىچە، ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى تەسىس قىلىنغاندىن بۇيان، دۆلەتنىڭ ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىنىڭ ئۇل مۇئەسسەسەلەر قۇرۇلۇشى قاتارلىق تۈرلۈك خىراجىتىگە ئاجراتقان مەبلىغى 400 مىليون يۈەنگە يەتكەن، ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى تەسىس قىلىنغان مۇتلەق كۆپ ساندىكى شەھەرلەرنىڭ مالىيىدىن ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن يىلىغا ئاجراتقان مەبلىغى 10 مىڭ يۈەندىن ئاشقان، ھازىرغىچە، ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى 8 قاراردا 18 مىڭ ئوقۇغۇچىنى قوبۇل قىلىش ۋەزىپىسىنى تاماملىغان.

 

( مۇھەررىر : قەيسەر )

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسىغا تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى قۇردى

تېلېفون:Tel:0991-8521981       ئەسەر ئەۋەتىڭ         قوشۇۋېلىڭ       قوشۇۋېلىڭ